كىتاپچە قىلىپ قاتلايدىغان ماتېرياللارنى پىرىنتىردا ئۇرۇپ چىقىرىش ماھارىتى
ئىشخانىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان ۋاقىتلىرىمىزدا بەزىدا ماتېرياللارنى كىتاپچە شەكىلدە ئۇرۇپ چىقىرىشقا مەجبۇر بولىمىز، بۇ ۋاقىتتا كۆپلىگەن كىشىلەر A4 قەغەزگە يېزىلغان ماتېريالنى ئاۋۋال ئۇرۇۋېلىپ ئاندىن A3 قەغەزگە تىزىپ كۆپەيتىشتەك قوش ئاۋارچىلىقنى باشتى كەچۈرۈشكە ئامالسىز.
يىقىندا بۇ ئىش مېنىڭ بېشىمغىمۇ كېلىپ قالدى، دەسلەپتە مەنمۇ بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشنى ئويلاپ، ئاۋارىچىلىقتىن بېشىم قېتىپ كەتتى، Word نىڭ مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئامالى زادى يوقمىدۇ دېگەن خىيال بىلەن بەيدۇدىن ئىزدىدىم، دەرۋەقە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئامال بار ئىكەن، سىناپ بېقىپ بۇ ئىشنىمۇ ھەل قىلىۋالدىم. ئۈگەنگەننى باشقىلارغا بىلدرۈش بىز ئوقوتقۇچىلارنىڭ گۈزەل خىسلىتى ئەلۋەتتە، مەنمۇ بىلىۋالغانلىرىمنى دوستلارغا ئۈگىتىش مەقسىتىدە بۇ تىمىنى يوللىدىم.
ئالدى بىلەن A4 قەغەزگە ماتېرياللارنى ئۇرۇپ تەييار قىلىۋالىمىز.
2. بەت نومۇرىنى سېلىۋالىمىز، بۇنىڭدا باش بېتى مۇقاۋا بېتى بولغاچقا بەت نومۇرىنى قارا قوياق سېلىشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن 插入 تۈر تاللاش رامكىسىدىن بەت نومۇر سېلىۋالىمىز بۇ ۋاقىتتا 设计 تۈر تاللاش رامكىسى ئۆزلىكىدىن ئېچىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر بىلمەي تاقىۋېتىپ قالغان بولسىڭىز بەت نومۇرىنى قوش چېكىۋەتسىڭىزمۇ ئېچىلىدۇ. بۇ ئورۇندىن 首页不同 دېگەن قوش رامكا تاللىغۇچنى تاللىۋىتىپ ئاندىن چېكىنىش كونۇپكىسىنى چېكىپ ئاخىرلاشتۇرىمىز. ئاندىن 插入تۈر تاللاش رامكىسىدىن بەت نومۇرى قىستۇرۇش كونۇپكىسىنى چېكىپ 设置页码格式 نى چېكىپ ئېچىلغان دىئالوگ رامكىسىدىن 起始页码 تاق تۈردە تاللاش رامكىسىنى چېكىۋېتىپ ئوڭ تەرىپىدىكى نومۇر سېلىش ئورنىغا 0 نى كىرگىزۈپ جەزىملىسىڭىز بىرىنچى بېتى نومۇر يوق قالغان بەتلىرى نومۇرى بار ھالەتتە چىقىدۇ.
3. 页面布局 دېگەن تۈر تاللاش رامكىسىنى ئېچىپ 页面设置 رايۇنىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى كىچىك كونۇپكىنى چېكىپ 页面设置 دىئالوگ رامكىسىنى ئاچىمىز. 页码范围 رايۇنىدىن 多页 رامكىسىدىن 书籍折页 دىگەن تۈرنى تاللاپ جەزىملەيمىز.
4. پىرىنتېردا بىسىپ چىقارغاندا پىرىنتېرغا A3 قەغەزدىن بىرنى سېلىپ ، ھۆججەتنى بېسىپ چىقىرىش بۇيرىقىنى بېرىمىز. بىرۋاراق بىسىلىپ بولغاندا بۇ بەتتە بىرىنچى بەت بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بەتنىڭ A3 قەغەزگە چىققانلىقىنى كۆرىسىز، ئاندىن شۇ قەغەزنى ئۆرۈپ پىرىنتېرغا قايتا سېلىپ قويسىڭىز كېيىنكى بەتلىرىنى ئۇرۇپ چىقىرىدۇ، ئاندىن يەنى يېڭى قەغەزدىن بىرنى سېلىپ ئۇرۇپ چىقىرىمىز ، قالغانلىرى يۇقارقى مەشخۇلات تەرتىۋى بويىنچە بولىدۇ.
بۇنى ئاۋارچىلىق كۆرسىڭىز ئەمدى مەندە ئامال يوق، مەنمۇ مۇشۇ ئامال بىلەن ماتېرياللارنى ئۇرۇپ پۈتتۈردۈم ، قەغەزنى كۆپ سېلىپ چىقىرىش ئارزۇيىڭىز بولسا ئاۋال تاق بەتلىرىنى باسىمەن دەپ بۇيرۇق بېرىپ چىقىپ بولغاندىن كېيىن قەغەزلەرنى ئۆرۈپ سېلىپ جۈپ بەتلىرىنى بېسىپ سىناپ بېقىڭ، مەن ئالدىراشلىقتا بۇنى سىنىيالمىدىم ، ماتېريالىم ئاز ئېدى.
ئىشلىرىڭىزغا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن. كەمىنە باغۋەندىن.
بۇ تېمىدىن چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىز ئۇيغۇرچە يېزىق ۋە رەسىملىك ئىشلەنگەن ئېلكىتابنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ: |