ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 696|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[تەرجىمە فىلىم] ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ 1 (7 & 8)

18

تېما

99

يازما

329

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1046
ئاقچا
1
ئۇيغۇرچە نامى : ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ
باشقا ئۇيغۇرچە نامى: تىلىڭىزنى بېيىتىڭ
ئىنگلىزچە نامى : Mind Your Language
ئىشلەنگەن ۋاقتى : 1977 - يىلى
تەرجىمە قىلىنغان ۋاقتى 2013 - يىلى 5 - ئاي
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2013 - يىلى 8 - ئاي
دۆلىتى : ئەنگلىيە
ژانىرى : كومېدىيە\تىل ئۆگىنىش\قىزىقارلىق\مەكتەپ
تىلى : ئىنگلىزچە
يېزىقى : ئۇيغۇرچە\ئىنگىلىزچە
تەرجىمە قىلغۇچى: ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزى
ئۇزۇنلۇقى : ھەربىر قىسمى 24 مىنۇت
بۆلۈم سانى: 4 بۆلۈم(ھازىرغىچە تېپىلغىنى 3 بۆلۈم)
1-بۆلۈم: 11 قىسىم
رازمېرى : 368*480
ئۇلىنىش : http://www.imdb.com/title/tt0075537
نەتىجىسى : 7.8/10
رېژىسسور: Vince Powell
ئاساسلىق روللاردا :

(Barry Evans         ...        Jeremy Brown (42 episodes, 1977-1986
(George Ca[miller         ...        Giovanni Capello / ... (42 episodes, 1977-1986
(Jacki Harding         ...        Anna Schmidt (42 episodes, 1977-1986
(Zara Nutley         ...        Miss Courtney (42 episodes, 1977-1986
(Ricardo Montez         ...        Juan Cervantes (42 episodes, 1977-1986
(Albert Moses         ...        Ranjeet Singh (42 episodes, 1977-1986

7-، 8-قىسىملىرى يېڭىلاندى

ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ      Mind your language   

بۇ 1977-يىلى ئەنگلىيىدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ، بىر توپ ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولمىغان ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ، كەچلىك كۇرستا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان قىزىقارلىق ھېكايىلىرى سۆزلىنىدۇ.

بۇ سىنىپ بىر ئىتالىيىلىك، بىر گرېتسىيىلىك، بىر ئىسپانىيىلىك، بىر ياپونىيىلىك، بىر جۇڭگولۇق قىزچاق، بىر ھىندىستانلىق ئايال، بىر پاكىستانلىق، بىر ھىندىستانلىق شىك دىنى مۇرىتى، يەنە بىر فرانسىيىلىك گۈزەل قاتارلىقلار يىغىلغان «خەلقئارالىق» ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش سىنىپى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئىنگلىزچىسى ياخشى ئەمەس. ئۇلار يا گىرامماتىكىدا، يا تەلەپپۇزدا ۋە ياكى سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىدە خاتالىق سادىر قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ جەرياندا تەبىئىيلا نۇرغۇن كۈلكىلىك ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى جەمئىي 4 بۆلۈم ئىشلەنگەن بولۇپ، دىنىي تالاش-تارتىش، سىياسىي ئايرىمچىلىق، مۇھەببەت-كۈنلەش قاتارلىقلار فىلىم مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈلۈپ، ھەرخىل مىللەت ۋە مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاقلىقلىرى ۋە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى ئۇستىلىق بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن.

فىلىمدىكى پېرسوناژلار كۆپىنچە ھالدا بىلىپ-بىلمەي تەلەپپۇز ۋە سۆز ئىشلىتىش خاتالىقى سادىر قىلىدىغان بولۇپ، فىلىم مەزمۇنىنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بىراۋنىڭ تىلىنى بۇزۇپ سۆزلىسە قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن بۇ خاتالىقلار ئۇيغۇرچە ماس كېلىدىغان تەلەپپۇز ۋە سۆز خاتالىقلىرى بىلەن ئىپادىلەندى. تورداشلارنىڭ بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

فىلىم گەرچە 1977-يىلى ئىشلەنگەن كونا فىلىم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى چىنلىق، كۈلكە، تىل ئۆگىنىشكە بېغىشلانغان قىزغىنچلىق ۋە بوشاشماي ئۆگىنىش، ئەڭ مۇھىمى سۆزلەشتىن قىلچە تارتىنماسلىق روھى بىزنىڭ بۈ كۈنلەردە بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ چىقىشلىرىمىزغا سەۋەب بولدى. تورداشلارنىڭ بۇ فىلىمدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە بوشاشماي ئۆگىنىش، تىل ئۆگەنگەندە تارتىنماي سۆزلەش، ئەڭ مۇھىمى ئانا تىلىمىز ياكى باشقا تىللارنى ئۆلچەملىك، راۋان، توغرا سۆزلەشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەسكەرتىش: ئەگەر سىزنىڭ ئازراق ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ باققان تارىخىڭىز بولمىسا ياكى تىل ئۆگىنىشكە قىزىقمىسىڭىز بەلكىم بۇ فىلىمدىن ھۇزۇر ئالالماسلىقىڭىزمۇمكىن. فىلىمدىكى بەزى كۆرۈنۈشلەرگە تەنقىدىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

كەسمىلىرى
Episode 07 - Th[00_01_30][20130829-171131-0].JPG

Episode 07 - Th[00_03_35][20130829-171143-1].JPG

Episode 07 - Th[00_14_54][20130829-171223-2].JPG

Episode 07 - Th[00_22_57][20130829-171418-3].JPG

Episode 08 - Be[00_01_10][20130829-171519-0].JPG

Episode 08 - Be[00_02_36][20130829-171548-1].JPG

Episode 08 - Be[00_13_26][20130829-171703-2].JPG

Episode 08 - Be[00_18_21][20130829-171713-3].JPG

1-بۆلۈم 7-قىسىم        كۆچۈرمىكەشلىك ئويۇنى    The Cheating Game
بۇ قىسىمدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقلىدىي ئىمتىھاننىڭ جاۋابىنى ئوغرىلاش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار تەسۋىرلىنىدۇ.
1-بۆلۈم 7-قىسىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ۋە چۈشۈرۈڭ

1-بۆلۈم 8-قىسىم        سۆيۈش ۋە ئايرىلىش     Better To Have Loved and Lost
بۇ قىسىمدا پاكىستانلىق ئەلىنىڭ جۇڭگولۇق سۇ لىنى ئىككىنچى خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولۇشى جەريانىدىكى قىزىقارلىق ۋەقەلىك، شۇنداقلا دەرس جەريانىدىكى كومېدىيىلەر تەسۋىرلىنىدۇ.
1-بۆلۈم 8-قىسىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ۋە چۈشۈرۈڭ

نۆۋەتتە بىرىنچى بۆلۈم تەرجىمە قىلىنىپ بولدى، ئاخىرى داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە قوللاپ بېرىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىز ھېسابلىنىدۇ. رەھمەت.

25

تېما

721

يازما

612

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2546
ئاقچا
15
begtash ۋاقتى: 2013-8-29 18:39:56 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 3-قىسىمغىچە كۆرۈپ بولدۇم

300

تېما

2368

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
19
جۇغلانما
251025
ئاقچا
4447

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

alip ۋاقتى: 2013-8-29 18:58:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقارلىق فىلىمكەن بۇ. تەرجىمىنىمۇ ئۇستىلىق بىلەن قىلىۋېتىپتۇ. مەن قالدۇرماي كۆرۈۋاتىمەن. تەرجىمە قىلغانلارغا كۆپ رەھمەت.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

0

تېما

13

يازما

102

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
318
ئاقچا
0
QQ
dilimurat ۋاقتى: 2013-8-29 20:21:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىنى  ئالامەت  قىلىۋىتىپتۇ   جۇمۇ   ؟   ئاخرىغا   تەقەزامەن   !‹\؟ \\\   تەرجمانلارغا  رەھمە ىتۇ  

71

تېما

1756

يازما

324

تەجرىبە

ئالى باشقۇرغۇچى

ئەلتەر ئەپ بازىرى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
6
جۇغلانما
8441
ئاقچا
14

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

merdan ۋاقتى: 2013-8-29 21:42:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھاھا~~بۇرۇن نېمىشقا كۆرمىگەندىمەن ...
ئەلتەر ئەپ بازىرى  http://www.elter.cc/emarket

18

تېما

99

يازما

329

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1046
ئاقچا
1
Go_on  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-30 10:28:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2013-8-29 18:58
بەك قىزىقارلىق فىلىمكەن بۇ. تەرجىمىنىمۇ ئۇستىلىق بىلە ...

ياخشى سۆزلەر بىلەن قوللاپ بەرگەن سىزگىمۇ رەھمەت ئالىپ ئەپەندى. تەرجىمىنى ئامال بار ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن قىلىشقا تىرىشتۇق. داۋامىنى يوللىغاندا ئالدىراپ تەستىقلىۋىتەرسىز ئەمىسە ھې ھې ھې...

12

تېما

394

يازما

227

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1146
ئاقچا
4
abdulla156 ۋاقتى: 2013-8-30 16:53:27 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا  نىم دىگەن قىززىق 来自: Android客户端

0

تېما

12

يازما

50

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
149
ئاقچا
0
QQ
altizak ۋاقتى: 2013-9-4 14:05:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقارلىق فىلىمكەن بۇ. تەرجىمىنىمۇ ئۇستىلىق بىلەن قىلىۋېتىپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش