- جۇغلانما
- 1211
UID4176
تىزىملاتقان2011-11-16
ئاخىرقى قېتىم2015-4-28
توردا353 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1211
- ئاقچا
- 0
|
كەمىنە مۇشۇ تېمىنى كۆرۈپلا تىزىملىتىشىپ كىرىشىم،مەندە گەرچە زاماندىن قالغان بولسىمۇ HTC deream G1دىن بىرسى بار ئىدى، ئاندىرويىدنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەس ۋاقىتلىرىمدا توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ،سىرتقى پاسونى ياراپ قېلىپ ھەم ئەرزانكەن دەپ سېتىۋالغان ئىدىم.بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن،مەن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىن ئاندىرويىد توغرىسىدىكى ماقالىلارنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىىن ئۆزۈمنىڭ يانفونىنىڭمۇ مۇشۇ مەشغۇلات سېستىمىسىدىكى يانفۇن ئىكەنلىكىنى بىلدىم،ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرچە تونۇتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن تارتىپ ھەپىلەشمىگەن ئۇسۇلۇم قالمىدى.فونتقا ھوقۇق بەرسەممۇ ئوخشاشلا تونۇمىدى،ھېلىقى ئەرەپچە قوللايدىغان قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانسام يانفۇن قوزغالماي قويدى،ماۋۇ بېلەت تاشلاش تېمىسىغا قارىسام مېنىڭ يانفونۇم قاتارغا كىرەلمەپتۇ.(دېمىسىمۇ زاماندىن بەكلا قالدى)لېكىن ماڭا ئوخشاش بۇخىل يانفوننى ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن،ھەم شۇنداقلا بىر ئوبدان ئىشلەۋاتقان يانفوننى ئالماشتۇرغىسىمۇ كەلمەيدىكەن،ئۇيغۇرچە رومنىڭ ئىشقىدىن ئەسلى كەچكىلى بولمايدىكەن،شۇڭا ئاخىرى ئالىپ ئاتامانلىرىنىڭ سەمىگە سېلىپ بېقىش خىيالىغا كەلدىم.مۇمكىن بولسا مۇشۇنىڭ رومىنىمۇ ئۇيغۇرچە قىلىپ بەرگەن بولساڭلار،ھەم بېلەت تاشلاش تىزىملىكىگە قوشۇپ قويغان بولساڭلار دەيدىغان ئۆتۈنۈشۈم بار ئىدى |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|