- جۇغلانما
- 7377
UID8582
تىزىملاتقان2012-7-7
ئاخىرقى قېتىم2015-4-6
توردا945 سائەت
باشقۇرغۇچى
  
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 7377
- ئاقچا
- 1


|
ئۈرۈمچى ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى جەمىئيەتتكى بىر تۇركۇم ياشلاردىن PHP پروگراممېر قوبۇل قىلماقچى .
شىركەت تونۇشتۇرۇلىشى:
ئۈرۈمچى ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى Google Android، Apple IOS، Windows Phone قاتارلىق يانفون مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى ئاساس قىلغان ھەرخىل تۈردىكى يانفون ۋە ئالىقان كومپىيۇتېرلارغا كۆپ خىل تىلدا يۇمشاق دېتال ئېچىش، PC ئۈستەل يۈزى كۆپ خىل تىلدىكى يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىلىرىنى ئېچىش، تور بېكەت ياساش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، كارخانىلار ئۈچۈن ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش پىلانى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق كومپيۇتېر كارخانىسى. ئاساسلىقى شىنجاڭدىكى مائارىپ، ئالاقە، خەلق ئىشلىرى، ئاخبارات ۋە كارخانا ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئاپتۇماتلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئېچىش ۋە تەمىنلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپى ئۇرۇن.
ئۈرۈمچى ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ يۇمشاق دېتال بازىسى بولغان بەيخۇاسۈن خەلقئارا ئۇچۇر سارىيىنىڭ 2602- نومۇرلۇق ئىشخانىسىدا بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى يۇمشاق دېتال ئېچىش شىركەتلىرى بۇ يەرگە جايلاشقان، ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى مۇشۇ ئورۇندىكى بىردىنبىر كۆپ خىل تىلدا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋە كارخانا باشقۇرۇش سىستېمىسى ئاچىدىغان مىللىي شىركەت.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئۈرۈمچى ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتىگە بەرگەن"تېخنىكا سەۋىيەسى يۇقىرى، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، مۇلازىمىتى ياخشى" دېگەن باھاسى ئۈرۈمچى ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئېلھام ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.
ئۈرۈمچى ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ساھەلەر بىلەن ئورتاق ھەمكارلىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ ئۇچۇرلاشقان گۈزەل كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقىشىنى چىن قەلبىدىن ئۈمىد قىلىدۇ.
قوبۇل قىلىدىغان شەرىت:
1. مۇستەقىل كود يازالايدىغان بولۇشى كېرەك.
2. ساندان ئۇقۇمى ئېنىق ، مۇستەقىل ساندان مۇلاھىزىسى قىلالايدىغان ھەم سانداننى ئەلالاشتۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك. (数据库设计,维护和开发能力强)
3.JS ,CSS لارغا پىشىشق بولۇشى ، ھەر خىل UI لارنى مۇستەقىل ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك . (各种Web的UI开发框架,比如:Sencha,Yahoo UI . . . )
4. ھەرخىل php قۇرۇلمىسىنىڭ (PHP开发框架) خالىغان بىرسىنى مۇستەقىل ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. (WindFramework، ThinkPHP، PHPDevShell، Laravel، CakePHP، Yii. . . . . )
5. ھەمكارلىشىپ تۇر ئېچىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك(تەجىربىسى بارلارنى ئالدىن ئويلىشىمىز). (团队开发能力强)
6. يېشى 24 ياشتىن چوڭ بولۇشى ھەم ئاز دېگەندە ئىككى يىل خىزمەت تەجىربىسى بار بولۇشى كېرەك. (24 نى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ)
7. خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى ياخشى ، ماتىياللارنى ئوقۇپ چۇشىنەلەيدىغان بولۇشى ، مەسىلىلەرنى تېز سۈرەتتە بايقىيالايدىغان ھەم ھەل قىلىش ئۇسۇلنى تېپىپ چىقالايدىغان بولۇشى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇشى كېرەك.
8. بېرىلگەن ۋەزىپىنى ۋاقتىدا پۈتتۈرەلەيدىغان بولۇشى ، راستچىل ، كەسىپىنى سۆيدىغان ھەم قەدىرلەيدىغان بولۇشى كېرەك.
9. ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك (توختام ۋاقتى 3 يىلنى بىرلىك قىلىدۇ).
خىزمەت ۋاقتى ھەپتىدە 5 كۈن، كۈندە 8سائەت بولىدۇ. توختام تۈزگەندىن كىيىن بەش خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرىلىدۇ. مائاشى 4000-8000 يۈەنگىچە؛ بايراملىق، پەسىللىك، يىللىق مۇكاپاتلاردىن بەھرىمەن بۇلىسىز.
ئالاقلىشىش تېلېفونى :0991-2828206
ئادېرىس:ئۈرۈمچى بەيخۇاسۈن خەلقئارا ئۇچۇر سارىيىنىڭ 2602- نومۇرلۇق ئىشخانا
|
|