|
يەرشارىدا تۇنجى بولۇپ 3 ئۆلچەملىك ( 3D) فاكس دۇنياغا كەلدى
[ تېڭشۈن تورى خەۋىرى] نۆۋەتتە AIO Robotics دېگەن شىركەت تۇنجى بولۇپ، تىپ نومۇرى Zeus بولغان تولۇق ئىقتىدارلىق 3 ئۆلچەملىك ( 3D) پرىنتېرنى ياساپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئۈسكۈنە بىرلا ۋاقىتتا سىكانېرلاش، پرىنتېرلاش، كۆپەيتىش ۋە فاكس ئىقتىدارىنى تولۇق ھازىرلىغان ئىكەن. بۇ شىركەت 9-ئاينىڭ 4-كۈنى داڭلىق جوڭچوۋ ( Kickstarter ئاھاڭغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى) سۇپىسىدا بۇ مەھسۇلاتنى ئاشكارا ئېلان قىلماقچى بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە AIO Robotics بۇرۇنلا Zeus نىڭ ئىككى پارچە ئۈنۈم رەسىمىنى(知名) داڭلىق 3 ئۆلچەملىك ( 3D) پرىنتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان.
AIO Robotic نۆۋەتتە Zeus نىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىنى ئاشكارلىمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ شىركەت ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ بۇ ئۈسكۈننىڭ باھاسىنىڭ Makerbot بايرىقى ئاسىتدىكى 3 ئۆلچەملىك ( 3D) پرىنتېرى بىلەن Replicator بايرىقى ئاستىدىكى 3 ئۆلچەملىك ( 3D) سىكانېرلاش ئۈسكۈنىسى Digitizer نىڭ باھاسىدىن خىلىلا تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەرجىمە خەۋەر خەۋەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى بۇيەردىن كۆرۈك
مۇناسىۋەتلىك رەسىم
|
|