بۇ يازمىنى ئاخىرىدا merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-7 22:12
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، مەن بۈگۈن سىلەرگە زاپەر ئاندىرويىد يانفۇنغىمۇ روت ئالغىلى بولىدىغان كىچىك قۇرالنى تەمىنلىمەكچى، بۇ نەرسە كومپىيۇتىرىمدا تۇرۇۋاتقىلى بىرە يىلچە بولغان، بۇ نەرسە ئەسلىدە مەخسۇس ZTE U795 يانفۇنىغا روت ئالىدىغان دىتال بولۇپ ئەزەلدىن باشقا يانفۇنلارغا ئىشلىتىپ باقمىغان ئىدىم، ئالدىنقى كۈنى يىشودەكلا بۇ ئامال كاللامغا كىلىپ قالدى، قانداق قىلىپ دىسەڭلا بىر تونۇشۇم تىلفۇنىنى ئەكىرىپتىكەن زاپەر 4.0 سىستىمىلىق يانفۇنكەن، ماقۇل دەپتىمەن، ئىسىمگە ئالسام ئۆيۈمدە تور توختاپ قالغىلى خىلى بوپتۇ، شۇڭا كومپىيۇتىرىمدىكى روت ئالىدىغان دىتاللار ئەسقاتمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ دىتالنى ئىشلىتىپ بىقىش خىيالى خۇددى يىشودەكلا كاللامغا كىلىپ قالدى، بىر سناپ باقاي دەپ تىلفۇننى كومپىيۇتىرغا چاتتىم، 豌豆夹 بىلەن تىلفۇننى كومپىيۇتىرغا نۇرمال تونۇتتۇم، تور بولمىسىمۇ 豌豆夹 تىلفۇننى نۇرمال تونۇدى، ئاندىن 豌豆夹 ۋە 360 لارنى تاقىۋىتىپ تۇرۇپ ئادەتتىكى ZTE U795 تىلفۇنىغا قوللانغان ئۇسۇل بويىچە روت ئالسام ھەيران قالارلىق ئىشتىن بىرسى يۈز بەردى روت ئىلىنىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئەپQ نى قاچىلاپلا ئۇيغۇرچىنى مۇزدەك تونۇتۇۋەتتىم، بۈگۈن يەنە بۇ دىتال بىلەن ZTE U817 يانفۇنىغىمۇ روت ئىلىۋەتتىم،
ئەمدى بۇ دىتالنىمۇ سىلەر بىلەن تەڭ بەھرىرلىنەي دەپ بۇ تىمىنى تورخانىدا ئولتۇرۇپ يازماقتىمەن،
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋەھشى ئاددى، يەنى ھۆجقەتنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يىشىپ تىلفۇننى كومپىيۇتىرغا نۇرمال تونۇتۇۋالغاندىن كىيىن 豌豆夹 ۋە 360 لارنى تاقىۋىتىپ تۇرۇپ ئاندىن ھۆجقەت ئىچىدىكى 点我一键root دىگەننى بىسىڭ، ئاندىن Enter كۇنۇپكىسىنى بىسىڭ، ئاندىن تىلفۇن ئىكرانىدا بىر ئەسكەرتىش چىقىدۇ، بۇ يەردىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئىستىرىلكىنىڭ ئىچىدىكىنى بىسىڭ،
ئەمدى ساقلاپ تۇرسىڭىز تىلفۇنىڭىز قايتا بىر قوزغىلىدۇ، روت ئىلىنىش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى دىگەن گەپ،
مەن بۇنى بىر قانچە يانفۇنلارغا سىنىدىم، جىق يانفۇنغا سىناي دىسەم مەندە ئۇنچە كۆپ يانفۇن بولمىغانكىن ئۆزۈڭلار سىناپ باقارسىلەر،
يەنە بىرگەپ مەن يانفۇنغا روت ئىلىش جەريانىدا مۇنداق ئەھۋاللارغىمۇ ئۇچرىغان، (يۇقاردا تىلغا ئالغان دىتالنى دىمەكچى ئەمەسمەن، باشقا روت ئىلىش دىتاللىرىنى دىمەكچى)روت ئالغاندىن كىيىن تىلفۇن ناھايتى ئىغىرلىشىپ كىتىدۇ، بۇنداق بولۇپ قالسا روتلا ئىلىنغان بولسا قورقماڭ، شالاققىدە ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلىۋىلىڭ، ئاندىن زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۋەتسىڭىز تىلفۇن ئوڭشىلىدۇ ھەم ئۇيغۇرچىنىمۇ پەچەت تونۇيدۇ.
قىنى ئەمىسە دىتالنى چۈشۈرۋىلىڭ، سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ |