ئادەتتە بىز كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە قوشۇمچە كۇنۇپكىلارغا ئانچە پەرۋا قىلمايمىز، ئەگەر شۇلارنى ئىشلىتىشنى بىلىۋالساق، بىزنىڭ مەشغۇلات سۈرئىتىمىز زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.
Caps lock: بۇ چوڭ كىچىك يېزىلىشنى ئالماشتۇرىدۇ. بەزىدە esc، tab ،shift قاتارلىق كونۇپكىلار بىلەن بىرگە ئىشلىتىلدۇ.
Shift، ctrl، alt: بۇ ئىچ كونۇپكا ئادەتتە باشقا كونۇپكىلاربىلەن بىرگە بولغاندا ئاندىن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇردۇ.
Backspace: بۇ ئارقىغا بىركاتەكچە چىكىنىش، ياكى ئۆچۈشۈش رولىنى ئۆتەيدۇ.
Print screen: بۇ ئادەتتە ئىكرانىنى رەسىمگە تارتىدۇ.
Scroll lock: بۇ Dos مەشغۇلات سىستېمىسى ۋاقتىدا يىزىق تەھرىرلەشتە ئۆزرولىنى جارى قىلدۇراتتى ھازىر كۆپ ئىشلىتىلنەيدۇ.
Pause: بۇ مەشغۇلاتنى ۋاقىتلىق توختۇتۇش رولى بار. بۇ پروگرامما تۈزگەندە تولا ئىشلىتىدىغان كونۇكلىلارنىڭ بىرسى.
Insert: قىستۇرۇش كونۇپكىسى
Delete: ئۆچۈرۈش كونۇپكىسى
Page up: ئالدىنقى بەتكە ئاتلايدۇ
Page down: كېيىنكى بەتكە ئاتلايدۇ
End : نۇربەلگىنى ئەڭ ئاخىرىغا ئاتلىتىدۇ
Home: نۇر بەلگىنى ئەڭ ئالدىغا ئاتلىتىدۇ
Enter : مۇقۇملاشتۇرۇش كونۇپكىسى
F1 دىن F12 غىچە بولغانلىرى
F1 : ئەگەر سىز ئىشلىتىۋاتقان پىروگىراممىغا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كىرەك بولسا ، F1 نى بېسىڭ. سىز ئەگەر ھېچقانداق پروگىراممىنى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز ، مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى ئۈستەل يۈزىدە بولۇپ F1 نى باسسىڭىز Windows قا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم ھۆججىتى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر سىز باشقا پىروگىراممىدا بولۇپ Windows قا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كېرەك بولسا WinKey+F1 نى باسىمىز.
F2 : ئەگەر سىز مەنبە باشقۇرغۇچتا بولۇپ مەلۇم مۇندەرىجە ياكى ھۆججەت تالىغانغان ھالەتتە ، F2 نى باسسىڭىز ئاشۇ مۇندەرىجىنىڭ ياكى ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
F3 : مەنبە باشقۇرغۇچتا ياكى ئۈستەل يۈزىدە تۇرۇپ F3 نى باسسىڭىز ، ھۆججەت ئىزدەش كۆزنىكى چىقىدۇ ، ئوخشاشلا Windows Media Player دا تۇرۇپ F3 نى باسسىڭىز «ئىزدەش ئارقىلىق كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى قويۇش ئامبىرىغا قوشۇش» كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ.
F4 : بۇ كونۇپكا ئارقىلىق IE دىكى ئادرىس تىزىملىكلىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ. ئەگەر خالىغان بىر كۆزنەكنى ئېتىۋەتمەكچى بولسىڭىز Alt+F4 نى باسسىڭىز بولىدۇ.
F5 : بۇ كونۇپكا ئارقىلق IE دا ئېچىلغان تور بەتنى ياكى مەنبە باشقۇرغۇچتىكى خالىغان كۆزنەكنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلىغىلى بولىدۇ.
F6 : تىز سۈرئەتتە نۇر بەلگىنى مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى IE نىڭ ئادرىس سىتونىغا يۆتكەپ بىرىدۇ.
F7 : بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسدا ھېچقانداق رولى يوق ، لىكىن DOS كۆزنىكىدە سىزنىڭ بەرگەن بۇيرۇقلىلىرڭىزنى تەرتىپ بويىچە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
F8 : كومپيۇتېر قوزغالغان ۋاقىتتا ، بۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تىزىملىكىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ. بەزى كومپيۇتېرلاردا مۇشۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تەرتىپىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. (يۇمشاق دىسكا ، ئوپتىك دىسكا ياكى قاتتىق دىسكىدىن قوزغۇلۇش قاتارلىقلارنى BIOS قا كىرمەيلا تاللىغىلى بولىدۇ.)
F9 : بۇ كونۇپكىمۇ ئوخشاشلا Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسىدا ھېچقانداق رولى يوق ، بىراق Windows Media Player دا تىز سۈرئەتتە ناخشا ئاۋازنى پەسەيىتكىلى بولىدۇ.
F10 : بۇ كونۇپكا ئارقىلق Windows كۆزنىكىدىكى تىزىملىكلەرنى ئاكتىپ ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ . Shift+F10 نى باسقاندا مائۇس ئوڭ كونۇپكا تىزىملىكلىرى چىقىدۇ . Windows Media Player دا ئاۋازنى يۇقۇرلىتىش رولى بار.
F11 : مەزكۇر مەنبە باشقۇرغۇچ كۆزنىكىنى ياكى IE كۆزنىكىنى پۈتۈن ئىكران ھالىتىدە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
F12 : بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىدا ھېچقانداق رولى يوق ، لىكىن Word تا مەزكۇر ھۆججەتنى باشقا ئىسىمدا ساقلاش كۆزنىكىنى ئېچىپ بىرىدۇ.
قوشۇپ ئىشلىتىلدىغان كۇنۇپكىلار
كونۇپكا تاختىلاردا Win ياكى Windows نىڭ بەلگىسى بار بىر كۆنۇپكا بار، Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇنى تۆۋەندىكىدەك ئىشلىتىمىز.
Win+m: ئۈستەل يۈزىنى كۆرسىتىش
Win+pause: سىستىما خاسلىقى
Win+e: بولسا بايلىق باشقۇرغۇچ(资源管理器) نى ئېچىش
Win+r: ئىجرا قىلىش
Win+f: ئىزدەش
Win+u: سىستىمىنى ئىتىش
Win+d: بارلىق كۆزنەكلەرنى ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلتۈرۈش ، يەنە بىر قېتىم
Win+d: نى باسسىڭىز ئەكسىگە قايتىدۇ .
Win+m: بارلىق كۆزنەكلەرنى ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلتۈرۈش ، لىكىن يەنە بىر قېتىم Win+m نى باسقاندا ئەكسىگە قايتالمايدۇ .
باشقىلار
shift+del: ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى بىۋاستە ئۆچۈرۈش(ئەخلەتخانىغا تاشلىماي).
نۇر دىسكىنى ئاپتۇماتىك قويۇشنى چەكلمەكچى بولسىڭىز shift نى بېسىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ
ctrl+esc باشلىنىش تىزىملىكى(开始菜单)نى ئېچىش
alt+F4 نۆۋەتتىكى كۆزنەكنى ئىتىش
msn، QQ ياكى باشقا پاراڭچىلاردا ئۇچۇر يوللىغاندا enter باسىمىز ، ئەگەر سىز ئۇچۇر يوللىماي قۇرئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز shift+enter كۇنۇپكىسىنى ياكى ctrl+enter نى باسسىڭىز بولىدۇ .
|