Alip tor beti

 

 

alip.biz
ئىزدەش
Alip tor beti باش بەت Photoshop دەرسلىكى مۇختار روزى Photoshup CS5 دەرسلىكل ...
كۆرۈش: 176|ئىنكاس: 2
go

مۇختار روزى Photoshup CS5 دەرسلىكلىرى ھەقسىز تارقىتىلدى (ئۇيغۇرچە)

Rank: 1

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-20 18:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى داڭقى بار پىروگراممىر، خالىس ساخاۋەتچى مۇختار روزى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى،  سۈپەتلىك، ھەقسىز دەرسلىكلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ . بىلىم ئۆگىنىش ئارزۇسى بار ياشلارنى پىروگرامما ۋە تور پىروگراممىسى تۈزۈش ھەققىدە مەخسۇس تەربىيلەۋاتىدۇ .
بىز مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ روھلان تور بېكىتىنىقوللىشى بىلەن روھلان تورىداPhotoshup CS5 نى ئىشلىتىپ، ھەرخىل سۈرەت، لايىھەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش دەرسى، VB پىروگرامما بىلىملىرى بۇيىچە ئەمەلىي مەشخۇلات دەرسى، PHP دا تور بېكەت ياساش دەرسى قاتارلىق ئەمەلىيەتچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان، تەپسىلىي ، ئاۋازلىق چۈشەندۈرۈلگەن دەرسلىكلەرنى ھەقسىز تارقتىش پۇرسىتىگە ئېگە بولدۇق، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ۋە ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ياش پىروگراممېر مۇختار روزى  ئەپەندىگە چوقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ھەم بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز .
بۇ قېتىم تارقىتىلماقچى بولغىنى Adobe Photoshup CS5  دېتالىدا سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش، Adobe Photoshup CS5 دېتالىدىكى بىز ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىقتىدارلار تەپسىلىي ئاۋازلىق قىلىپ تۇنۇشتۇرۇلغان ئومۇمىي سىغىمى 1 گىگابايتتىن ئاشىدىغان، جەمئىي 90 قىسىمدىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە سىنلىق دەرسلىك بولۇپ، بىر قانچە پارچىگە بۆلۈپ  يوللىنىدۇ، ھەر قېتىم يوللانغاندا چۈشۈرۈش ئادرىسى قوشۇلۇپ ماڭىدۇ .
تۆۋەندىكى بىر قىسىم دەرسلىكنى كۆرۈپ بېقىڭ .(ئېچىلىش سۈرئىتىنى ئويلىشىپ، ۋاقتى ئەڭ قىسقا، سىغىمى ئەڭ كىچىك بولغان بىر دەرسنىڭ كۆرۈش ئادرىسىنى تەمىنلىدۇق)

http://www.rohlan.cn/bilim/Muhtar-Rozi-PS-Cs5-www-Rohlan-Biz.swf

سەل ساقلىسىڭىز كۆرەلەيسىز، كۆرەلمىسىڭىز بۇ ئادرىستىن چۈشۈرۈپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئادرىسنى كۆچۈرۈپ شۈنلېيگە چاپلاڭ .
  1. http://www.rohlan.cn/bilim/Muhtar-Rozi-PS-Cs5-www-Rohlan-Biz.swf
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
دەرسلىكنىڭ پىرىستىن يېشىش مەخپى نۇمۇرى: www.rohlan.biz
بۈگۈنكىسى جەمئىي 9 قىسىم دەرسلىك بولۇپ، ئومۇمىي سىغىمى 114 مىگابايت .
1-دەرستىن 9-دەرسكىچە چۈشۈرۈش ئادرىسى:  http://down.qiannao.com/space/fi ... .Biz-005d.zip/.page

10-دەرستىن 14-دەرسكىچە 5 دەرس يوللاندى، ئومۇمى سىغىمى: 85 مىگابايت
10-دەرستىن 14-دەرسكىچە چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://down.qiannao.com/space/fi ... .Biz-005d.zip/.page

بۇ دەرسلىكتىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى بىر قانچە كومپيۇتېر، بىلىم تور بېكەتلىرىگە يوللاندى، ئەمما بۇندىن كېيىنكى قىسىملىرىنى داۋاملىق ھالدا بارلىق بېكەتلەرگە يوللاپ بولۇشقا يېتىشىپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى يوللىنىۋاتقان 80 قىسىم  دەرسلىكنى ئەسلى مەنبەدىكى تېمىغا كىرىپ چۈشۈرىۋالغايسىلەر، ئەسلى مەنبەدىكى تېمىغا ھەر كۈنى يوللانغانلىرى قوشۇلۇپ ماڭىدۇ، پەقەت مۇشۇ بىرلا تېما ئارقىلىق بارلىق دەرسلىكلەرنى چۈشۈرىۋالالغىلى بولىدۇ .
بۇندىن كېيىنكى قىسىملىرىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.rohlan.biz/thread-5977-1-1.html
مەنبە: روھلان تور بېكىتى

Rank: 1

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-21 13:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
Adobe Photoshop CS5 دەرسىنىڭ 10-دەرستىن 14-دەرسكىچە چۈشۈرۈش ئادرىسى:  (ئەسلىدىكىسى بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكتىن بوشلۇقا قايتا چىقىرىپ تەھرىرلەندى)

http://down.qiannao.com/space/fi ... .Biz-005d.zip/.page

Rank: 1

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

دەرسلىك تولۇقلىمىسى:
بۇ دەرسلەرنى يوللاش جەريانىدا تورداشلار بۇ دەرسلىكلەردىن 3-14-22-23-24-69-دەرسلەرنىڭ يوقلىقى يادكى پىرىستىن يېشىشتە خاتالىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 3-22-23-24-دەرسلەرنىڭ تەرتىپ نۇمۇرى قويغاندا ئاتلاپ كەتكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بار دەرسلىك ئىكەنلىكىنى، 14-دەرس بىلەن 69-دەرسنىڭ ھەقىقەتەن پىرىستىن يەشكەندە خاتالىق كۆرۈلۈپ يېشىلمەيدىغانلىقىنى بايقىدۇق، 14-دەرسنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا بارلىق قىسىملىرى بىلەن قوشۇپ قايتىدىن بوشلۇققا چىقىرىپ يېڭىلىۋەتكەن، ئەگەر دەرسلىكى ئىچىدە 14 قىسىم يوقلار ئەسلى مەنبەگە كىرىپ 14-دەرس بار بۆلەكنى قايتا چۈشۈرىۋالسا بولىدۇ . 69-دەرسمۇ پىرىستىن يېشىشتە خاتالىق كۆرۈلگەنلىكتىن ئايرىم يوللاندى، بۇ بىر قىسىم دەرسلىكنىڭ سىغىمى 98 مىگابايت بولغاچقا يوللاشقا بىر قەدەر ۋاقىت كېتىپ، تورداشلارغا دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرەلمەي قالدۇق .
69-دەرسنىڭ يېڭى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://www.rohlan.biz/thread-5977-1-1.html

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|Alip tor beti

GMT+8, 2011-3-6 03:47 , Processed in 0.099687 second(s), 11 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.