- جۇغلانما
- 8887
UID8231
تىزىملاتقان2012-6-21
ئاخىرقى قېتىم2015-3-29
توردا5780 سائەت
ئالى باشقۇرغۇچى
ئەلتەر ئەپ بازىرى
  
- نادىر
- 6
- جۇغلانما
- 8887
- ئاقچا
- 14
 
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-21 15:45
توغرا گەپ!
كۆپ قىسىم خەنچە دېتاللار ھەقسىز تارقتىلغان ، ئەسلى ھەقلىق دېتال ، سىستېمىلارمۇ خەنلەرنىڭ قولىغا چۈشسە ھەقسىز بولۇپ كېتىدۇ، ھۆكۈمەت قوللاپ بەرمىگەن تەقدىردىمۇ بىرەر ھەقلىق دېتال ياكى سىستېما چىقسا ئاشۇنى يېشىۋېتىمىز، كىم باشتا يېشەلەيدۇ دەپ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈپ بىرەرسى باشتا يېشىۋتسە مەغرورلىنىپ يۈرىشىدىغان خەق بىلەن تەڭ بولماڭلار، ئۇلاردىن ئۆگەنمەڭلار، چۈنكى شۇ نوچىلارنىڭ شۇنداق قىلغىنىنىڭ نەرسە ئوغرىلاش بىلەن پەرقى يوق ، بۇ ئىقساد ياكى نەدىكى مىللەت ئۈچۈن ئەمەس ، بۇ پەقەت شۇلاردىكى ساپانىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولغان. قولۇڭلاردىن كەلسە سىلەرمۇ شۇنداق دېتاللارنى ، سىستېمىلارنى تۈزۈپ تارقىتىڭلار ، قولۇڭلاردىن كەلمىسە سېتىۋېلىپ ئىشلىتىڭلار ،ئۇغرى نەشىرى ئىشلىتىپ يۈرمەڭلار.
يەنە بىر مەسىلە
بەزى قىممىتى بار تېمىلارنىڭ چۆكۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تېمىنىڭ مەلوم قىسمى ياكى دېتاللارنى ئىنكاستىن كېيىن كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويسا ( ئىنكاس دېگەن مانا ......مانا ئىنكاس كەتتى ئالە .....ھە ماقۇل ، مەن ئىنكاس يازاي!.....ئىنكاسنى نىمە قىلىسەن ) دېگەندەك ئىنكاسلارنى يازماڭلار ، تېمىغا ئىھتىياجىڭلار چۈشمىسە كۆرمىسەڭلار بولىدۇ ، موشۇنداق ئىنكاسلارمۇ شۇ ئىنكاس يازغۇچىنىڭ ساپاسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. |
|