ئالىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 1586|ئىنكاس: 18

HTC HD2 گە Rom يېڭىلاپ ئاندرويىد قاچىلاش دەرسلىكى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2094
جۇغلانما
1028
توردا
1879 سائەت
نادىر
45
تېما
194
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 20:41:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاندرويىدقا ئۇيغۇرچىنى يادروسىدىن  قوللىتىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئەسلى Windows Mobile6.5 قاچىلانغان HTC HD2 غا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئاندرويىد رومنى قاچىلاش مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. HTC HD2 نىڭ ئۇيغۇرچە رومى پات ئارىدا تارقىتىلدۇ.  ئەمما WM6.5 قاچىلانغان يانفوننى يېشىش ۋە ئاندرويىدنى قاچىلاش نىسبەتەن مۇرەككەپ مەشغۇلات بولۇپ، ئازراقلا خاتالىق كۆرۈلسە يانفون قوزغالمايدۇ. مەن تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق قاچىلدىم.

1-قەدەم: ئاۋال يانفوندىكى ۋە سىغىم كارتىسىدىكى بارلىق مۇھىم ھۆججەتلەرنى كومپىيۇتېرغا زاپاسلىۋېلىڭ. تېلفون دەپتىرنىمۇ زاپاسلىۋېلىڭ.
يانفوننى سانلىق مەلۇمات سىمى ئارقىلىق كومپىيۇتېرغا ئۇلاڭ.
بۇ يەرنى بېسىپ روم يېڭىلاش قورالىنى چۈشۈرۈڭ
ئارخىپتىن يىشىپ، copy_to_sd نىڭ ئىچىدىكى ئىككى تال ھۆججەتنى sd كارتىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈڭ.
قاچىلماقچى بولغان ئاندرويىد رومنى Zip ھالەتتە (يەشمەيلا)  sd كارتىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈڭ.

2-قەدەم: ئەمدى يانفوننىڭ يېشىلگەن، يېشىلمىگەنلىكىنى تەكشۈرمىز. يانفوننى تاقاپ، بېقىندىكى ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كۇنۇپكىسنى بېسىۋېلىپ تۇرۇپ ئاچساق ئۈچ رەڭ ھالەتتە ئېچىلدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.


رەسىمدە كۆرۈنگەندەك ئىككىنجى قۇردا HSPL دېگەن خەت بار بولسا يىشىلگەن (تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان) بولىدۇ.
يېشىلگەن بولسا بىۋاستە 3-قەدەمگە ئۆتۈپ كەتسەك بولىدۇ.
يېشىلمىگەن بولسا مۇنداق يېشىمىز:
يانفون كومپىيۇتېرغا ئۇلانغان ئەھۋالدا يوقىردا چۈشۈرگەن روم يېڭىلاش قورالىدىكى HSPL2_RUN.exe نى ئىجرا قىلىپ، چىققان كۆزنەكتىن 2.08.HSPL نى تاللاپ كېيىنكى قەدەمنى باسىمىز.

بىر ئازدىن كېيىن يانفون ئېكرانىدا We Hacked it دىگەن خەتلەر كۆرۈنسە يېشىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ.

3-قەدەم: MAGLDR يېتەكلىگۈچىسىنى قاچىلاش
يانفون كومپىيۇتېرغا ئۇلانغان، يانفون ئۈچ رەڭ ھالەتكە كەلگەن ئەھۋالدا روم يېڭىلاش قورالىدىكى MAGLDR111\ROMUpdateUtility.exe نى ئىجرا قىلدۇرمىز.


رەسىمدىكىدەك تاللاپ، كېيىنكى قەدەمنى باسىمىز.

بۇ ھالەتكە كەلسە مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ.
يانفوننى قايتا قوزغاتساق ماۋۇ رەسىمدىكىدەك بولسا MAGLDR يېتەكلىگۈچىسى مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلانغان بولىدۇ.


4-قەدەم: MAGLDR كۆزنىكىدىن 4.USB Flasher دېگەن تۈرنى تاللايمىز. (يانفوننىڭ بېقىندىكى ئاۋاز كۇنۇپكىسى ئارقىلىق يۆتكەپ، يېشىل كۇنۇپكىنى باسساق بولىدۇ)


روم يېڭىلاش قورالىدىكى Recovery\DAF.exe نى ئىجرا قىلدۇرمىز. كېيىنكى قەدەمنى بېسىۋەرسەك بولىدۇ. Waiting for USB connection دىگەن خەت كۆرۈنسە Recovery نى قاچىلاۋاتقان بولىدۇ.


تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆرۈنسە مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ.


5-قەدەم: MAGLDR كۆزنىكىگە قايتىپ 1.Boot AD SD نى تاللايمىز. ClockMod Recovery تىزىملىكى كۆرۈندۇ.


ئۇ يەردىن install zip from sdcard دېگەننى تاللايمىز. ئاندىن choose zip from sdcard دىگەننى تاللايمىز. بۇ چاغدا بىز بىرىنجى باسقۇچتا كۆچۈرۈپ قويغان روم ھۆججىتى كۆرۈندۇ، شۇنى تاللايمىز. مەسلەن: Alip Android.zip   ئاندىن كېيىنكى قەدەمدىكى YES نى باسساق رومنى يېڭىلاشنى باشلايدۇ.


Install from sdcard complete دىگەن خەت كۆرۈنسە يېڭىلاش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ. ئالدىنقى باسقۇچقا قايتىپ بېرىپ reboot system now نى باسسىڭىز يانفون قايتا قوزغىلدۇ. ئەمدى قوزغالغىنى ئۇيغۇرچە Android
and.jpg


ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 2

ئاقچا
10
جۇغلانما
20
توردا
15 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 21:13:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچىلاش بولىقى يوققۇ ئالىپ ئەپەندىم،تىمىنى بىر كۆرۈپ شۇنداق خوش بوپ كېتىپتىمەن تېخى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2094
جۇغلانما
1028
توردا
1879 سائەت
نادىر
45
تېما
194
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 21:16:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۋال قاچىلاشنى ئۆگىنىپ، پىششىقداپ تۇرۇڭلار. HTC HD2 نىڭ ئۇيغۇرچە رومى پات ئارىدا تارقىتىلدۇ.
مەنمۇ مۇشۇ روم يېڭىلاشنى ئۆگىنىپ بولغۇچە يانفوننى نەچچە قېتىم بۇزۇپ، ئىچىدىكى مۇھىم نەرسىلەرنى يۈتتۈرۈپ دىگەندەك بەك تەستە قىلغان.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
0
توردا
56 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 17:48:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىپ ئەپەندى..ئۇيغۇرچە hd2 rom نى تېزرەك چىقارسىڭىز بولاتتى...بىز ئۆگىنىپ بولدۇق سېستېما قاچىلاشنى..زادى قاچان يوللىنىدۇ..ئېنىق ۋاقتىنى دەپبەرسىڭىزمۇ بولاتتى..بەك تەقەززا بولۇپ كەتتۇق...

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
6
جۇغلانما
143
توردا
21 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 17:48:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ رەسىمدىكى ‹18 ئاۋغۇست› نىمىگەپ ئۆزى؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2094
جۇغلانما
1028
توردا
1879 سائەت
نادىر
45
تېما
194
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 17:52:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uggame يوللىغان ۋاقتى  2011-8-19 17:48
ئاۋۇ رەسىمدىكى ‹18 ئاۋغۇست› نىمىگەپ ئۆزى؟

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە بىر تال سىزىقچە ئايرىلىپ قالغاندەك قىلىدۇ. 18-ئاۋغۇست دىگەن گەپ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
0
توردا
56 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 18:00:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى قاچان تارقتىسىلە؟

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
0
توردا
56 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 18:06:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىپ ئەپەندى بامۇ سىز...ئېنىق جاۋاپ بەرسىڭىز بولاتتى...

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
22
توردا
1 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 18:30:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ئالىپ ئەپەندىم،htc g6ئۇيغۇرچەromيوقمىدۇ؟

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
40
جۇغلانما
69
توردا
38 سائەت
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 20:49:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە ئاندرويدا ئاي نامى ئېنگىلىسچە ئېلىندىمۇ؟ ياكى ئۆزىمىز تاللىيالامدۇق؟
ئاۋۇ رەسىمدىكى ئاۋغۇسنى دەيمەن.
..........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com Skype: alipuyghur

يانفۇن|رەسىمسىز|ئالىپ تورى

GMT+8, 2011-11-5 19:38 , Processed in 0.083643 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش