MDX ھۆججىتى ۋە ئۇنى ياساش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوستلار
MDX ھۆججىتى بەلكىم ئالىپتىكى كۆپ قىسىم تورداشلارغا تۇنۇشلۇق بۇلۇشى مۆمكىن ، شۇندا بولسىمۇ ئازغىنە بىلمىمنى نولدىن باشلاپ ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن بۇ تىمىنى يوللىدىم .
گەپنى ئۇزارتماي مەقسەتكە كەلسەك:
س؛ MDX دېگەن نېمە؟
ج؛ MDX بولسا BlueDict ، MDict لوغىتىنىڭ ھۆججىتى .
س؛ MDX ھۆججىتىنى قايسى دىتاللار قوللايدۇ؟
ج؛ MDX ھۆججىتى بايا يۇقىرىدا ئىيتىلغان ئاندىرويىد تىلفۇنلار قوللايدىغان BlueDict ، MDict لوغەتلىرىدە ئىجرا بولىدۇ ، MDict دىتالىنىڭ يەنە كۆمپىيۇتىر نۇسخىسىمۇ بار.
س؛ MDX ھۆججىتى قانداق ياسىلىدۇ ؟
ج؛ MDX ھۆججەت خاتىرە دەپتەرگە html كودىنى يېزىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ ، ئاندىن MdxBuilder ئايلاندۈرغۇچىسى ئارقىلىقtxt ھۆججىتىنى MDX ھۆججىتىگە ئايلاندۈرىمىزشۇنىڭ بىلەن بىر لوغەت ھۆججىتى پۈتۈپ چىقىدۇ.
تەپسىلى ئۈسۈلى تۈۋەندىكىچە:
txt ھۆججەتتىن بىرنى ئېچىپ تۇۋەندىكى مەزمۇننى كۈچۈرۈڭ- ئالما
- مىۋىنىڭ ئىسمى
- ئۆرۈك
- مىۋىنىڭ ئىسمى
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ئاندىن كېيىن txt ھۆججەتنى چۈقۈم unicode شەكلىدە ساقلىشىمىز كىرەك
ئاندىن كېيىن MdxBuilder نى ئېچىپ بۇ رەسىمدىكى بۇيىچە قىلىڭ
MDict تا پۈتۈپ چىققان Mdx ھۆججەتنى ئېچىڭ، شۇنىڭ بىلەن بىر ئاددي لوغەتكە ئىرىشىسىز.
كىلەركى تىمىدا Mdx ئالاھىدە ئۈنۈم كودلىرى توغرىسىدا توغتىلىمىز. ئاللاھقا ئامانەت.
---------------------------------------------------
تۈۋەندىكى دىتاللارنى چۈشۈرۈڭ:
MdxBuilder绿色汉化版.rar
(806.22 KB, چۈشۈرۈش سانى: 243)
|