|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رىۋايەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-21 09:26
1.ئۇبۇنتۇ سېستىمىسى
ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلىمى جەمىيىتى ۋە بىلىك تورى باشچىلقىدىكى ئوت يۈرەت ئەزمەتلەرنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىق ئارقىسدا تەرجىمە قىلىنىۋاتقىلى مانا ھازىرىغىچە تەخمىنەن 4 يىلىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى.مىللەت سۈيەر بىر قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ۋاقىت ۋە زىھنى كۈچىنى ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن سەرىپ قىلدى.ئۇلارنىڭ بۇخىل رۇھىى ھەربىرىمىز ئۈچۈن ئۈلگە قىلىشقا ۋە ئۈگۈنۈشكە ئەرزىيدۇ.
ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىدىن كۆرۈنۈشلەر :
Windows دېگەن ئاتالغۇ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە كومپيۇتېر دېگەن ئاتالغۇ بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، ھەتتا Windows بولمىسا كومپيۇتېرنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دەپ ئويلايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بىزگە ئۇچرىغان كومپيۇتېرلارنىڭ كۆپىنچىسىگە Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاچىلانغانلىقىدۇر.ئۇنداقتا كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرىگە Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاشتىن باشقا تاللاش يوقمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. كومپيۇتېر تورىدىن ياكى مەخسۇس مەشغۇلات سىستېمىسى تونۇشتۇرۇلغان كىتابلاردىن ئىزدەيدىغان بولساق Dos, Windows, Unix, Linux,Minix, MAC OS……قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىسمىنى تاپالايمىز. ئەگەر يېڭىدىن ئىشلىنىۋاتقان، ئىشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ۋە ئىشلىتىلىشتىن قالغانلىرىنى قوشىدىغان بولساق تېخىمۇ كۆپ. بىراق كومپيۇتېر بىزگە كىرىپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغاندىلا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Dos مەشغۇلات سىستېمىسى ئارقىلىق كىرگەن ھەم مىكروسوفتنىڭ يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىنى بويلاپ كەڭ تۈردە ئومۇملاشقان بولغاچقا بىزگە Windows دېگەن ئاتالغۇ بەكلا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن. مەسىلەن كومپيۇتېر بىلەن دەسلەپ تونۇشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى Windows 3.2, Windows 95, Windows 98, Windows ME, Windows 2000, Windows XP قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ كۆرگەن ،تېخى يېڭىدىن كومپيۇتېرنى ئىشلىتىشكە باشلىغانلار بولسىمۇ بىۋاسىتە Windows 2000 ياكى Windows XP بىلەن ئۇچرىشىدۇ. چۈنكى Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئىشلىتىش ناھايىتى قۇلايلىق. بىراق بۇ باشقا مەشغۇلات سىستېمىلىرى Windows قا يەتمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ھەرخىل مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بار. مەسىلەن : MAC OS نىڭ كۆزنەكلىك كۆرۈنۈش ۋە مۇقىملىق جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىدۇ. بىراق بۇ سىستېما پەقەت ئالما ماركىلىق كومپيۇتېرلاردىلا ئەڭ ياخشى ئىشلەيدۇ. Unix, Linux مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ كومپيۇتېر تورى، كومپيۇتېر بىخەتەرلىكى ۋە سىستېما مۇقىملىقى جەھەتتىكى ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك… گەرچە PC كومپيۇتېر ساھەسىدە Windows ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۆزگىچە ئىقتىدارى بىلەن يەنىلا خېلى كۆپ ساھەنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقىنى يەنىلا Linux مەشغۇلات سىستېمىسى. Linux نۆۋەتتىكى كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى ساھەسىدىكى بىر قىزىق نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. دەسلىپىدە بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلاش جەھەتتىكى بەزىبىر يېتەرسىزلىكى ، تەشۋىقاتنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە باشقا قىسمەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كەڭ ئىشلىتىشكە ئېرىشەلمەي كەلگەن بولسىمۇ ، بىراق ئالدىنقى نەچچە يىل ئىچىدىكى تەرەققىيات نەتىجىسىدە ھەرقايسى جەھەتتىكى ئىقتىدارى مۇكەممەللىشىپ بىر قېتىملىق Linux دولقۇنى قوزغالدى. بۇ مىكروسوفت شىركىتىگىمۇ خېلى زور بېسىم ئېلىپ كەلدى. مىنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم ھەرگىزمۇ Linux مەشغۇلات سىستېمىسى كۆككە كۆتۈرۈپ Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى چۈشۈرۈش ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىككە تېخىمۇ بىخەتەر تېخىمۇ ئەرزان بولغان Linux مەشغۇلات سىستېمىسىنى تونۇشتۇرۇشتۇر خالاس. ئەگەر سىز Linux مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز ، Ubuntu Linux مەشغۇلات سىستېمىسى سىزگە ئەڭ ياخشى بوسۇغا بولالايدۇ.
ئوبۇنتۇ ئۇيغۇرچە چۈشۈرۈش مەركىزى:http://uyghurix.biz/sistima/index.html
2.ئۇيغۇرئېكىس كومپىيوتېر سېستىمىسى:
تۇنجى ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى مۇكەممەل كومپىيوتېر سېستىمىسى قاچىلاپ ئاناتىلنىڭ ھۇزۇرىنى كۆرۈڭ
ئۇيغۇر ئىكس 1.0 مەشغۇلات سىستېمىسدىن كۆرۈنۈشلەر:
ئۇيغۇرئېكىس چۈشۈرۈش مەركىزى:http://www.uyghurix.org/
-----------------------------------------------------------------------
بۇتېمىنى تېخى ئۇبۇنتۇ ۋە ئۇيغۇر ئېكىس سېستىمىسى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان دوسلار ئۈچۈن يوللىدىم ،بىلدىغانلارنىڭ قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى ئۈمۈدقىلىمەن! |
|