ئالىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 413|ئىنكاس: 7

ئۇيغۇر تور ئاسمىنىدىكى يېڭى يۇلتۇز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
12 سائەت
ئاقچا
6
1029
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-13
ھوقۇقى
200
نادىر
1
جۇغلانما
111
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 09:31:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە «تەن ساقلىق زور بايلىق» دەيدىغان ھېكمەت بار. كېسەل كۆرسىتىش تەس، داۋالىنىش خىراجىتى يۇقىرى بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يۇقىرىقى ئاتىلار سۆزىگە بولغان ئىشەنچىمىز يەنە ئون چامدام ئاشماقتا. دەر ھەقىقەت، ساغلاملىق بەخت دېمەكتۇر. كىشى ئۈچۈن ساغلاملىققا يېتىدىغان دوست بولمىغىنىدەك، كېسەللىككە يېتىدىغان ھەم دۈشمەن يوق. ئىنسان ئۈچۈن ساغلاملىق مەڭگۈلۈك تېما، تەن ساغلام بولمىسا قالغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىكار.
كۈنىمىزدە ھەممە شۇنداق تېز تەرەققىي قىلماقتا، تۇرمۇش رىتىمى كۈنسېرى تېزلەشمەكتە. ماددىي تۇرمۇش شارائىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، ساغلاملىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارمۇ بوش كەلمەي تېز كۆپەيمەكتە. بۇنىڭغا ئەگىشىپ تۈرلۈك ساغلاملىق مەسىلىلىرى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە. نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز ئاراساقلىق ھالىتىدە ساقسىزلىق بېكىتىگە كۈنسېرى يېقىنلىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلىرىمىز داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىنمۇ ساغلاملىق بىلىملىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن كېسەل كارۋىتىغا تەكرار يىقىلماقتا... مانا بۇلار ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى، ساغلاملىق ساۋاتلىرىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە.
مانا مۇشۇنداق زۆرۈرىيەت ئەلداۋالىقلارنىڭ قەلبىدە ئەلنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن بەجاندىل خىزمەت قىلىدىغان مۇقەددەس بىر ئوتنى تۇتاشتۇردى. مانا بۇ خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان ئەلداۋا ساغلاملىق تور بېكىتى ( www.eldawa.com ) مۇشۇ پەيتلەردە كەڭ ئۇيغۇر تور ئاممىسى ھوزۇرىغا سۇنۇلدى.

ئەلداۋا ساغلاملىق تور بېكىتىمىز ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى كەسپىي تور بېكەت بولۇپ، مەزكۇر تور بېكەت مەخسۇس تېببىي خادىملار تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، دىيارىمىزدىكى تونۇلغان تېببىي مۇتەخەسسىسلەر كەسپىي جەھەتتىن نازارەت قىلىدىغان، شۇنداقلا، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ گېزىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى تەتقىقات ئورنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن، رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق دوختۇرخانا ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان، ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى تۇنجى كەسىپلەشكەن ساغلاملىق تور بېكىتىدۇر.
«ئەلنىڭ داۋاسى بىزنىڭ غايىمىز!» دېگەن ئۇلۇغۋار مەقسەتنى قىبلىنامە قىلىپ، ئۇيغۇر تور ئاممىسىنى ئەڭ كەسپىي، ئەڭ نوپۇزلۇق، تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش ھەمدە ئۆز ئەجرىگە يارىشا قىممەت يارىتىش ئەلداۋالىقلارنىڭ يەتمەكچى بولغان بۈيۈك مەنزىل-نىشانىدۇر.
ئاخىرىدا، تورداشلارنىڭ ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنى قىزغىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ بېرىشىنى، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
www.eldawa.com

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1695 سائەت
ئاقچا
1986
429
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-16
ھوقۇقى
200
نادىر
45
جۇغلانما
6480
تېما
186
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 10:37:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن. كەسپى تور بەتتىن يەنە بىرسى كۆپىيىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

باشقۇرغۇچى

korash uyghur

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
31 سائەت
ئاقچا
7
50
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-14
ھوقۇقى
100
نادىر
2
جۇغلانما
806
تېما
17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 22:41:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بوپتىكەن لىكىن .ئاۋۇ ئېلاندىكى رەسىملەر سەل كاللىمىشاڭ تۇرامدۇ نىمە؟
كەمىنىنىڭ يەنە باشقا يازمىلىرىغا قىززىقسىڭىز:بلوگىمغا مەرھەمەت قىلىڭ:www.korash.net

Rank: 2

توردا
3 سائەت
ئاقچا
8
16
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-15
ھوقۇقى
20
نادىر
0
جۇغلانما
75
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 21:31:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ، لېكىن مەزمۇنلار دىگەندەك كۆپ ئەمەس، ۋاقىتىنىڭ ئۆتىشى بىلەن بارا بارا كۆپەيگۈسى...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
12 سائەت
ئاقچا
6
1029
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-13
ھوقۇقى
200
نادىر
1
جۇغلانما
111
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 00:02:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaisar809 يوللىغان ۋاقتى  2011-9-23 21:31
ماۋۇ بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ، لېكىن مەزمۇنلار دىگەندەك ك ...

ھازىر مەزمۇن خېلى كۆپەيدى. بىز ھەر كۈنى يېڭىلاۋاتىمىز. نەچچە ئادەم مەخسۇس ئىشلەيدۇ ئەلداۋا تورىغا....

Rank: 1

توردا
7 سائەت
ئاقچا
8
5
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-15
ھوقۇقى
10
نادىر
0
جۇغلانما
34
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 18:26:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بوپتو

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاقچا
1
1
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-13
ھوقۇقى
10
نادىر
0
جۇغلانما
9
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن  پەنگىيار ھەزرەتلىرى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
12 سائەت
ئاقچا
6
1029
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-13
ھوقۇقى
200
نادىر
1
جۇغلانما
111
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىتا1028 يوللىغان ۋاقتى  2011-10-13 08:26
مۇبارەك بولسۇن  پەنگىيار ھەزرەتلىرى

رەھمەت، ئاللاھ ئىشلىرىمىزنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشىگە نىسىپ قىلغاي!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com Skype: alipuyghur

يانفۇن|رەسىمسىز|ئالىپ تورى

GMT+8, 2011-10-16 18:44 , Processed in 0.073368 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش