- جۇغلانما
- 1256
UID8513
تىزىملاتقان2012-7-4
ئاخىرقى قېتىم2015-1-11
توردا146 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1256
- ئاقچا
- 1
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار،كەمىنە بۇسۇغىدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!
يېقىندا مەكتىپىمىزدە ئىلىكتىرون مۇسابىقىسى 电子竞赛ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئۇقتۇرۇش بېرىلدى، ئۆزۈمنىڭ ئەزەلدىن قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىم ياخشى بولغاچ مۇسابىقىگە تىزىملاتتىم،ھەم بېرىلگەن تۈرلەردىن ئەقلى ئىقتىدارلىق ماشىنىغا بەكرەك قىزىقىپ شۇ تۈرنى تاللىدىم.
بۇ ماشىنىغا قويۇلىدىغان تەلەپ:
ماشىنا ئا نۇقتىدىن قوزغىلىپ ۋاقىت خاتىرىلەشكە باشلايدۇ ھەم يەردىكى قارا سىزىقنىڭ يېتەكلىشىدە ب نۇقتىغا بارىدۇ،بۇ جەرياندا يەردىكى تۆمۈر پارچىلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەندە سىگنال بېرىدۇ، ھەم تۆمۈر پارچىسىنىڭ سانىنى خاتىرىلەيدۇ، ب نۇقتىدىن يەنە ئەگرى سىزىقنىڭ يېتەكلىشىدە س نۇقتىغا بارىدۇ ھەم س نۇقتىدىكى تۆمۈر پارچىسى ئۈستىدە 5 سىكونت توختايدۇ، ئاندىن يەنە قوزغىلىپ ماشىنا ئامبىرى ئىچىدىكى چىراقنىڭ يېتەكلىشىدە ماشىنا ئامبىرىغا كىرىدۇ. بىراق بۇ جەرياندا چوقۇم يولغا ئىختىيارى قويۇلغان ئىككى دانە توسالغۇ جىسىمدىن ئۆتىدۇ. ماشىنا ئامبارغا تولۇق كىرىپ بولغاندىن كىيىن توختايدۇ ۋە ئۈستىدىكى ئىكراندا تۆمۈر پارچىسىنىڭ سانىنى ھەم بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا كەتكەن ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ، پۈتۈن ۋەزىپە چوقۇم 90 سىكونت ئىچىدە تاماملىنىشى كېرەك،90 سىكونت توشقاندا ماشىنا توختايدۇ.
ئۆزۈم بۇرۇن بۇنداق ماشىنىلارنى ياساپ باقمىغان ، ئەمما ئۆزۈم ئالى مەكتەپتە فىزىكا كەسپىدە ئوقۇپ ئوقۇپ تېخى بىرەر كۆڭۈلدىكىدەك ئىش قىلىپ باقماپتىمەن، شۇڭا تورلاردىن ئىزدىنىش ،ماقالە ئوقۇش، دەرسلىك كۆرۈش ئارقىلىق بۇ ماشىنىنى دەسلەپكى قەدەمدە ياساپ چىقتىم.
بۇ ماشىنىنىڭ ماتور قوزغىتىش قىسمىدىن باشقا قىسىملارنىڭ توك يولىنى ئۆزۈم ياساپ چىققان.
ئىز بويلاپ مېڭىشقا ۋە توسالغۇنى بايقاشقا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق چىراق ئىشلەتكەن، ئەمما ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق چىراق ماشىنا ئامبىرىدىكى چوغلانما لامپۇچكىنىڭ ئىنفىرا قىزىل نۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يورۇقلۇققا قاراپ ماڭماي ئەكسىچە چوغلانما لامپۇچكىنىڭ يورۇقىنى كۆرسە توسالغۇ جىسىم دەپ بىلىپ قېلىپ كەينىگە ماڭىدىغان بولۇپقالدى، شۇڭا توسالغۇنى بايقاشقا ئۇلتىرا ئاۋاز دۇلقۇنىدىن پايدىلىناي دەيمەن، بىراق يەككە ئۆزەكلىك پىلاستىنكىغا ئۇلتىرا ئاۋاز دۇلقۇنىنىڭ بۇيرۇقىنى بېرىشنى تېخى ئۆگىنىپ بولالمىدىم، شۇڭا ھازىر ماشىنىنىڭ ئىز بويلاپ مېڭىش ،يورۇقلۇق بويلاپ مېڭىش،مېتال بايقاش قاتارلىق قىسىملىرىلا پۈتتى ، تولۇق پۈتكەندە تورداشلارغا تولۇق ئىقتىدارىنىڭ سىن ھۆججىتىنى يوللايمەن، ھازىرقىسى ئىز بويلاش ۋە يورۇقلۇق بويلاپ مېڭىش ئىقتىدارلىرىنىڭ سىن ھۆججىتى، كۆرۈپ بېقىڭلار.....
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|