- جۇغلانما
- 1694
UID8746
تىزىملاتقان2012-7-16
ئاخىرقى قېتىم2015-4-2
توردا351 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1694
- ئاقچا
- 0
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق ئەزىز قىرىنداشلار. بىر دانە ئەپنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن ئەپ تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ قانچىلىك جاپا تارتىدىغىنىنى شۇ ئەپنى تەرجىمە قىلغان ئادەم ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ. شۇ ئەپنىڭ ھەر بىر قۇر، ھەر بىر پەشلىرىنى جايى-جايىغا كەلتۈرۈپ مەنىسىنى توغرا يېشىپ تەرجىمە قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. بىر ئەپنى تەرقىمە قىلىش ئۈچۈن شۇ ئادەمنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندا 10كۈندىن 90كۈنگىچە ياكى ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئۇزاق ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، بىر تېلېفۇننىڭ رومى دىگەنلىك شۇ تېلېفۇن ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان ئەپلەر گۇرۇپپىسىدىن تەشكىل تاپقان بىر پۈتۈن گەۋدە. بىز باياتتىن دەپ ئۆتكەندەك بىردانە ئەپنى كىشىلەر چۈشەنگىدەك دەرىجىدە تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن ئاز بولغاندا 10 كۈدىن 90 كۈنگىچە ياكى ئۇنىڭدىن.... شۇنداق قىلىپ ھىساپلىغاندا ئويلاپ باقايلى قىرىنداشلار، بىردانە گۇرۇپپىنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كىتەر؟ يەنە شۇ گۇرۇپپىلار تەشكىل قىلغان بىردانە رومنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كىتەر؟ ....
مۇشۇنداق بىزلەر ئۈچۈن ئەپلەرنى، روملارنى تەرجىمە قىلىۋاتقان ۋە ياكى قانداق بولمىسۇن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتىدە جاپا چىكىۋاتقان ئالىپلىرىمىزنىڭ جاپاسىغا بىزنىڭ ئاشۇ ئاقچىلىرىمىزنى، خەلق پۇللىرىمىزنى تەڭ قىلغىنىمىز بەك نادانلىق قىرىنداشلىرىم. بىزنىڭ ئۇلارغا قىلغىنىمىز مەدەت ۋە قوللاشتۇر خالاس. ئالىپلىرىمىزنىڭ تارتقان جاپاسى بۇنىڭ سىرتىدا.
شۇ نەرسە ئىسىمىزدە بولسۇنكى، ئۆز تېلىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك ھىچكىم كىلىپ بىزگە ‹‹ ماۋۇ سىزنىڭ تىلىڭىز، ئوبدان قەدىرلەڭ جۇماڭ ›› دەپ قەدىرلەپ بەرمەيدۇ.
بىز بۇنداق قىلماي قىرىنداشلىرىم، ئۆزىمىزنىڭ ئارىسىدىن چىققان ئالىپلىرىمىزنى تېخىمۇ قوللاپ بىرەيلى، مەدەت بىرەيلى.
|
|