|
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! پىكىرىڭىز گەرچە ئورۇنلۇق بولسىمۇ،بۇنداق قىلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس.گوگىل شىركىتىنىڭ play storeغا ئەپ چىقىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ بازارغا ئەزا بولۇشىمىز كېرەك.ئەزا بولۇشتا 25ئامىرىكا دوللىرى تۆلەشكە توغرا كىلىدۇ،بىراق جۇڭگۇنىڭ شىنجاڭ زېمىنىدا تۇرۇپ،بۇ 25ئامىرىكا دوللىرىنى تۆلىيەلمەيسىز،مەنمۇ سىناپ باققان،بۇ پۇلنى تۆلەش ئۈچۈن مەن مەخسۇس چەتكە پىرۋورت قىلغىلى بولىدىغان ئامىرىكا دوللىرى ۋە خەلق پۇلىنى ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىناۋەتلىك كارتوچكا بىجىرگەن(سودا-سانائەت بانكىسنىڭ)،بىراق پۇل تۆلىنىپ،ئۇزاق ئۆتمەي گوگول شىركىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدى،گوگول شىركىتىنىڭ ھېسابات سۇپىسى chickoutقۇ دەيمەن،جۇڭگۇنىڭ بانكىسىنى قوللىمايدىكەن،25ئامىرىكا دوللىرىم توڭلىتىلىپ،بىر ئايدىن كىيىن ئاندىن ھېسابىمغا قايتۇرۇلدى،كىيىن ئىناۋەتلىك كارتوچكىنىڭ ئىشلىتىش ھەققى،پالانچى،پۇستانچى دىگەندەك قىلىپ 300يۈەندىن كۆپرەك پۇل زىيان بولدى.بۇنىڭدىن باشقا play storeنىڭمۇ ئەپكە بولغان تەلىپى يۇقىرى،كەلسە-كەلمەس ئەپلەرنى يوللىغىلى بولماسلىقى مۈمكىن،ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي.
بەلكىم چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرىمىز ۋە ياكى بىلكان شىركىتىگە ئوخشاش play storeغا ئەپ چىقىرىپ باققانلار بۇنىڭ ئاسان يولىنى بىلىشى مۈمكىن. |
|