ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 722|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[تەرجىمە فىلىم] ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ 1 (6 - 1)

18

تېما

99

يازما

329

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1046
ئاقچا
1
ئۇيغۇرچە نامى : ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ
باشقا ئۇيغۇرچە نامى: تىلىڭىزنى بېيىتىڭ
ئىنگلىزچە نامى : Mind Your Language
ئىشلەنگەن ۋاقتى : 1977 - يىلى
تەرجىمە قىلىنغان ۋاقتى 2013 - يىلى 5 - ئاي
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2013 - يىلى 8 - ئاي
دۆلىتى : ئەنگلىيە
ژانىرى : كومېدىيە\تىل ئۆگىنىش\قىزىقارلىق\مەكتەپ
تىلى : ئىنگلىزچە
يېزىقى : ئۇيغۇرچە\ئىنگىلىزچە
تەرجىمە قىلغۇچى: ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزى
ئۇزۇنلۇقى : ھەربىر قىسمى 24 مىنۇت
بۆلۈم سانى: 4 بۆلۈم(ھازىرغىچە تېپىلغىنى 3 بۆلۈم)
1-بۆلۈم: 11 قىسىم
رازمېرى : 368*480
ئۇلىنىش : http://www.imdb.com/title/tt0075537
نەتىجىسى : 7.8/10
رېژىسسور: Vince Powell
ئاساسلىق روللاردا :

(Barry Evans         ...        Jeremy Brown (42 episodes, 1977-1986
(George Ca[miller         ...        Giovanni Capello / ... (42 episodes, 1977-1986
(Jacki Harding         ...        Anna Schmidt (42 episodes, 1977-1986
(Zara Nutley         ...        Miss Courtney (42 episodes, 1977-1986
(Ricardo Montez         ...        Juan Cervantes (42 episodes, 1977-1986
(Albert Moses         ...        Ranjeet Singh (42 episodes, 1977-1986

5-، 6-قىسىملىرى يېڭىلاندى

ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ      Mind your language   

بۇ 1977-يىلى ئەنگلىيىدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ، بىر توپ ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولمىغان ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ، كەچلىك كۇرستا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان قىزىقارلىق ھېكايىلىرى سۆزلىنىدۇ.

بۇ سىنىپ بىر ئىتالىيىلىك، بىر گرېتسىيىلىك، بىر ئىسپانىيىلىك، بىر ياپونىيىلىك، بىر جۇڭگولۇق قىزچاق، بىر ھىندىستانلىق ئايال، بىر پاكىستانلىق، بىر ھىندىستانلىق شىك دىنى مۇرىتى، يەنە بىر فرانسىيىلىك گۈزەل قاتارلىقلار يىغىلغان «خەلقئارالىق» ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش سىنىپى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئىنگلىزچىسى ياخشى ئەمەس. ئۇلار يا گىرامماتىكىدا، يا تەلەپپۇزدا ۋە ياكى سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىدە خاتالىق سادىر قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ جەرياندا تەبىئىيلا نۇرغۇن كۈلكىلىك ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى جەمئىي 4 بۆلۈم ئىشلەنگەن بولۇپ، دىنىي تالاش-تارتىش، سىياسىي ئايرىمچىلىق، مۇھەببەت-كۈنلەش قاتارلىقلار فىلىم مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈلۈپ، ھەرخىل مىللەت ۋە مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاقلىقلىرى ۋە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى ئۇستىلىق بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن.

فىلىمدىكى پېرسوناژلار كۆپىنچە ھالدا بىلىپ-بىلمەي تەلەپپۇز ۋە سۆز ئىشلىتىش خاتالىقى سادىر قىلىدىغان بولۇپ، فىلىم مەزمۇنىنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بىراۋنىڭ تىلىنى بۇزۇپ سۆزلىسە قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن بۇ خاتالىقلار ئۇيغۇرچە ماس كېلىدىغان تەلەپپۇز ۋە سۆز خاتالىقلىرى بىلەن ئىپادىلەندى. تورداشلارنىڭ بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

فىلىم گەرچە 1977-يىلى ئىشلەنگەن كونا فىلىم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى چىنلىق، كۈلكە، تىل ئۆگىنىشكە بېغىشلانغان قىزغىنچلىق ۋە بوشاشماي ئۆگىنىش، ئەڭ مۇھىمى سۆزلەشتىن قىلچە تارتىنماسلىق روھى بىزنىڭ بۈ كۈنلەردە بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ چىقىشلىرىمىزغا سەۋەب بولدى. تورداشلارنىڭ بۇ فىلىمدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە بوشاشماي ئۆگىنىش، تىل ئۆگەنگەندە تارتىنماي سۆزلەش، ئەڭ مۇھىمى ئانا تىلىمىز ياكى باشقا تىللارنى ئۆلچەملىك، راۋان، توغرا سۆزلەشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەسكەرتىش: ئەگەر سىزنىڭ ئازراق ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ باققان تارىخىڭىز بولمىسا ياكى تىل ئۆگىنىشكە قىزىقمىسىڭىز بەلكىم بۇ فىلىمدىن ھۇزۇر ئالالماسلىقىڭىزمۇمكىن. فىلىمدىكى بەزى كۆرۈنۈشلەرگە تەنقىدىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

كەسمىلىرى
Episode 05 - Th[00_01_17][20130822-112141-0].JPG

Episode 05 - Th[00_06_25][20130822-112217-1].JPG

Episode 05 - Th[00_20_01][20130822-112257-2].JPG

Episode 05 - Th[00_23_10][20130822-112422-3].JPG

Episode 06 - Co[00_00_45][20130822-112620-0].JPG

Episode 06 - Co[00_06_07][20130822-112727-1].JPG

Episode 06 - Co[00_20_09][20130822-112908-2].JPG

Episode 06 - Co[00_20_31][20130822-113001-3].JPG

1-بۆلۈم 1-قىسىم        تۇنجى دەرس       The first lesson
تۇنجى قىسىمدا فىلىمدىكى ھەر قايسى پېرسوناژلار تۇنجى سائەتلىك دەرس ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلىدۇ.
1-بۆلۈم 1-قىسىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ۋە چۈشۈرۈڭ

1-بۆلۈم 2-قىسىم        تەكشۈرگۈچى كەلدى      An inspector calls
بۇقىسىمدا كەچلىك كۇرسنى مائارىپ ئىدارىسىدىن تەكشۈرۈشكە كەلگەن تەكشۈرگۈچى ھەققىدىكى قىزىقارلىق ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ.
1-بۆلۈم 2-قىسىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ۋە چۈشۈرۈڭ

1-بۆلۈم 3-قىسىم        ئۆلۈمدىنمۇ ئېچىنىشلىق تەقدىر      A Fate Worse Than Death
بۇ قىسىمدا كىچىك ۋاقتىدا چاي ئىچۈرۈلگەن ھىندىستانلىقنىڭ توينى قايتۇرىۋېتىشى ھەققىدىكى قىزىقارلىق ھېكايە سۆزلىنىدۇ.
1-بۆلۈم 3-قىسىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ۋە چۈشۈرۈڭ

1-بۆلۈم 4-قىسىم       سىنىپتا ئۆتكەن بىر كەچ      All Through The Night
بۇ قىسىمدا جۈمە كۈنى كەچتە ئېھتىياتسىزلىقتىن سىنىپقا سولىنىپ قالغاندىن كېيىنكى قىزىقارلىق ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ.
1-بۆلۈم 4-قىسىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ۋە چۈشۈرۈڭ

1-بۆلۈم 5-قىسىم        ھاياتتىكى ئەڭ ياخشى ئىشلار     The Best Things In Life
بۇ قىسىمدا ئىنگلىز تىلىدىكى نەچچە تال سۆزدىن باشقىنى بىلمەيدىغان ھىندىستانلىق خانىمنىڭ ئۇقۇشماستىن ئوغرىلىققا ئارىلىشىپ قېلىش جەريانىدىكى  ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ.
1-بۆلۈم 5-قىسىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ۋە چۈشۈرۈڭ

1-بۆلۈم 6-قىسىم        مەكتەپكە قايتىپ كېلىش     Come Back All Is Forgiven
بۇ قىسىمدا براۋن ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ۋە ئۇ تاپشۇرۇۋالغان سوۋغاتلار، شۇنداقلا خىزمەتتىن ھەيدىلىپ قايتىش كېلىشى جەريانىدىكى قىزىقارلىق ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ.
1-بۆلۈم 6-قىسىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ۋە چۈشۈرۈڭ

نۆۋەتتە بىرىنچى بۆلۈم تەرجىمە قىلىنىپ بولدى، ئاخىرى داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە قوللاپ بېرىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىز ھېسابلىنىدۇ. رەھمەت.

2

تېما

168

يازما

215

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
974
ئاقچا
0
QQ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!!  رەخمەت   مەن چۈشىرۋالدىم ئەمسە؟؟؟

2

تېما

168

يازما

215

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
974
ئاقچا
0
QQ
ئۇك     ئەمدى ھاردۇقىم چىقىدىغان  بۇپتۇدە؟؟؟       كىرىسلودا

3

تېما

107

يازما

264

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1117
ئاقچا
0
152765903 ۋاقتى: 2013-8-23 12:12:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئولتىرىۋېرىپ   يارا   چىقىپ قالمىسۇن  تۇرۇڭ غۇجام ئەمدى

3

تېما

107

يازما

264

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1117
ئاقچا
0
152765903 ۋاقتى: 2013-8-23 12:13:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىلەمدىمۇ  ئولتېرۋاپسېز   راس.    تازا   راھەت   تاپقانسىز

3

تېما

107

يازما

264

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1117
ئاقچا
0
152765903 ۋاقتى: 2013-8-23 12:15:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئولتىرىۋېرىپ   يارا   چىقىپ قالمىسۇن  تۇرۇڭ غۇجام ئەمدى

56

تېما

354

يازما

1116

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3264
ئاقچا
341

تۆھپە ئوردېنى

QQ
xinjiangtour ۋاقتى: 2013-8-23 14:19:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ دەرىسلىكنى يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر ئەڭ ياخشىسى كۆرمىگىنى ياخشى ،نىمىشقا دىسەڭلار .
ئاۋۇ پاكىستانلىق ئاداش بىلەن ھېندىستانلىقنىڭ سۆز قىلىش ئۇسلۇبىنى ھەرگىز ئۈگۈنۈپ قالماڭلار ،بەك تەتەم-پەتە گەپ قىلىدىكەن،باشقىلىرى يامان ئەمەس سۆزلەيدىكەن.
بۇ دەرىسلىكنى ئېنگىلىز تىلى ئانا تىلىدىكىلەرگە كۈلكە بولىشى ئۈچۈن چىقارغان فىلىمكەن،راسكىن دەپ قالىسىز ،مۇشۇ فېلىمنى كۆرۈپ بىر نەرسە ئۈگىنمەن دىسەڭلار ،بىر ئوبدان ياخشى سۆزلىيەلەيدىغان جۈملىلەرنى خاتا ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالىسىلەر.
ئاتلاندىكىلەر بۇ فېلىملەرنى دەرىسخانىسىدا قويۇپ بالىلارنى تىل ئۈگۈنۈشكە قىزىقتۇرمىز دىگىنى ياخشى بوپتۇ ئەمما بۇ فېلىمنىڭ تىل ئۈگەنگۈچىلەرگە پايدىسى بولماستىن ئەكىسچە يامان تەسىرىمۇ خېلى بار .
يەنە كىلىپ بۇ فىلىمدىكى ئېغىز تىلى ئەنگىلىيە تەلەپپۇزىدا ئىكەن ،ھازىر ئامېركا تەلەپپۇزى مودا بولىۋاتىدۇ،ئاتلاندىكىلەر مۇشۇنى ئويلىشىپ باقسا دىگەن ئۆمۈتتە.

5

تېما

74

يازما

197

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
580
ئاقچا
1
adel0998 ۋاقتى: 2013-8-23 16:38:58 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھا ھىھىھى نىمدا قىززىق ھە بۇ فىلىم لىكىن فىلىم بىلەنبولۇپ بەزى موھىم ئىشلارغا تەسىر يەتمىگەي مەسىلەن خالا يوقلاش دىگەندەك مىنىڭ بىر دوستۇم بۆرىكىن چاتاق چىقىرىۋالدى كىنو قىزىقىشى بىلەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش