- جۇغلانما
- 1497
UID15262
تىزىملاتقان2013-3-27
ئاخىرقى قېتىم2014-3-4
توردا302 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1497
- ئاقچا
- 0

|
ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم!
مەن بۇ بۇگۈن سەل كىچىكىپ قاپتىمەن. شۇنداقتىمۇ بۇ توغرىسىدا ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي.
توردىكى سودىدا ھەقىقەتەن ئەنسىرەيدىغان ئىش بار. نىمىشقا بۇنداق بوپ قالغان دىگەندە تۈۋەندىكى نوقتىلار كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇش مۇمكىن.
1. بۇرۇن توردا ئالدانغانلار كۆپ بولىشى مۇمكىن. تاۋباۋ ياكى باشقا بەتلەردە قويىلىپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىز ئاز ئەمەس. سىز بىر بىلمەيدىغان، مەدەنىيەت، دىن جەھەتتىن ھېچقانداق بىر ئورتاقلىق بولمىغان ئادەمگە ئامانەتنى تاپشۇردىڭىز بۇنىڭ ئۆزى بىر خەتەر، جىفۇباۋ دىن ئونى كىپىل بولسىمۇ يەنە ساختىلىق تۈگىمەيدۇ. چۈنكى بۇ شۇ كىشىلەرنىڭ دىنىي ئىتىقادى، شەرەپ- نۇمۇس قارىشىغا، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشىگە باغلىق.
2. بۇرۇندىن ئۆزىمىزنىڭ بىر قىسىم شەرەپ تۇيغۇسى يوق، سودا ئېڭى يوق تور بىكەتچىلىرىمىز ئەخلاق ۋە ئەمەلىيەتتە مۇخالىپ ناچار ئېلانلارنى بېرىپ، خەلقىمىزنىڭ مىللەتنى سۆيۈش ھىسياتىنى قەدىرلىمەي، ناچار مال بىرىپ ئالدىغان بولىشى مۇمكىن، لېكىن خەلق كۆر ئەمەس، ئۇلار ئۇزۇنغا بارالمىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ شالتىقىنى بىز كۆتۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى خېلى داڭلىق بولغان ئانا تۇپراق تورىغا كىرسەڭلا 500 سوملۇق ئالما 5- ئەۋلات بار. بەلكىم ھازىر ئالتىنجى ئەۋلاتنىمۇ بازارغا سېلىپ بولدى ھەقاچان . بولدى بۇ توغرىسىدا كۆپ توختالماي.
تۈۋەندە مەن بىر قانچە نۇقتىدىن بىزنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىمىزگە ئىسپات كۆرسىتىمەن.
1. ئەڭ چوڭ ئاساسىم ئالىپ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىپ ئەپەندى پۇل ئۇرۇپ مال تاپشۇرۋالمىساڭلا مەن ئىگە دەپ كاپالەت بەردى. مۇناسىۋەتلىك تىما: ھازىر بىز سېتىۋاتقان يانفۇنلاردىن قىممەت ھەم مېڭىۋاتقىنى 6000 سومدىن ئاشمايدۇ. ئالىپ ئەپەندىم 3 يىلدىن ئارتۇق قان تەرىنى سەرىپ قىلىپ قۇرۇپ چىققان بۇ ئالىپ تور بىكىتى نامى ۋە ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى سىلەرنىڭ 6000 سوم ئۈچۈن يوق قىلامدۇق. ئىشەنچى بولمىسا شۇ گەپنى قىلامدۇ؟ مەن كۆكلە تورىنى قۇرۇشقا ۋە نۇرمال قىلىشقا نەچچە ئالتە مىڭ خەجلەپ قۇرغان. شۇ ئازراق پۇل ئۈچۈن ئىناۋەتنى يوق قىلىشقا، قىلغان ئىشنى تاشلاپ قويۇشقا ئەرزىمدۇ؟ سىز مېنىڭ ئورنۇندا بولسىڭىز شۇنداق قىلامسىز؟
2. ھازىرغىچە نۇرغۇن مال ساتتىم، بىرەر قېرىندىشىمنىڭ مالنىڭ سۈپەتتىن نارازى بولغان تەرەپلىرىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. قىممەت تېلفۇنلاردىن خېلى ساتتىم، ھېچكىمنىڭ پۇلىغا يا مېلىغا خىيانەت قىلمىدىم. مەسلە چىقسا ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا تەييار. سىز ئەمدى بىرەرسىدىن مۇشۇ توغرىسىدا گەپ ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ مەسلە چىقسا ھەل قىلىپ بەرمەي بىرەرسىنى نارازى قىلغان ئىش بارمىكەن؟
3. بىز نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئىقتىساد سەرىپ قىلىپ مۇشۇ يانفۇنغا ئائىت تېخنىكا ۋە بىلىملەرنى ئۆگەندۇق، نىمىشقا؟ بىز خەلقىمىزنى تېخىمۇ ياخشى رازى قىلساقكەن، ئۇلارمۇ بىزنى قوللىسىكەن، بىرلىكتە ئىلگىرلەپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزسەككەن، ئۇزاققىچە قىلساقكەن دىگەن مەقسەت بار. مەن كۈندە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يانفۇنلىرىنى ھەقسىز رىمۇنت قىلىپ بىرىمەن، توردا مەسلىھەت بېرىمەن، باشقىلارنى ھەقسىز تەربىيلەپ قويىمەن. بۇ بىزدىكى خەلىققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىبارەت بىر بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بىز خەلقىمىزدىن ئايرىلالمايمىز، شۇڭا ئازراق پۇلغا كۆز قىزارتىپ نۇمۇسىمىزنى يۇقاتمايمىز. بىز شەرەپ تۇيغۇسى بار ئۇيغۇر دىھقان بالىسى.
4. بىز يەنە ناماز ئوقۇپ، قۇرئان ئوقۇپ ئامانەتكە خىيانەت قىلساق، ئۆزىمىزنىڭ قانداق ئەھۋالغا دۇچار بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە شۇنداق قىلىشقا پېتىنغان ئادەممۇ؟ بىز توردا ھەقسىز ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇپ، باشقىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسلامغا ئائىت ماتىرىياللارنى كۆرۈپ يانفۇندىن پايدىلىنىپ دىنىمىز ئۈچۈن، مىللىتمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئادەم سىلەرنىڭ ھەققىڭلارنى يەۋېلىشتىن ئۇيالماسمۇ؟ مەن ھەتتا ساتقان مالدا قانچىلىك پايدا قالغىنى دەپ ساتىمەن. رازىلىق سورايمەن. نىمىشقا؟ ئويلاپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر سىز يۇقارقى ئىسپاتلارنى ئىنكار قىلالىسىڭىز ئىشەنمەي تاۋباۋ ياكى باشقا توربەتلەردىن سېتىۋېلىڭ. لېكىن شۇنداق كىسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى خەنچە بەتلەرنىڭ شۇنداق كاپالەت ۋە ۋاستىچى جىفۇباۋدەك چوڭ كاپالەت سېستىمىسى بار تۇرۇپ يەنە نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنى قويۇپ كېتىۋىرىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتى يەنى قىيامىتى بولمايدۇ.
نىمىشقا بىزنى تاۋباۋدىن دۇكان ئاچمىدىڭلا دەيدۇ؟ ئاچماسلىكتىكى بەزى سەۋەپلەر يۇقارقىدەك پاكىت تۇرۇپ بىز يەنە باشقا بىرسىنىڭ كاپالىتىگە مۇھتاج ئەمەس، ئېلان چىقىمى ۋە كىرىمنىڭ بىر قىسمى ۋاستىچىلارنىڭ يانچۇقىغا چۈشۈپ كىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئېىقىمىدىكى كىشىلەر بىلەن، ئۆزىگە خاس بولغان شەكىل بىلەن بولغىنى ياخشى. غاز بىلەن غاز ئۇينايدۇ، خەنلەر بىلەن شۇلار ئۆزى ئوينىسۇن.
يەنە بەزىلەر نىمىشقا توردىن پۇل تۆلەيدىغان قىلمىدىڭلار ؟ دەيدۇ. بىرسى ئانا تىل يەسلىسى يۇلۇققان مەسلىگە بىزنىڭ تور بەتلەرمۇ يولىقىدۇ. يەنى بەت خەنزۇچە بولمىسا پۇل تۆلەش ئېغىزى ئېچىىپ بىرىلمەيدۇ. ئەمدى ئۇنى سورىمڭلار. سىلەر شۇلارنى بىزگە ئىشەنچىلىك تۇيغۇسى بىرەلەيدۇ دەپ قارىغان بولساڭلار ئېغىر خاتالاشقان بولىسىلەر. چۇنكى تاۋباۋ قويمىچىلارنىڭ ئۇۋىسى. شۇنداق كۈچلۇك كاپالەت تۇرۇپ بىزگە يەنە خەنلەرنىڭ نىمە كاپالىتى بار.
سودا بەت ئېچىش ئۈچۈن تۈۋەندىكى شەرتلەر بولىشى كېرەك.
1. چۇقۇم مۇۋاپىق بازار، يەنى ئىھتىياخ بولىشى كېرەك
2. ئاندىن ساتماقچى بولغان مال ۋە شۇ كەسىپنىڭ ئەھۋالىدىن تۇلۇق خەۋەردار بولىشى كېرەك.
3. مۇئەييەن تور بىلىمى، نۇرغۇنلىغان ۋاقتى بولىشى كېرەك.
ئالىپ ئەپەندى بىلەن ئىككىمىز ھەمكارلىشىپ ئالىپ تور دوكىنى قۇرۇشنى ئويلاشقان بولساقمۇ ئالىپ ئەپەندىم ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋە كەسپىي ئىشلىرى ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە راۋۇرۇس سودا بەت قۇرۇپ قىلىشقا ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدىغانلىقى، باشقۇرۇش جەھەتتە كۆپ كۈچ كىتىدىغانلىقىنى، بازارنىڭ بىر قەدەر كىچىك بولۇپ ئارمانغا چۈشلۈق دەرمان بولماي قالماسلىقى قاتارلىق مەسلىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ ۋاقتىچە كۆكلە تورى ۋە ئالىپ تورىدا مال باھا ئۇچۇرى شەكلىدە ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدۇق. كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا ئىشەنچىلىك بولغان توغرا تور مۇھىتى بەرپا قىلىپ، سەل ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن راۋۇرۇس بەتتىن بىرنى قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.
بىزنىڭ مال باھاسى كىرا ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. مالنىڭ مۇتلەق كۆپى ئۈرۈمچىدە شۇڭا ئاساسەن 30 سائەت ئىچىدا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. كىرا پۇلى يىراق جايلارغا 30 سوم، يېقىنراق يەرلەرگە 20 سوم، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز يەتكۈزۈپ بىرىلىدۇ.
ئاللا بىزنى قوللىغان ۋە بىزگە ئىشەنگەنلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، رازى قىلىشقا نىسىپ قىلسۇن! ھەممەيلەن ئىشلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن ئامىن!
|
|