|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-9 19:56
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
يانفۇن ئەپلىرى ياكى كومپيۇتېر ئەپلىرى بولسۇن بەزىدە تېما سۆزلىرىدە ئۇيغۇرچە ئەمەس ھەرپ، بەلگىلەردىن كىيىن ئۇيغۇرچە خەت كەلسە خەت سولدىن باشلاپ چىقىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكە تازا ياخشى كۆرۈنمەيدۇ، ئۇنداق بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
بۇنىڭ ئامالى شۇ مەزمۇننىڭ ئالدىغا بىر تال ئۇيغۇچىغا خاس تىنىش بەلگىسى قويۇشتۇر.
مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكى «GPSنى ئىزدەۋاتىدۇ» دېگەن كونۇپكا دەل ئوڭدىن باشلىنىدۇ.

بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەن بىر قانچە تىنىش بەلگىسىنى سىناپ باقتىم ئاخىر «؛» بەلگىسىنى قويسام بولدى. يەنى بىلكان كىرگۈزگۈچتە shift كونۇپكىسى بېسىلغاندىن كىيىن چىقىدۇ. ئورنى DEL كونۇپكىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى ئىككىنچى كونۇپكا.
يەنە بىرسى «؟» بەلگىسى بولۇپ، بۇ تازا ماسلاشمايدىكەن.
دوستلارنىڭ ئەپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا ياكى ئەپ ياسىغاندا مۇشۇنداق قىلىشىنى سورايمەن. |
|