|
advanced installer بولسا مىكروسوفىتنىڭ MSI فورماتىدىكى قاچىلاش ھۆججىتى ياسايدىغان يۇمشاق دېتالى.
بۇ دېتالنى بىر قېرىندىشىمىز ئالدىنقى يىلى ئىگە تەرەپنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى باشلاپتىكەن، ئارىلىقتا ۋاقتى يەتمەي پۈتمەپتۇ.
شۇڭا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىدىكى ياكى گۇرۇپپىغا كىرمىگەن بولسىمۇ ئالپ تورىمىزدىكى باشقا ئەزالاردىن مۇشۇ دىتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتۇرۇشنى خالايدىغانلار بولسا ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلىڭلار. مەن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى ئەۋەتىپ بېرىمەن.
بۇ دېتال يۇنىكودنى قوللايدۇ، passolo نى ئىشلىتىشنى بىلدىغانلار ئاسانلا تەرجىمە قىلالايدۇ.
تىل بىلدىغان، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى بىلمەيدىغانلار بولسا تېخنىكا جەھەتتىن بىز يىتەكچىلىك قىلساقمۇ بولىدۇ.
تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولغاندا ئاقچا بىلەن مۇكاپاتلايمىز.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش گۇرۇپپىمىز قۇرۇق جازىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇندىن كېيىن ۋەزىپىسنى ئادا قىلالمايدىغان، ۋاقتى چىقمايدىغانلارمۇ ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلىپ قويۇڭلار. |
|