ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 740|ئىنكاس: 14
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[قاتتىق دېتال بىلىملىرى] كۆچمە قاتتىق دىسكا ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

11

تېما

48

يازما

298

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
767
ئاقچا
5
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   872472310 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-15 12:57  

كۆچمە قاتتىق دىسكا ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە، بىزنىڭ ساقلايدىغان ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ سىغىمى بۇرۇنقىدىن نەچچە يۈز ھەسسە ئېشىپ كەتتى دېسەكمۇ بولىدۇ. گەرچە بارماق دىسكا بىزگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىغىمى يەنىلا چەكلىك بولۇپ، بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزنى تولۇق قاندۇرۇپ بولالمىدى. شۇ سەۋەب بىلەن ھازىر كۆچمە دىسكا ئۆزىنىڭ سىغىمىنىڭ چوڭ بولۇشى، ئوقۇش-يېزىش سۈرئىتىنىڭ تىز بولۇشى ۋە ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۈزلۈكسىز ھالدا نۇرغۇن كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ يېنىدىن ئايرىمايدىغان مۇھىم قوراللىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. كۆچمە دىسكا گەرچە USB ئېغىزىنى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېغىزى قىلسىمۇ، بىراق ئۇ ئادەتتىكى USB لىق مائۇس، كۇنۇپكا تاختىلىرىغا ئوخشاش بولغان  USB ئېغىزلىق ئۈسكۈنە ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن ئىشلىتىش جەريانىدا تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىمۇ ئۇلارغا قارىغاندا چوڭ بولىدۇ.نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر كۆچمە دىسكىغا سانلىق مەلۇمات ساقلاش ۋە ئوقۇش جەريانىدا ھەر خىل مەسىلىلەرگە يولۇققان بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر ئۇلارغا مەلۇم دەرىجىدە زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن. تۆۋەندە كۆپچىلىك كۆچمە دىسكا سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتىنى كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچىمىز. ئۈمىدىمىز تورداشلارنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئاۋارىچىلىكىنى ئازايتىش.
1.كۆچمە دىسكا سېتىۋېلىش
كۆچمە دىسكىدىن ئىبارەت بۇ ئۇچۇر ساقلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى، ئۇنىڭ تېخنىكىغا بولغان تەلىپى نىسبەتەن يۇقىرى. بىر قىسىم ئىشلەش تېخنىكىسى سىپتا بولغان كۆچمە دىسكىلار ماتېرىيالغا ئالاھىدە كۈچەپلا قالماي، تېخنىكا جەھەتتىنمۇ پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، بولۇپمۇ دىسكا قۇتىسىنى لايىھىلەشتە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۇنىڭغا تۈرلۈك تەۋرىنىشكە تاقابىل تۇرۇش، چىقىلىشقا تاقابىل تۇرۇش دېگەندەك تېخنىكىلار قوشۇلۇپ، كۆچمە دىسكىنىڭ ئىشلىتىش جەريانىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىنغان. ئەمما بىر قىسىم كارخانىلار تەننەرخنى تېجەش ئۈچۈن، ماتېرىيال ئىشلىتىشتە ئامال بار ماتېرىيالنى تېجەپ ئىشلىتىدۇ. بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ ئادەتتە تەۋرىنىشكە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ، ئىشلىتىش جەريانىدا ئادەتتە ئازراقلا تەۋرىنىش بولۇپ قالسىلا، ھەر خىل مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ، مۇقىم ئىشلىيەلمەي قالىدۇ. شۇڭا كۆچمە دىسكا سېتىۋالغاندا ئامال بار داڭلىق ماركىدىكى كۆچمە دىسكىلارنى سېتىۋېلىش كېرەك. ھەرگىزمۇ باھاسىنىڭ ئازراق ئەرزانلىغىنى كۆزلەپ، تاغتۇرا مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ يۈرمەڭ.
ئۇندىن باشقا بىر قىسىم داڭلىق كارخانىلار كۆچمە دىسكىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئەتراپلىق ئويلاشقان بولۇپ، تۈرلۈك مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىلىرى ئىشلەتكەن. مەسىلەن بارماق ئىزى ئارقىلىق مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسى دېگەندەك. ئەگەر سىزنىڭ ئۇچۇرنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان تەلىپىڭىز يۇقىرى بولسا، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
2.مۇۋاپىق رايونغا ئايرىش
باشتا دېگىنىمىزدە كۆچمە دىسكا ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى بىر  USB  ئۈسكۈنىسى ئەمەس. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا قارىتا رايونلارغا ئايرىغاندىمۇ ئاز – تولا ئىلمى ئۇسۇل قوللانمىساق بولمايدۇ. WIN XP سىستېمىسى ئاستىدا، كۆچمە دىسكىنى ھەر قېتىم كومپيۇتېرغا چاتقىنىمىزدا، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا يېڭى ئۈسكۈنىنى ئىزدەش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارىدۇ. كۆچمە دىسكىنى 2 دىن ئارتۇق رايونغا ئايرىساق، سىستېمىنىڭ كۆچمە دىسكىنى قوزغىتىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىغا كېتىدىغان ۋاقىت سەل ئۇزۇن بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى كۆچمە دىسكىنى 2 رايونغا ئايرىش كېرەك. ئەگەر 80 گېگابايتتىن كېچىك كۆچمە دىسكا بولسا، بىرلا رايونغا ئايرىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.
3.توك يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلا.
كۆپ قىسىم كۆچمە دىسكىلارغا USB ئېغىزى ئارقىلىق توك تەمىنلىنىدىغان بولغاچقا، بەزى ۋاقىتلاردا  USB ئېغىزىنىڭ توك بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولماي قېلىپ، كۆچمە دىسكا ئوقۇپ يېزىش مەشغۇلاتىنى ئورۇنلىيالماي، بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە كۆپ قىسىم كۆچمە دىسكىلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ئايرىم مۇستەقىل توك بىلەن تەمىنلەش سىمى ياكى قوش USB  سىملىق قىلىپ لايىھىلەنگەن. شۇڭا كۆچمە دىسكىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم توك بىلەن تەمىنلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك. ئامال بار ئالدى USB  ئېغىزىنى ئىشلەتمەسلىك،  USB  ئۇزارتىش سىمى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. گەرچە بۇ ئېغىزلار بىزگە ئىشلىتىش جەھەتتە قۇلايلىق ئېلىپ كەلسىمۇ، ئۇزارتىش سىمى سەۋەبلىك توك يەتكۈزۈلۈش داۋامىدا بىر قىسىم ئېنېرگىيە خورايدۇ. شۇڭا بەزى چاغلاردا توك يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كۆچمە دىسكىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇشتا خاتالىق كۆرۈلۈپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە بەزىبىر سىرتقى توك مەنبەسى ئىشلىتىدىغان كۆچمە دىسكىلارغا قارىتا ئالدى بىلەن توك مەنبەسىگە چېتىپ ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك.
4. CMOS  پارامېتىرلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك
بەزىدە كۆچمە دىسكا سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىز بىلەن خاتاسىز ھالدا ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا كومپيۇتېرىڭىز USB ئۈسكۈنىسىنى تەكشۈرۈپ تاپالمايدۇ. بۇ بەلكىم سىزنىڭ CMOS نى تەڭشىشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. تەڭشەش ئۇسۇلى بولسا، CMOS تەڭشىكى ئىچىگە كىرىپ  PNP/PCI CONFIGURATION دېگەن تۈر ئىچىدىن Assign IRQ For USB دېگەن تۈرنى Enable قىلىپ تەڭشەپ قويىمىز. بۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېر USB ئۈسكۈنىلىرىنى نورمال تونۇيالايدۇ. گەرچە ھازىرقى زور كۆپ قىسىم ئاساسى تاختىلاردىكى بۇ تۈرنىڭ سۈكۈتتىكى قىممىتى Enable بولسىمۇ، ئەمما بەزىبىر ئاساسى تاختىلارنىڭ بۇ ئىقتىدارنى تاقىۋەتكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
5.  USB ئۇچۇر سىمى كاشىلىسى
ئەگەر سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدىكى USB  ئېغىزى ئۆلچىمى 1.1 بولسا، ئەمما سېتىۋالغان كۆچمە دىسكىنىڭ  USB ئۆلچىمى 2.0 بولسا، بۇ چاغدا سىز ئىشلەتكەن كومپيۇتېر بىلەن كۆچمە دىسكىنى ئۇلايدىغان ئۇچۇر سىمىمۇ چوقۇم 2.0 ئۆلچىمىنى قوللىشى كېرەك. چۈنكى يۇقىرى سۈرئەتلىك كۆچمە ئۈسكۈنە تۆۋەن سۈرئەتلىك توپلاشتۇرۇلغان سىم يولىغا چېتىلغاندا، بۇ ئۈسكۈنە نورمال ئورۇنلىشالماسلىقى مۇمكىن.
ئادەتتە بەزى كىشىلەر كۆچمە دىسكا بىلەن بىللە بارماق دىسكا دېگەندەك ئۈسكۈنىلەرنى بىرلىكتە ئىشلىتىدۇ. قۇلايلىقنى كۆزلەپ، بارماق دىسكىنىڭ ئۇچۇر سىمىنى بىۋاسىتە كۆچمە دىسكىغا چېتىپ ئىشلىتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن 2.0 ئۆلچىمىدىكى كۆچمە دىسكىنى كومپيۇتېر نورمال تونۇيالمايدۇ. بۇنى ھەل قىلىشتا پەقەتلا 2.0 ئۆلچىمىدىكى ئۇچۇر سىمى ئىشلىتىلسىلا بولىدۇ. دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر نۇقتا ئامال بار USB ئۇزارتىش سىمى ئىشلەتمەسلىك.
(بۇ خىل ئېھتىماللىق ھازىر ئىنتايىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھازىرقى بارماق دىسكىلارمۇ 2.0 ئۆلچىمىدە ئىشلىنىۋاتىدۇ)
6.  ھۆججەت يوللاش جەھەتتە
ئادەتتە ھۆججەت كۆچۈرۈش، يۆتكەش جەريانىدا يالغۇز ھۆججەتنى كۆچۈرۈش، يۆتكەش سۈرئىتىنىڭ نۇرغۇن ئۇششاق ھۆججەتلەرگە قارىغاندا تىز بولىدىغانلىقىنى ھەممىمىز دېگۈدەك بىلىمىز. كۆچمە دىسكىمۇ شۇنداق. ئەگەر كۆچمە دىسكىدىن سانلىق مەلۇماتلارنى كومپيۇتېرغا كۆچۈرمەكچى بولساق، كۆچۈرۈشتىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۇششاق ھۆججەتلەرنى پرېسلاپ، بىر ياكى بىر نەچچە ھۆججەتكە ئۆزگەرتىپ كۆچۈرسەك ئۈنۈمى تېخىمۇ تىز بولىدۇ.
7. كۆچمە دىسكىنى ئۇزۇن مەزگىل كومپيۇتېرغا چېتىپ قويماڭ
كۆچمە دىسكا بولسا ۋاقىتلىق ھالدا ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ خۇددى بىزنىڭ بارماق دىسكا، MP3 قاتارلىق ساقلاش ۋاستىلىرىمىزغا ئوخشاش كومپيۇتېرغا ئۇزۇن مەزگىل چېتىپ قويۇشقا ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا بىز سانلىق مەلۇماتلارنى كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال كومپيۇتېردىن چىقىرىۋېلىشىمىز، ھەرگىزمۇ كومپيۇتېرغا ئۇزۇن مەزگىل چېتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. ئۇزۇن مەزگىل چېتىپ قويۇش زور مىقداردا ئىسسىقلىق چىقىرىپ، كۆچمە دىسكىنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدۇ.
8.  دىسكا ئۇۋاقلىرىنى رەتلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماڭ
كۆچمە دىسكا ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىغا ئوخشىمايدۇ. دىسكا ئۇۋاقلىرىنى رەتلەش، كۆچمە دىسكىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتمەستىن ئەكسىچە ئاستىلىتىدۇ. ئەگەر راستتىنلا دىسكا ئۇۋاقلىرىنى رەتلەش زۆرۈر بولۇپ قالسا، كۆچمە دىسكىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېرغا كۆچۈرۈۋېلىپ، ئاندىن دىسكا ئۇۋاقلىرىنى رەتلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش كېرەك.
9. فورماتلاش مەشغۇلاتىنى كۆپ ئېلىپ بارماسلىق كېرەك
ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن فورماتلاش مەشغۇلاتى كۆپ ئېلىپ بېرىلسا، قاتتىق دىسكىنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى زور كۆپچىلىك كىشىلەر بىلىدۇ. خۇددى قاتتىق دىسكىغا ئوخشاش كۆچمە دىسكىمۇ فورماتلاش مەشغۇلاتى كۆپ ئېلىپ بېرىلسا، ئۇنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا كۆچمە دىسكىغا قارىتا فورماتلاش مەشغۇلاتىنى ئاز ئېلىپ بېرىش كېرەك

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +50 يىغىش سەۋەبى
alnida + 50 ئىجادىي ئەسەر

باھا خاتىرىسى

2

تېما

135

يازما

8

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
406
ئاقچا
3
ehsan8 ۋاقتى: 2013-9-15 13:39:14 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە رەھمەت .  ھازىرقى ئەڭ نوچى ئىلغار چىدامچانلىقى يۇقۇرى بولغان كۆچمە دىسكا قايسى ؟

58

تېما

1035

يازما

1133

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

باشلىق

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
4468
ئاقچا
32

تۆھپە ئوردېنى

QQ
bahit8 ۋاقتى: 2013-9-15 14:41:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ehsan8 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-15 13:39
تېما ئىگىسىگە رەھمەت .  ھازىرقى ئەڭ نوچى ئىلغار چىدامچا ...

ئۆزىگە يارىغان ئەڭ ياخشى.

2

تېما

135

يازما

8

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
406
ئاقچا
3
ehsan8 ۋاقتى: 2013-9-15 15:20:48 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahit8 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-15 14:41
ئۆزىگە يارىغان ئەڭ ياخشى.

ئۇغۇ شۇ پۇلىسى قىممەت بولسىمۇ ياخشىسىنى ئېلىپ ئىشلەتكەنگە يەتمەيدۇ دەڭە مۇھىم نەرسىلەر يۇقاپ كەتسە باشنى تاشقا ئۇرغان بىلەن بىكا ، ھەر قانچە ئەسلىگە كەلتۈردىغان دىتال بولسىمۇ .

4

تېما

342

يازما

866

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3558
ئاقچا
10
ASRA0903 ۋاقتى: 2013-9-15 16:42:31 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈپىتى ياخشىراق باھاسى مۇۋاپىق كۆچمە دىسكا تەۋسىيە قىلسىڭىز

0

تېما

17

يازما

72

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
277
ئاقچا
0
gulakakqi123 ۋاقتى: 2013-9-15 17:01:46 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تىما بەكمۇ نادىر تىما بوپتۇ ، رەھمەت ،

11

تېما

48

يازما

298

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
767
ئاقچا
5
872472310  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-15 17:09:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ASRA0903 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-15 16:42
سۈپىتى ياخشىراق باھاسى مۇۋاپىق كۆچمە دىسكا تەۋسىيە قى ...

قانچە جىلىك دىسكا لازىمتى

12

تېما

310

يازما

419

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

ئاناتىلىم جان تىلىم ئانا تىلىم

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1833
ئاقچا
1
QQ
تورچى ۋاقتى: 2013-9-15 17:10:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ كۆچمە قاتتىق دىسكام بۇزۇلۇپ قېلىپ ئوڭشىيالماي يۇرەتتىم  
ئالىپ تورىغا ۋە باشقا تورلارغا ئىنكاسمۇ يازغان لىكىن قايىلقىلارلىق جاۋاپ تاپالماي يۈرۈتتىم
ماڭا ياردەم قىلسىڭىز مەن قاتتىق دىسكامنى بىر ئۇڭشىۋالسام
ئاناتىلىم جان تىلىم ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى

11

تېما

48

يازما

298

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
767
ئاقچا
5
872472310  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-15 17:12:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
爱/aiq→lの يوللىغان ۋاقتى  2013-9-15 17:10
مىنىڭ كۆچمە قاتتىق دىسكام بۇزۇلۇپ قېلىپ ئوڭشىيالماي ي ...

ماقۇل  ئالاقىلىشىڭ  872472310

12

تېما

310

يازما

419

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

ئاناتىلىم جان تىلىم ئانا تىلىم

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1833
ئاقچا
1
QQ
تورچى ۋاقتى: 2013-9-15 17:20:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلىدۇ ئەمسە مەن چ چ چۈشۈرمىگەن  چ چ نى چۈشۈرۈپلا سىزنى قۇشىۋالاي
ئاناتىلىم جان تىلىم ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى

4

تېما

113

يازما

577

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1998
ئاقچا
0
yiltizboston ۋاقتى: 2013-9-15 21:30:11 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت .ناھايىتى ئەستايىدىل يېزىپ چىقىپسىز . بولسا ژۇرنالغا ئەۋەتسىڭىزمۇ بولغىدەك ئوقۇش قېمىتىگە ئىگە ماقالە بولۇپتۇ .

11

تېما

48

يازما

298

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
767
ئاقچا
5
872472310  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-15 21:35:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yiltizboston يوللىغان ۋاقتى  2013-9-15 21:30
رەھمەت .ناھايىتى ئەستايىدىل يېزىپ چىقىپسىز . بولسا ژۇر ...

ياق ھەي مازەك قىلماڭ

3

تېما

713

يازما

566

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2684
ئاقچا
1
karwanqi ۋاقتى: 2013-9-16 10:05:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فورماتلىسا نىمىشكە زىيانلىق مەن فورماتلاشنى ياخشى كۆرەتتىم

1

تېما

26

يازما

48

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
140
ئاقچا
0
arrap ۋاقتى: 2013-9-16 11:06:52 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ASRA0903 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-15 16:42
سۈپىتى ياخشىراق باھاسى مۇۋاپىق كۆچمە دىسكا تەۋسىيە قى ...

爱国者ماركىلىق كۆچمە دېسكا ياخشى بىراق بىر ئاز قىممەت.

4

تېما

342

يازما

866

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3558
ئاقچا
10
ASRA0903 ۋاقتى: 2013-9-16 21:35:31 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
872472310 يوللىغان ۋاقتى  2013-09-15 17:09:52


قانچە جىلىك دىسكا لازىمتى

1  tb   ئەتراپىدا بولسا  بۇلاتتى来自: Android客户端
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش