ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 761|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[تەرجىمە فىلىم] ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ 1 (1&2)

18

تېما

99

يازما

329

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1046
ئاقچا
1
ئۇيغۇرچە نامى : ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ
باشقا ئۇيغۇرچە نامى: تىلىڭىزنى بېيىتىڭ
ئىنگلىزچە نامى : Mind Your Language
ئىشلەنگەن ۋاقتى : 1977 - يىلى
تەرجىمە قىلىنغان ۋاقتى 2013 - يىلى 5 - ئاي
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2013 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى
دۆلىتى : ئەنگلىيە
ژانىرى : كومېدىيە\تىل ئۆگىنىش\قىزىقارلىق\مەكتەپ
تىلى : ئىنگلىزچە
يېزىقى : ئۇيغۇرچە\ئىنگىلىزچە
تەرجىمە قىلغۇچى: ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزى
ئۇزۇنلۇقى : ھەربىر قىسمى 24 مىنۇت
بۆلۈم سانى: 4 بۆلۈم(ھازىرغىچە تېپىلغىنى 3 بۆلۈم)
1-بۆلۈم: 11 قىسىم
رازمېرى : 368*480
ئۇلىنىش : http://www.imdb.com/title/tt0075537
نەتىجىسى : 7.8/10
رېژىسسور: Vince Powell
ئاساسلىق روللاردا :

(Barry Evans         ...        Jeremy Brown (42 episodes, 1977-1986
(George Camiller         ...        Giovanni Capello / ... (42 episodes, 1977-1986
(Jacki Harding         ...        Anna Schmidt (42 episodes, 1977-1986
(Zara Nutley         ...        Miss Courtney (42 episodes, 1977-1986
        (Ricardo Montez         ...        Juan Cervantes (42 episodes, 1977-1986

(Albert Moses         ...        Ranjeet Singh (42 episodes, 1977-1986
(Robert Lee         ...        Taro Nagazumi (29 episodes, 1977-1979
(Kevork Malikyan         ...        Maximillian Papandrious (29 episodes, 1977-1979
(Jamila Massey         ...        Jamila Ranjha (29 episodes, 1977-1979

(Françoise Pascal         ...        Danielle Favre (29 episodes, 1977-1979
(Dino Shafeek         ...        Ali Nadim (29 episodes, 1977-1979
(Pik Sen Lim         ...        Chung Su-Lee (27 episodes, 1977-1979
        (Anna Bergman         ...        Ingrid Svenson (21 episodes, 1978-1986
(Tommy Godfrey         ...        Sid (20 episodes, 1977-1979
(Iris Sadler         ...        Gladys (20 episodes, 1977-1979
(Harry Littlewood         ...        Henshawe / ... (15 episodes, 1978-1986
(Sue Bond         ...        Rita (13 episodes, 1986
(Marie-Elise Grepne         ...        Michelle Dumas (13 episodes, 1986
(Jenny Lee Wright         ...        Maria Papandrious (13 episodes, 1986
(Raj Patel         ...        Farrukh Azzam (13 episodes, 1986
(Vincent Wong         ...        Fu Wong Chang (13 episodes, 1986
        (Gabor Vernon         ...        Zoltan Szabo (8 episodes, 1978


ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ      Mind your language

بۇ 1977-يىلى ئەنگلىيىدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ، بىر توپ ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولمىغان ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ، كەچلىك كۇرستا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان قىزىقارلىق ھېكايىلىرى سۆزلىنىدۇ.

بۇ سىنىپ بىر ئىتالىيىلىك، بىر گرېتسىيىلىك، بىر ئىسپانىيىلىك، بىر ياپونىيىلىك، بىر جۇڭگولۇق قىزچاق، بىر ھىندىستانلىق ئايال، بىر پاكىستانلىق، بىر ھىندىستانلىق شىك دىنى مۇرىتى، يەنە بىر فرانسىيىلىك گۈزەل قاتارلىقلار يىغىلغان «خەلقئارالىق» ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش سىنىپى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئىنگلىزچىسى ياخشى ئەمەس. ئۇلار يا گىرامماتىكىدا، يا تەلەپپۇزدا ۋە ياكى سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىدە خاتالىق سادىر قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ جەرياندا تەبىئىيلا نۇرغۇن كۈلكىلىك ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى جەمئىي 4 بۆلۈم ئىشلەنگەن بولۇپ، دىنىي تالاش-تارتىش، سىياسىي ئايرىمچىلىق، مۇھەببەت-كۈنلەش قاتارلىقلار فىلىم مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈلۈپ، ھەرخىل مىللەت ۋە مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاقلىقلىرى ۋە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى ئۇستىلىق بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن.

فىلىمدىكى پېرسوناژلار كۆپىنچە ھالدا بىلىپ-بىلمەي تەلەپپۇز ۋە سۆز ئىشلىتىش خاتالىقى سادىر قىلىدىغان بولۇپ، فىلىم مەزمۇنىنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بىراۋنىڭ تىلىنى بۇزۇپ سۆزلىسە قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن بۇ خاتالىقلار ئۇيغۇرچە ماس كېلىدىغان تەلەپپۇز ۋە سۆز خاتالىقلىرى بىلەن ئىپادىلەندى. تورداشلارنىڭ بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

فىلىم گەرچە 1977-يىلى ئىشلەنگەن كونا فىلىم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى چىنلىق، كۈلكە، تىل ئۆگىنىشكە بېغىشلانغان قىزغىنچلىق ۋە بوشاشماي ئۆگىنىش، ئەڭ مۇھىمى سۆزلەشتىن قىلچە تارتىنماسلىق روھى بىزنىڭ بۈ كۈنلەردە بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ چىقىشلىرىمىزغا سەۋەب بولدى. تورداشلارنىڭ بۇ فىلىمدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە بوشاشماي ئۆگىنىش، تىل ئۆگەنگەندە تارتىنماي سۆزلەش، ئەڭ مۇھىمى ئانا تىلىمىز ياكى باشقا تىللارنى ئۆلچەملىك، راۋان، توغرا سۆزلەشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەسكەرتىش: ئەگەر سىزنىڭ ئازراق ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ باققان تارىخىڭىز بولمىسا ياكى تىل ئۆگىنىشكە قىزىقمىسىڭىز بەلكىم بۇ فىلىمدىن ھۇزۇر ئالالماسلىقىڭىزمۇمكىن. فىلىمدىكى بەزى كۆرۈنۈشلەرگە تەنقىدىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

كەسمىلىرى
114609vt5ndcdvslvmsnsg.jpg
Episode 01 - Th[00_07_22][20130801-092314-9].JPG
1146160j0p2jj5tvmusxz8.jpg
114617emb2krcjrqkznjr0.jpg
114618aat8sfc5s41xr85s.jpg
114619306vche28u3ce936.jpg
114619pc7jrxy177ziiis1.jpg
114621b94564de6t9dss4u.jpg
114622w6p7accf1oyajh5h.jpg
114623s0o90g0jjosoky90.jpg

1-بۆلۈم 1-قىسىم        تۇنجى دەرس       The first lesson
تۇنجى قىسىمدا فىلىمدىكى ھەر قايسى پېرسوناژلار تۇنجى سائەتلىك دەرس ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلىدۇ.

1-بۆلۈم 2-قىسىم        تەكشۈرگۈچى كەلدى      An inspector calls
بۇقىسىمدا كەچلىك كۇرسنى مائارىپ ئىدارىسىدىن تەكشۈرۈشكە كەلگەن تەكشۈرگۈچى ھەققىدىكى قىزىقارلىق ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ.

بۇ فىلىم ھەقسىز تەمىنلەندى. نۆۋەتتە بىرىنچى بۆلۈم تەرجىمە قىلىنىپ بولدى. تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە قوللاپ بېرىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىز ھېسابلىنىدۇ. ياقتۇرغان بولساڭلار مۇكاپات بېرىپ قويارسىلەر. رەھمەت.

فىلىمنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا پرېسلانغان نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

مەنبەسى: http://v.atlan.cc/?p=741

3

تېما

187

يازما

325

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
914
ئاقچا
1
قېيۇم ۋاقتى: 2013-8-1 18:19:02 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارغاندا ھەقىقەتەن كۆرۈشكە تىگىشلىك ئوخشايدۇ . ئەپسۇس  تىلفۇنۇمنىڭ ئېقىم مىقدارىنى يەپ بولغۇدەكمەن چۈشۈرسەم .来自: Android客户端

10

تېما

173

يازما

253

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
912
ئاقچا
5
塔里木 ۋاقتى: 2013-8-2 16:58:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت جاپا تارتىپسىلەر .مەن چۈشۈرۋالدىم ئەمسە ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش