|
يۇمشاق دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە باشقا ئىشلاردا يۇمشاق دېتالدىكى يېزىقتىن باشقا رەسىم، خەت نۇسخسى، كۆزنەك چوڭلۇقى... قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ ئىشلارنى قىلىشتىكى ياخشى دېتال PE Explorer.
بۇ دېتالدا EXE、DLL、DRV、BPL、DPL、SYS、CPL、OCX、SCR قاتارلىق ئىجرا تىپلىق ھۆججەتلەرنى تەھرىرلەشكە بولىدۇ. يەنە بەزى دېتاللارنىڭ ئەسلى كودىنى كۆرۈشكىمۇ بولىدۇ.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
File تىزىملىكىدىن Open نى بېسىپ، تەھرىرلىمەكچى بولغان EXE、DLL ھۆججىتىنى ئاچىسىز. ئاندىن Resorce Viewer/Editor كۇنۇپكىسنى باسسىڭىز پىروگىراممىنىڭ تىزىملىك، كۆزنەك، رەسىم.... قاتارلىق مەنبەلىرى كۆرۈندۇ. تەھرىرلىمەكچى بولغان يەرنى تېپىپ تەھرىرلىسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ دېتال يۇنىكودنى قوللىمايدۇ. تىزىملىك، كۆزنەك خەتلىرىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ ساقلىسىڭىز ئىجرا قىلغاندا ئۇيغۇرچە خەتلەر ؟؟؟؟؟؟؟؟ بەلگىسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ دېتالدا يېزىقنى تەھرىرلىمەي، رەسىم قاتارلىق باشقا يەرلىرىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ.
30 كۈن ئىشلەتكەندىن كېيىن ۋاقتى توشتى دەپ چىقىۋالسا ئۆچۈرۋېتىپ قايتا قاچىلساڭلار بولىدۇ.
|
|