|
ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 4-چىسلادىكى خەۋىرىدە دىيىلىشچە، ئامېرىكا ئالىملىرى تۇنجى قېتىم مارىستا سۇيۇق ھالەتتىكى سۇنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى ئېھتىماللىقىنى دەلىللەيدىغان ئىسپاتقا ئېرىشتى.
ئامېرىكا ئالەم تەتقىقات خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر ئالەم كېمىسى مارىستىن تارتقان رەسىمدە بىر قىسىم قىيالىقلاردا يىغىلىپ قالغان خېلى كۆپ قارا رەڭلىك سىزىقچىلار كۆرۈنگەن.

بۇ سىزىقچىلار قىش پەسىلدە يوقاپ كېتىپ، ئەتىياز پەسىلدە كۆرىنەرلىك كۆپەيگەن. ئالىملارنىڭ قارىشىچە بۇ سۇيۇق ھالەتتىكى سۇنىڭ پەسىلگە ئەگىشىپ ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بولغان ئىكەن.
ئەمما، ئۇلار يەنە بۇ مارىستا چوقۇم سۇ بارلىقىنى بىۋاستە ئىسپاتلىمايدىغانلىقىنى، يەنە كۆپلىگەن تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئىلگىرى مارىستا قاتتىق ھالەتتىكى (مۇز) سۇ بارلىقى تەكشۈرۈلگەن ئىدى. سۇيۇقلۇقنىڭ بايقىلىشى تۇنجى قېتىم.
|
|