- جۇغلانما
- 99
UID747
تىزىملاتقان2011-3-30
ئاخىرقى قېتىم2013-5-11
توردا8 سائەت
تەكلىپلىك ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 99
- ئاقچا
- 9
|
مېتېئورىتتا DNA تەركىبى بايقىغانلىق ھەققىدىكى ئىسپاتلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر يەر شارىدىكى ھاياتلىق ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن بولۇشى مومكىن دىگەن قاراشقا يۈزلەنمەكتە.
ئىنسانلار تۇنجى قىتىم مېتېئورىتتا مەلۇم تۈردىكىDNA تەركىبىنى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىىرى بايقىغان بولۇپ، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا ئالىملار ئۇنىڭ يەرشارى بۇلغىنىشنىڭ تەسىرگە ئوچرايدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايتتى. يېقىندا ئالىملار يەرشارىدىكى ئون نەچچە مېتېئورىتقا قارىتا تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئادېنىن ۋە گۇانىن_ئىشقار جۈپنىڭ تەركىۋى قىسمى ۋە يەرشارىدىن كىلىش ئىھتىماللىقى بولمايدىغان مولېكۇلانى بايقىدى.
ئامېرىكا تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى مىېتېئورىتتا تۇنجى قېتىم ئۈچ خىل ئىشقار رادىكالىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆپ مىقداردىكى مولېكۇلانى بايقىغان ھەمدە بۇ مولېكۇلالار يەر شارىدىكى جانلىقلاردا كۆرۈلمىگەن. بۇ ئىشقار رادىكالى مولېكۇلىسى دەپ ئاتالغان ماددىنىڭ مېتېئورىتنىڭ بىرىكمىسى بۇلىشى DNA ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەنلىكنىڭ كۈچلۈكنىڭ ئىسپاتى.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئاستورۇبىئولوگىيەشۇناس مايكىل كاراخەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:«بۇ ئىشقار رادىكالى يەرشارى جانلىقلىرىنىڭ بولغىنىشدىن كەلگەن بولىشى مومكىن دەپ قارىشىڭىز ھاجەتسىز، چۈنكى ئۇلار يەر شارىدىكى جانلىقلاردا كۆرۈلمىگەن».
بۇ تەتقىقات ئۆمىكى تەجرىبىخانا شارائىتىدا گىدروسىئانىد، ئاممىياك ۋە سۇنىڭ خىمىيىلىك رېئاكسىيىسىدىن پايدىلىنىپ DNAئىشقار رادىكالنىڭ ھاسىل بولۇش جەريانىنى تەقلىدىي قىلىپ باققان. كاراخەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«ئۈچ خىل ئىسپات بۇ تەركىبىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ھاسىل بولغانلىقىنى ئورتاق ئىسپاتلايدۇ. بۇ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىقى».
http://www.cnbeta.com تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
ئىزاھات: DNA بولسا جانلىقلار تىندىكى ئاساسلىق ئېرسىي ماددا. گېن _ ئىرسىيەت تەسىرى بولغان DNA نىڭ ئۈزۈندىسى. |
|