- جۇغلانما
- 2830
UID5258
تىزىملاتقان2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم2015-2-15
توردا350 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2830
- ئاقچا
- 16

|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا s41157018 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-21 12:11
ئالدىنقى قېتىم دېگىنىمدەك كۆزنەك سەككىزگە ئۇيغۇرچە ئەپ ئېچىشنى ئۈگەنگۈسى بارلار ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ ئۈگىنىش جەريانىمنى دەرىسلىك شەكلىدە تەييارلاۋاتقان ئىدىم. ھازىرغىچە يەتتىنچى دەرىسلىك پۈتتى. تۆۋەندە ئىككىنچى قىسمىنى مۇنبەرگە يوللىدىم، قالغان قىسىملىرىغا قىززىقىدىغانلار تەشنا بلوگى دىن كۆرسەڭلار بولىدۇ. تۆۋەندە دەرىسلىكنىڭ ئىككىنچى قىسمى ھوزۇرۇڭلاردا:
شۇنداق قىلىپ ئەپ ياسايدىغان زاۋۇتنى قوراشتۇرىۋالدۇق، ئەمدى ئالدى بىلەن ئاددىيلا بىر تونۇشۇپ ئۆتەيلى! ئاندىن تاتلىق تۇيغۇلىرىمىز بىلەن «سالام ئۇيغۇر» پروگراممىسىنى تۈزۈپ، بۇ كاساپەتنى مىللىتىمىزگە سالام قىلدۇرايلى(چاقچاق)! كىينكى چۈشەندۈرۈشلەرگە قولاي بولسۇن ئۈچۈن، دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە تۆۋەندىكى رەسىمدەك بەلگە سىلىۋالدۇق. رەسىم :
ئاندىن رەسىمدىكى ھەربىر رايۇنغا خاس قىلىپ ئىسىم قويىۋالدۇق، تۆۋەندىكىدەك:
1. ئاساسى بۇيرۇق رايۇنى – بۇ يەر ئادەتتىكى دېتاللارغا ئوخشاش ئاساسلىق ئىقتىدارلارنى تەمىنلىگەن بولۇپ، بىر – بىرلەپ كۆرۈپ باقسىڭىز، چېكىپ ئىقتىدارلىرىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
2. قوشۇمچە بۇيرۇق رايۇنى – بۇ يەردە ئاساسلىقى مەزمۇن باشقۇرۇش، ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت بىرقاتار ئىقتىدارلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەپنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئاۋۇ يېشىل رەڭلىك قويۇش بەلگىسى بار كونۇپكىنى باسسىڭىزلار تامام.
3. قورال سىتونى – بۇ يەردە ئاساسىي قوراللار تەمىنلەنگەن بولۇپ، كونۇپكا، تېكىسىت رايۇنى، تېكىسىت بۆلىكى قاتارلىقلارنى تاللاپ ، بىۋاستە 4- رايۇنغا تارتىپ ئەكىرسىڭىز، ئارقا كودلىرىنى ئۆزى ھاسىللاپ بېرىدۇ.
4. لايىھە رايۇنى – بۇ يەرنى موشۇنداق ئاتاپ تۇرايلى، ئەمەلىيەتتە سىز پاسون كودلىرىنى يازسىڭىزلا ماس قەدەمدە بۇ جايدا ئۈنۈملىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. يەنە بىۋاستە رەسىم سىزغاندەك، ئاشۇ رايۇندا قوراللارنى قوشۇش، تەڭشەش ئېلىپ بارالايسىز!
5. مەنبە باشقۇرۇش رايۇنى – بۇ يەردە مەزكۇر ئەپنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرى يىغىنچاق ھالەتتە كۆرۈنىدۇ، ھەرقانداق بىر ھۆججەتنى قوش چېكىش ئارقىلىق تەھرېرلەش ھالىتىگە كەلتۈرەلەيسىز.
6. خاسلىق بەلگىلەش رايۇنى – بۇ رايۇندا سىز ئىشلەتكەن ھەربىر قورالنىڭ خاسلىقلىرىنىڭ تەڭشىكى كۆرۈنىدۇ، ئىھتىياجقا قاراپ شۇ يەردىنلا تەڭشىسىڭىز كود يېزىشنىڭ ھاجىتى يوق.
7. كود تەھرېرلەش رايۇنى – بۇ يەردە ئاساسلىق ئەپ كۆرۈنمە يۈزىنىڭ ئارقا بەت ئىجرا كودلىرىنى تەھرېرلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. (بۇ گوياكى ۋوردپرەسنىڭ Css كودىغا ئوخشايدۇكى، سىنچىلاپ قارىسىڭىز Html مىكىن دەپ قالىسىز. ئەمەلىيەتتە بۇلار XMAL كودلىرىدىن ئىبارەت.)
يۇقارقى رايۇنلار بويىچە كۇنۇپكىلارنى بېسىپ، ئۈنۈمىنى كۆرۈپ بېقىڭ! ئاندىن چىكېنىپ، يىڭىدىن سالام ئۇيغۇر نامىدا تۈر قۇرۇڭ. ئۆزىڭىز پىششىق بىلىدىغان بىر تىلنى تاللاپ(ئەمەلىيەتتە بۇ دەرىسىمىزدە پەقەت پاسون كودلىرى بىلەنلا ئۇچرىشىمىز)، قۇرۇق بەت (空白应用程序) دىن بىرنى قۇرۇڭ ۋە MainPage.xaml نى قوش چەككەندىن كىيىن كود تەھرېرلەش رايۇنىغا تۆۋەندە مەن تەمىنلىگەن ئاۋۇ كودلارنى <**G*rid**> <*/*G*rid*> نىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ چاپلاڭ. كودلار تۆۋەندىكىدەك:-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
- NavigateUri="http://teshna.me" BorderThickness="0" FontSize="30" Content="WWW.TESHNA.ME" FontStyle="Italic">
-
-
-
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش كودنى چاپلاپ، ساقلىغاندىن كىيىن ئۈنۈمى تۆۋەندىكى رەسىمدەك:
بىز ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا ئەپ يۈزىنى بىر نەچچە رايۇنغا بۆلۈپ(كودلارنى بىر - بىرلەپ چۈشەندۈرمىدۇق، تۆۋەندە چۈشۈرۈش تەمىنلەنگەن ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، ئۆزىڭىز چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىڭىز كىرەك)، ھەربىر رايۇنغا TextBlock قورالى ئارقىلىق يېزىق چىقاردۇق. ئاندىن خەت نۇسخىسى، چوڭ كىچىكلىكى ۋە ئورنىنى ئاددىيلا بەلگىلىدۇق. ئاندىن HyperlinkButton قورالى ئارقىلىق تەشنا بلوگى ئادرىسىنى سىرىتقى ئۇلىنىش قىلدۇق.
شۇنداق قىلىپ، ئەڭ ئاددىي بىر ئەپ تەييار بولدى. ئەمدى سىز ئاۋۇ رامكا ئىچىگە ئالغان ئىجرا قىلىش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا ئەپنى پروگىراممىلاپ، ئىجرا قىلالايسىز. ئۈنۈمى تۆۋەندىكىدەك:
ئادەتتە بىر مۇكەممەل ئەپ تەييار بولغاندىن كىيىن بولاقلاپ ئاندىن ۋېندوۋس ئەپ دۇكىنىغا چىقارسىڭىز بولىدۇ(يۇقارقىنىغۇ ئەپ دېگىلى بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە).
شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى دەرىسلىك ماشتاق ئاياغلاشتى. پىكىر – تەكلىپ، سوۋغا سالاملار بولسا ئېنكاس رايۇنىغا مەرھەمەت. كىيىنكى قېتىمدا ئاللاھ خالىسا ئاددىي قىلىپ ئەپ ستونى(AppBar) چىقىرىشنى ئۈگېنىمىز!
ماتېرىيال چۈشۈرۈش: بۇندىن كىينكى ئېچىش ئۈگىنىشىدە C# تىلى ۋە XAML تىلى بىلەن كۆپ ئېتىشىمىز، شۇل سەۋەبتىن ۋاقىت چىققانلىرىدا كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈپ قويۇڭلا! تۆۋەندە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالى تەمىنلەندى:
1. C# قوللىنىشچان دەرىسلىكى (pdf)
2. XAML ئاساس دەرىسلىكى(ppt)
Win8 ئەپ ئېچىش دەرىسلىكى(3) – ئاستى-ئۈستى قورال بالداق چىقىرىش
Win8 ئەپ ئېچىش دەرىسلىكى(4) – قورال بالداق كونۇپكىلىرىغا ۋەزىپە بېرىش
Win8 ئەپ ئېچىش دەرىسلىكى(5) – سەكرىمە كۆزنەك چىقىرىش
Win8 ئەپ ئېچىش دەرىسلىكى(6) – مىقدار ئۇلاش
Win8 ئەپ ئېچىش دەرىسلىكى(7) – تەڭشەك ساقلاش ۋە ئوقۇپ ئېلىش |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|