- جۇغلانما
- 1014
UID710
تىزىملاتقان2011-3-26
ئاخىرقى قېتىم2015-3-18
توردا77 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1014
- ئاقچا
- 34

|
نۆۋەتتە ئەڭ مودا بولىۋاتقان فىلىم كۈرۈش ئۇسۇلى HDMIسىمى ئارقىلىق كومپيۇتېرنى تىلۋۇزۇرغا چېتىپ فىلىم كۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ قالدى. HDMI سىمى يەنە يۇقىرى ئېنىقلىق سىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى قەشقەر كومپيۇتېر بازىرىدىن HDMI سىمىدىن 10 مىتىرلىقتىن بىرنى سېتىۋېلىپ كومپيۇتېرىم بىلەن تىلۋۇزۇرنى ئۇلىغان ئىدىم. ئەپسۇس، «ئەرزان مالنىڭ شورپىسى يوق» دېگەندەك تىلۋۇزۇردا ئىنكاس يوق بولۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ تاۋباۋ تورىدىن SONY ماركىلىق HDMI سىمىنىڭ 10 مىتىرلىقىدىن بىرنى سېتىۋالدىم. سىناش ئارقىلىق مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ئەلقۇت تورىدا بۇ ماقالىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
كىرەكلىك ئۈسكۈنىلەر:
كومپيۇتېر (قۇراشتۇرغان كومپيۇتېر بولسىمۇ بولىدۇ، لىكىن چوقۇم كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ HDMI ئېغىزى بار بولۇشى كېرەك. چامادان كومپيۇتېرلاردا ئادەتتە بۇ ئېغىز بار بولۇپ، ناۋادا چامدان كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالسىڭىز سىمنىڭ ئۇزۇنلىقىنى مۆلچەرلەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ)
كومپيۇتېرنىڭ كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ HDMI ئېغىزى بولىشى كېرەك. نۆۋەتتە ھازىر يېڭىدىن چىقىۋاتقان كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇ ئېغىز بار. مىنىڭ كومپيۇتېرىمنىڭ NviDIA GeForce GT 640 تىپلىق.
تىلۋۇزۇر. ئەلۋەتتە تىلۋۇزۇرنىڭ رۇلىمۇ چوڭ. ئىستىمال سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان تىلۋۇزۇرلارمۇ ئىلغارلاشماقتا. نۆۋەتتە نىپىز ئىكرانلىق تىلۋۇزۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىدە HDMI چېتىش ئېغىزى بىرلىكتە سەپلەپ چىقىرىلماقتا. شۇڭا تىلۋۇزۇر سېتىۋالغاندا مۇشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
HDMI ئۆلچەملىك سىم. بۇ سىمنىڭ ئۇزۇنلىقىنى ئادەتتە ئېھتىياجغا ئاساسەن تاللاپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. مەن SONY مارلىق سىم سېتىۋالغان ئىدىم. نۆۋەتتە شۇنداق نورمال ئىشلەۋاتىدۇ. قىزىققۇچىلارغا تاۋباۋ تورىدىن مەن مال سېتىۋالغان ئادرىسنى قالدۇرمەن.
http://item.taobao.com/item.htm? ... p;cm_id=&pm_id=
ئەمدى ئارتۇق گەپنى قويۇپ، تۆۋەندىكى فىلىمنى كۆرسىڭىز نېمە ئۈچۈن HDMI سىمى ئىشلىتىشنى ئويلاشنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ قالىسىز.
تەرتىپ بويىچە كومپيۇتېرغا تىلۋۇزۇرنى ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن كومپيۇتېردا تۆۋەندىكىدەك تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز.
كومپيۇتېدا ئىكران ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ، ئىچىدىن NVIDIA كونترول تاختىسىغا كىرىمىز. سول تەرەپتىكى تىزىملىكتىن 设置多个显示器 نى تاللايمىز. يېڭى دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ.
سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا ئىككى ئىكران كۆرسىتىدۇ. ئەمدى تىلۋۇزۇرنىڭ سىگنال ئېغىزىنى تىزگىنەكتە تاللاپ قويسىڭىزلا كومپيۇتېر ئىگرانىنىڭ تەگلىكى تىلۋۇزۇردا كۈرۈنىدۇ.
يەنە بىر خىل ئۇسۇل:
ئىكراننىڭ ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز. چىققان تىزىملىكتىن 屏幕分辨率 نى تاللىساق تۆۋەندىكىدەك ئىككى ئىكران كۈرۈنىدۇ.
يۇقارقى كۆزنەك ئېچىلغاندىن كېيىن تىلۋۇزۇرنىڭ سىگنال مەنبەسىنى HDMI ئېغىزىغا توغرىلاپ، 识别 كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز كومپيۇتېر ئىكرانى بىلەن تىلۋۇزۇر ئىكرانىدا ماس بولغان رەقەم بىلەن ئايرىپ كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
يۇقارقى كۆزنەكتىكى 多显示器 دىن ماس تۈرنى تاللاش ئارقىلىق كومپيۇتېر ئىكرانىنى تىلۋۇزۇردا كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
بۇ تۈردىن 复制这个显示 نى تاللىغاندا كومپيۇتېر ئىكرانىدا نېمە بولسا تىلۋۇزۇر ئىكرانىدىمۇ شۇ كۈرۈنىدۇ.
بۇ تۈردىن 扩展这些显示 نى تاللىغاندا كومپيۇتېر ئىكرانىدا بىرەر فىلىمنى قويغاندىن كېيىن فىلىم كۆزنىكىنى مائۇس بىلەن كومپيۇتېر ئىكرانىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە سىرىپ ئاپىرۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن تىلۋۇزۇر ئىكرانىدا كۆرۈنىدۇ.
بۇ تۈردىن 这在1上显示 نى تاللىغاندا 1-نومۇر دەپ بېكىتىلگىنى قايسى ئىكران بولسا شۇ ئىكراندا نۆۋەتتىكى مەشغۇلات كۈرۈنىدۇ. 2نى تاللىساقمۇ ئوخشاش.
يۇقارقى تۈرلەر بويىچە ئىكراننىغۇ تىلۋۇزۇردا قويالىدۇق. ئەمدىكى مەقسەت كومپيۇتېردا قويغان فىلىمنىڭ ئاۋازىنى تىلۋۇزۇردا چىقىرىش.
كومپيۇتېرنىڭ 控制面板 گە كىرىپ، 硬件和声音 گە كىرىپ، ئىچىدىن 声音نى تاللايمىز.
ماقالىنىڭ داۋامى: http://www.alqut.com/Item/477.aspx دە. ماقالىنى بىۋاسىتە كۆچۈرۈپ كەلسەم رەسىملىرى كۆرۈنمەي قالدى. ئىھتىياجلىقلار يۇقارقى ئادرىستىن كۆرسەڭلار بولىدۇ. |
|