- جۇغلانما
- 613
UID12869
تىزىملاتقان2013-1-18
ئاخىرقى قېتىم2013-7-22
توردا44 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 613
- ئاقچا
- 1
|
بۈگۈن WordPress نىڭ ئارقا سۇپىغا كىرىش ئادرېسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تور بېكەت بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتۈشنى ئويلاپ قالدىم. ئۇنداق بولسا بۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇرىمىز؟ ئۇنداقتا قېنى دىققىتىڭىز دەرسلىكتە بولسۇن.
ئالدى بىلەن بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قىستۇرما ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ، مەسىلەن Stealth Login Page ۋە Protected wp-login دېگەنگە ئوخشاش، بۇلارنى قاچىلاپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىرقەدەر ئاسان، شۇنىڭ ئۈچۈن دەرسلىكتە بۇ توغرىسىدا سۆزلىمەيمىز. ئەمدى مەن ئادەتتە مەسلىنى كود ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىشقا بەكرەك ئامراق، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىنىمۇ كود بىلەنلا ھەل قىلايلى. مەنچە بۇ ھەرقايسى تەرەپتىن ئېيتقاندا قىستۇرما ئىشلەتكەندىن ئەلا دەپ ئويلايمەن.
ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى كودنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ ئۇسلۇب ھۆججىتى ئىچىدىكى functions.php نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى نىڭ ئالدىغا قويسىڭىز بولىدۇ.
- add_action('login_enqueue_scripts','login_protection');
- function login_protection(){
- if($_GET['word'] != 'press')header('Location: http://uyfree.com');
- }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش ئۇنداقتا قېنى مەزكۇر دەرسلىكتە ئىشلىتىدىغان كود بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى.
بۇ نەچچە قۇر كودنىڭ مەنىسى بولسا، ئارقا سۇپىغا كىرىش ئادرېسى http://yoursite/wp-login.php?word=press نىڭغا ئۆزگەرتىلدى، ئەگەردە بۇ ئادرېستىن باشقىنى بېسىپ قويساق، ئۇ ھالدا ئاپتوماتىك ھالدا http://uyfree.com غا سەكرەپ كېتىش دېگەننى چۈشەندۈرىدۇ.
ئەمدى يۇقارقى كودتا ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان پارامېتىرلار بولسا ئۈچىنچى قۇردىكى word , press , http://uyfree.com قاتارلىقلار. بۇنى ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن باشقا كودقا قالايمىقان چېقىلماڭ.
ئۇيغۇر ھەقسىز مەنبەلەر تورى |
|