- جۇغلانما
- 6021
UID9987
تىزىملاتقان2012-9-11
ئاخىرقى قېتىم2015-4-9
توردا1234 سائەت
مۇنبەر ئاقساقىلى
غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!
 
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 6021
- ئاقچا
- 71


|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۇمشاق دىتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-13 13:29
سىلەرگە راس گەپنى قىلاي،
مەن ئىلگىرى روم لۇغىتىنى باشقىلاردىن ئوغۇرلىۋالغان يەنى ئوغۇرلۇقچە كۆچۈرۋالغان،
لۇغەتنى كومپىيۇتىردا ئاچتىم، ئىچىدە ئىشلىتىش توغرىسىدا دەرىسلىكلەر باركەن، دەرىسلىكلەرنى ئوقۇدۇم، دەرىسلىك قىزغىن ۋە خۇشال كەيپىياتتا يىزىلغاندى، لىكىن مەن روم لۇغىتىگە ھەقسىز ئىرىشىۋالغىنىمغا خۇشال بولالمىدىم، ئىشلىتىش دەرىسلىكىنىمۇ ئوقۇمۇدۇم، ئەمما روم لۇغىتىنى ئىشلىتىش ئىشلىتەلمەسلىك مەن ئۈچۈن كىچىككىنە ئىش ئىدى،
شۇنداق قىلىپ روم لۇغىتىنى تۇنجى قىتىم ئىشلەتتىم، ئىگىرى مەن تۇنجى قىتىم تىلفۇنۇمنىڭ رومىنى تەرجىمە قىلغاندا تىلفۇنۇمدىكى «تەڭشەش» دىگەن خەتنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇيغۇرچە بولغىنىدىن ئالەمچە خۇشال بولغان ئىدىم، لىكىن بۇ قىتىم تىلفۇنۇمنىڭ نۇرغۇن يەرلىرى ئۇيغۇرچە بوپ كەتكەنىدى، ھەر قانچە قىلىپمۇ خۇشال بولالمىدىم، كىيىن ئۆز ئۆزۈمدىن خىجىل بولدۇم، روم لۇغىتىدە نەچچە ئون مىڭ قۇردىن ئارتۇق سۆز جۈملىلەر بار ئىدى، لۇغەتكە بەكمۇ بەكمۇ ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن ئىدى، باشقىلارنىڭ قىممەتلىك ئەمگىكىكە مۇشۇنداقلا ئىرىشىۋالغىنىمدىن نۇمۇس قىلدىم ئۆزۈمنىڭ بىر ئوغۇل بالا بوپ قالغىنىغا خىجىل بولدۇم، ئەمەلىيەتتە مىنىڭ بۇنداق قىلغىنىمنى ئۆزۈمدىن باشقا ھىچكىم بىلمەيتتى، مەنمۇ بىر پىروگرامما يىزىشنى ئۈگەنگۈچى ، شۇنداق قىلىپ روم لۇغىتىنى ئۆچۈرۋەتتىم
مەن ئاشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ روم تەرجىمە قىلغان بولساممۇ بولىۋىرەتتى، ھىچكىم بىلمەيىتتى، لىكىن ۋىجدانىم يول قويمىدى، ئۆچۈرۋىتىپ بولۇپ ئازراق يەڭگىللەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم،
ھازىر مەن ئەنجىرويىد تىلفۇنمۇ ئىشلەتمىدىم، روم تەرجىمە بىلەنمۇ ئىتىشمىدىم ، ھەم ئىتىشمايمەن، روم تەرجىمىدە بولاقتىن يىشىلمىگەن نۇرمال بولاقلىيالمىغانلارغا مەسلىھەتلا بىرىپ ئۆتىۋاتىمەن،
بەزى بەزىدە روم گۈزەللەشتۈرۈش توغۇرسىدا ئىزدىنىپ قويىمەن،
لىكىن مىنىڭ ھازىرقى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىم پۈتۈن دىققىتىم بىلەن c# ئۈگۈنۈش |
|