- جۇغلانما
- 945
UID2370
تىزىملاتقان2011-8-15
ئاخىرقى قېتىم2015-2-16
توردا122 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 945
- ئاقچا
- 23

|
خەت نۇسخىسى مېنىڭچە 9100،9000غا ئىشلەتكىنى بولىدۇ. ئاددى ھەم كۆركەم.
مۇمكىن بولسا، 4.0 گە كەلگەندە، ئالدىنقى نەشىردىكى بەزى بىر نوقسانلارنى تۈزەتكەچ ماڭساڭلار. مەسىلەن:
1. بەزى سۆزلۈكلەر تەرجىمىسى بەك ئۆلۈك بولۇپ قالغاندەك بىلىندى(‹سۈرەت يىققۇچ› دېگەنگە ئوخشاش).
2. تەڭشەك ئىچىدىكى ئۇيغۇرچە بىر قۇرغا پاتمىغان يەرلىرىنى مۇمكىن بولسا ئىككى قۇرغا تەڭشەپ باقساڭلار، ھازىرقىسىدا سۆزنىڭ ئاخىرى پاتماي ئۈزۈك چىقىپ قالىدىكەن.
3. سېستىما تەڭشىكى ياكى باشقا تەڭشەكلەر ئىچىدە ئېنگىلىسچە قالغان تۈرلەرنى مۇمكىن بولسا قوشۇپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋەتسەڭلار
4. خەنچە بولۇپ بولغان يۇمشاق دىتالنى قاچىلاپ، يانفوننى ئۇيغۇر يېزىق ھالەتتە ئىشلەتكەندە، قاچىلىغان دىتاللار ئىنگىلىزچە چىقىۋالىدۇ. مۇشۇنى دىتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرماي تۇرۇپمۇ خەنچە كۆرۈنىدىغان قىلغىلى بولسا...(ئەلۋەتتە، دىتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋەتسەڭ ئەڭ ياخشى، ئەمما بەزىدە بۇ ئىشمۇ قىينغا توختاپ قالىدۇ)
5.« com.xxx.android,xx توختاپ قالدى» نى تۈزەتكىنى بولسا......
6.تىزىملىك ئىچىدىكى پىروگىراممىلارنىڭ نامى تۇرۇپلا خەنچە بولىۋالىدىغان ئەخۋال بار، يانفوننى قايتا قوزغاتسا ئوڭشىلىدۇ. مۇشۇنىمۇ تۈزەتكىنى بولسا...
7. يانفون قوزغالغاندا چىقىدىغان Androidقونچىقىنىڭ سالام بېرىش ھەركىتىنى يوقىتىۋەتمەيسىلەرغۇ....شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ئۈندەش بەلگىسىنى يوقاتقىلى بولسا.......
8.چىسلانى ئىپادىلەش شەكلىنى بىر ئۆزگەرتسەك، پەقەت ئەرەپچە سان بىلەنلا ئىپادىلەيلى، ياكى ئۇيغۇرچە ئاي نامىلىرىنى ئىشلىتەيلى. نويابىر-پويابىر لاردىن دەششەت زىرىكتىم....
تەرجىمىدە ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇلارنى بىر تېما قىلىپ يوللاپ قويساڭلار، بىزمۇ كۆرۈپ ئۆز پىكىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقساق. ناۋادا مۇنازىرنىڭ ئاخىر چىقمىسا شۇ چاغدا ئۆزەڭلار توغرا دەپ قارىغاننى ئىشلەتسەڭلار.
يەنە بىرى، پۈتۈن تەرجىمە قىلىپ بولۇپ، سىستىمىنى يوللىغاندا، تەرجىمە قىلغان ئاتالغۇلارنىڭ تىزىملىكىنى خەنچە ئەسلى تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ بىر تەمىنلەشكە مۇمكىن بولارمۇ؟ بەزى يېڭى ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى تۇنجى كۆرگەندە قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن(كەڭ ئورتاقلىشىپ بولالمىغاچقا)
ئىسىمدە بارلىرىنى دەپ تۇردۇم، ئەسلىدە ئۇيغۇرچە romنى قاچىلاپ ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىراتىمنى بىر تېما قىلىپ يوللىغۇم بار ئىدى، ئەمما يېقىندىن بىرى خىزمەت ئالدىراشلىقىدا ئەمەلگە ئاشماي قالدى... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇزەپپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-11-18 22:47
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|