|
قىل، ئەت دەپ بۇيرۇق پېئىلدا ئېلىشنى ئالىم ئەھەت قاتارلىق يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرگەن. كەلگۈسىدىكى ئاۋاز بىلەن بۇيرۇق بېرىدىغان يۇمشاق دېتاللاردا قىلىش، ئىتىش دەپ يۈرسەك قاملاشمايدۇ. يەنە مەسلەن: سىز بىرەرسىگە ئىشىكنى ئاچ، ياكى ئىشىكنى ئېچىڭ دەيسىز، ھەرگىزمۇ «مەمەتجان ئىشىكنى ئېچىش» دىمەيسىز.
تۈركچە، ئۆزبېكچە قاتارلىق تىللاردىمۇ بۇيرۇق پېئىلدا ئالىدۇ. ئۇيغۇرچە دېتاللارنى تۈرك، ئۆزبېكلەرمۇ تەرجىمانسىز چۈشىنەلىسە تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ.
ھەممە ئادەم «مېنىڭچە» دەپ ئۆزى بىلگەنچە قىلىۋەرسە بىرلىككە كەلمەيدۇ، قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. بىرلىككە كەلمىگەندىكىن ئاچقۇچلۇق سۆز بىلەن ئىزدەش، پىروگىرامما ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولايسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. ھەم ئىشلەتكۈچىلەرمۇ ئۇيغۇرچە دېتاللاردىكى بىرسىدە ئىشلەتكەن ئاتالغۇ باشقا دېتالدا باشقىچە ئاتالسا بۇنداق قالايمىقان، بىرلىككە كەلمىگەن ئۇيغۇرچە دېتالنى ئىشلەتكۈچە بىرلىككە كەلگەن خەنزۇچىنىلا ئىشلىتەي دەپ ئويلىشى مۇمكىن.
|
|