- جۇغلانما
- 903
UID1255
تىزىملاتقان2011-5-6
ئاخىرقى قېتىم2014-6-3
توردا147 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 903
- ئاقچا
- 7
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىپداشلار.
ئۇزۇن بوپتىكەن تېما يوللىمىغىلى، بۈگۈن بىر تەجرىبە ساۋاق تېمىسى ئېلىپ كەلدىم.
تەپسىلىي ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
مەن 8-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ تېلگىرافى تيەنيى سېتىش مەيدانىدىن بىر تال خۇاۋېي8815 تىلپىق تېلىفۇننى سېتىۋالغان ئىدىم ، سېتىۋىلىشتىن بۇرۇن مەن شۇلاردىن سورىدىم، سېتىۋالغاندىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىتتا تېلىفۇننى ئەۋەتىپ بېرىسىلەر دەپ . ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار : يەتتە كۈن ئىچىدە قولىڭىزغا تېگىپ بولىدۇ دەپ جاۋاب بەردى.بولىدىكەنغۇ دەپلا پۇلنى تۆلىدىم ۋە مال ئەۋەتىشىنى كۈتتۈم...
بىرىنچى كۈنى....ئىنكاس يوق
ئىككىنچى كۈنى...يەنىلا ئىنكاس يوق
ئۈچىنچى كۈنى....يەنىلا جىمجىت
تۆتىنچى كۈنى....يەنىلا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق
بەشىنچى كۈنى مەن ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشتىم.
-نېمە ئۈچۈن تېلىفۇننى سېلىپ بەرمەيسىلەر؟
-كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، مال زاكاس قىلىش مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ۋاقتى سۈرۈلۈپ كەتتى، بىز يەتتە كۈن ئىچىدە مالنى ئەۋەتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
ئالتىنچى كۈنى يەنىلا جىمجىت...
يەتتىنچى كۈنى جىمجىت ، .ئەمما مەن 655 يۈەنگە سېتىۋالغان تېلىفۇننىڭ باھاسى 855يۈەنگە كۆتۈرۈلۈپتۇ...
شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە سورىدىم.
-يەتتە كۈن ئىچىدە يانفوننى سېلىپ بېرىمىز دېگەنغۇ ؟
-كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، بىزنىڭ سېتىلىش مىقدارىمىز بەك كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن توختىماستىن مال سېلىۋاتىمىز، سىزنىڭكىنىمۇ ئامال بار تېز سېلىپ بېرىمىز.
-زادى نەچچە كۈندە مال سالالايسىلەر؟
-يەتتە كۈندىن ئون كۈنگىچە...
شۇنىڭ بىلەن مەن يانفونۇمدا 10000 ئىستانسىسىغا تېلىفۇن قىلدىم،ئاپتوماتسىز ئىستانسىغا ئىنكاس قىلىش ئارقىلىق يەنە شۇنداق تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىپ بېرىمىز دېگەن جاۋابقا ئېرىشتىم...كۆڭلۈمدە، ئون كۈنگىچە دېگەندىكىن ئونىنچى كۈنى بولسىمۇ ئەۋەتىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ يەنە ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم...
سەككىزىنچى كۈنى...جىمجىت....
توققۇزىنچى كۈنى، يەنىلا جىمجىت....
ئونىنچى كۈنى، مەن ئېچىپ مالنى ئەۋەتكەن ئەۋەتمىگەنلىكىگە قاراپ باقتىم، ئەمما يەنىلا ئەۋەتىلمەپتۇ...مەن يەنە ئالاقىلاشتىم...ئەمما ئېرىشكەن جاۋابىم يەنىلا ئوخشاش...ئامال بار تېز سۈرئەتتە سىزگە ئەۋەتىپ بېرىمىز...
شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئەگەر بۇ يانفوننى ئەرزان ئالغانلىقىمنى ئويلىمىسام تامامەن بۇ يانفوندىن ۋاز كېچىپ ياندۇرىۋەتكەن بولار ئىدىم. ئەمما ياندۇرىۋىتىشمۇ ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىكەن، ياندۇىۋىتىش ئۈچۈن يانفون كەلگەندە مەن تاپشۇرىۋىلىشنى رەت قىلىشىم كېرەككەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئون بەش كۈن ئىچىدە ماڭا پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىدىكەن....ئۇف....ساراڭ بوپ قالاي دېدىمغۇ ئادەمنى دۇتار قىلىپ چېلىپ بۇ تېلگىراف ئىدارىسى... يە بۇلار مەن سېتىۋالغان كۈنى يانفوننىڭ باھاسىنى ئەرزان چىقىرىپ سالغانلىقى ئۈچۈن قەستەن ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇپ مېنى ۋاز كەچكۈزمەكچى بولىۋاتامدۇ، ياكى سېتىش مىقدارى ھەقىقەتەن شۇنداق كۆپ بولۇپ كېتىپ مال ئەۋەتىشكە نۆۋىتىم تەگمەيۋاتامدۇ تازا بەك بىلىپ كەتمىدىم...بىلگىنىم شۇ بولدىكى، ئەگەر تاساددىپىي ئەھۋال بولۇپ قالمىسا، شىنجاڭ تېلگىرافى تور تىجارەت زالىنىڭ سېتىش بۆلۈمىدىن يانفون سېتىۋىلىش ئاساسەن شۇ ئۆزىنى جىلە قىلىش بولىدىكەن...مانا ، ھازىرغىچە يانفوننى تاپشۇرۋىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەۋەتىشنىمۇ ئەۋەتمەي تۇرىدۇ....بېشىمدىن ئۆتكەن ساۋاق بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ تېما ئارقىلىق مۇنبەرداشلارغا يوللىدىم..........
|
|