- جۇغلانما
- 1846
UID20496
تىزىملاتقان2013-7-27
ئاخىرقى قېتىم2015-3-21
توردا618 سائەت
ئالىي ئەزا
تور سودىگىرى

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1846
- ئاقچا
- 0

|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۆك ئارال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-28 03:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
مەنمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىستۇرۇپ قۇياي .
مۇشۇ مۇنبەردە كارتا ساتىدىغانلارنىڭ تېمىسى بىردەك تەستىقلانمايدۇ دەپسىز ، بۇنداق بولغاندا باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىغا سۇغۇق سۇ سەپكەن بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالغۇدەك . بىر نەچچە نىجىس تىجارەتچى مۇنبەردىكى بەزەن بىر كىشىلەرنىڭ پۇلىنى ئالدىدى دەپ باشقا ئالدىمىغان ، مۇنبەردىكىلەر بىلەن ئادىل سودا قىلىۋاتقان ، لەۋزىدە تۇرۇپ باشقىلارنى ئالداپ باقمىغانلارنىڭمۇ تېمىسى شۇ سەۋەپتىن تەستىقلانمىسا ئۇنداقتا سىلەر شۇلارنىمۇ ئالدامچى قاتارىدا سانىغان بولۇپ قالغۇدەكسىلەر .
ئەگەر شۇنداق كارتا ساتىدىغانلار تېما يوللىسا ئۇلارنى قوللاپ ئاز تۇلا ئۇيغۇرلارنىڭ سودىسىنى قوللىشىمىز كېرەكتى دەپ ئويلايمەن . ئەگەر بەكلا ئالداپ كەتتى دەپ ئويلانساڭلار ئۇنداقتا ئېلان تىپىدىكى تېمىلارغا سىلەر مەسئۇل بولۇپ خېرىدار پۇلنى سىلەرنىڭ ھېساباتقا ئورۇپ بەرسە سىلەر خېرىدار قولىغا مال تىگىپ رازى بولغاندا سىلەرگە دىسە مال ئىشەنچىلىك دەپ سىلەر ساتقۇچىغا بەرسەڭلار بولدۇ ، بۇنداق قىلغاندا سىلەرگىمۇ پايدىسى بار 3 % تىن 5% سودا پۇلىدىن ئىككى تەرەپ سىلەرگە ھەق تۆلىسە شۇ ئاز تۇلا پۇل بىلەن مۇنبەرنىڭ ئىسمىنىڭ پۇلى بولسىمۇ يىغىلىپ قالاتتى .
ئەلۋەتتە بەش قول تەڭ ئەمەس ھەممە ئادەم راستچىل بولۇشى تېخىمۇ ناتايىن ، لېكىن شۇ بەزەن ناچارنىجىسلار سەۋەبىدىن ھەممە ئادەمدىن بىر تاياقتا ھەيدەش راسلا ئەقىلگە سىغمىغۇدەك .
ئەگەر ئېلان تىپىدىكى تېمىلار تەستىقلانمايدۇ دېسەڭلار ئۇنداقتا ئۇنى كارتىغا باغلىۋالماي پۈتۈن ئېلانلارغا مەيلى يانفۇن ساتسۇن ياكى پۇل قاچىلسۇن ، ياكى باشقا بىر نەرسە ساتسۇن ھەممىسىنى تەستىقلىماڭلار ئۇنداق بولغاندا بىزمۇ تېما يوللاپ جاپا تارتمايمىز .
مەن بىلەن بۇ مۇنبەردە مۇئامىلە قىلغانلارنىڭ سانى 30 غا باردۇ مېنى كۆرمەي تۈرۈپ پۇل سالغانلارمۇ بار ، مېنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ كارتا ئالغانلىرىمۇ بار ، Pro ياكى كۆك ئارال دىسە تۇنىمايدغانلار ئاز . قېنى قالغىنىنى پىكىر تەكلىپلەرنى ئويلىشىپ باقارسىلەر . ئۇيغۇر تور سودىسىنى بىزمۇ راۋاجلاندۇرۇپ باقساق دېگەن ئۈمىدتە .
http://aral.tawarim.com |
|