ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى  ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى HTC Samsung Motorola Sony Ericsson Iphone Android Windows Phone ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار  كومپىيۇتېر ئويۇنلىرى

كۆرۈش: 2928|ئىنكاس: 12

FLV فورماتىدىكى فىلىم چۈشۈرۈشتىكى ئەڭ يېڭى تاكتىكا (تەۋسىيە)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
65
جۇغلانما
229
توردا
20 سائەت
نادىر
1
تېما
17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 12:35:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىزگە مەلۇم، ھازىر نۇرغۇن توداشلار ئۆزىدە بار بولغان نۇرغۇن ياخشى بولغان سىنلىق ھۆججەت، خەتلىك تەرجىمە فىلىم، چوڭ-چوڭ تور بېكەتلەرنىڭ داڭلىقلار بىلەن ئېلىپ بارغان سىنلىق سۆھبەتلىرى، يېقىملىق ناخشا-مۇزىكىلار قاتارلىق ياخشى سىنلىق ھۆججەتلەرنى يوۋكۇ تورى، ياڭيۇ تورى، سىنا تورى، سوخۇ تورى قاتارلىق بېكەتلەرگە يوللاپ باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز بەزىدە مۇشۇنداق ياخشى ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈپ قويۇپ ساقلاپ قويماقچى بولساق بەزىدە قانداق چۈشۈرۈشنى بىلەلمەيمىز، بەزىدە مۇنبەرلەردە قىستۇرۇلغان سىن ھۆججەتلىرىنىڭ ئادرىسىنى تاپالمايمىز.
خوش، ئەگەر چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويۇش قىممىتى بار سىن ھۆججىتىگە يۇلۇققاندا، ئۇنى قانداق چۈشۈرۈش كېرەك؟ ئەگەر بۇ سۇئالغا جاۋاب تاپماقچى بولسىڭىز دىققىتىڭىز  تۆۋەندىكى رەسىملىك دەرسلىكتە بولسۇن:
1. ئاۋال چۈشۈرمەكچى بولغان سىن ھۆججىتىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تاپىمىز.
مەسىلەن، مەن بۈگۈن گۈدۈكتىن باشقىلار تەۋسىيە قىلغان «سىز قانداق تۇغۇلغان؟» ناملىق بىر سىن ھۆججىتىنى چۈشۈرمەكچى. مەشغۇلات تۆۋەندىكىچە:


ئىزدەش رامكىسىغا «سىز قانداق تۇغۇلغان» دەپ يېزىپ ئىزدەيمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك (بۇ مەشغۇلات سىن ھۆججىتىنىڭ ئىنىق ئادرىسىنى تېپىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈنكى مۇشۇ خەتنى تاپساق سىن ھۆججىتىنىڭ ئادرىسى مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىن تېپىلىدۇ.):

سىن ھۆججىتىنىڭ ئىنىق ئادرىسىنى تاپىمىز، بىز ھازىر چۈشۈرمەكچى بولغان سىن مەنبەسى يوۋكۇ تورى، شۇڭا ئىزدەش رامكىسىغا youku.com دەپ يېزىپ ئىزدەيمىز. (دىققەت ئەگەر سىن ھۆججەت مەنبەسى سوخۇ بولسا بۇ جايغا sohu.com، سىنا بولسا sina.com.cn، ياڭيۇ تورى بولسا  tudou.com  دەپ يېزىپ ئىزدەيمىز.):

سىن ھۆججىتىنىڭ ئىنىق ئادرىسىنى تېپىپ بولدۇق.
يۇقىرىقى مەشغۇلات ئوت تۈلكە تور كۆرگۈچىدە ئېلىپ بېرىلغان، تۆۋەندە باشقا تور كۆرگۈ (مىسال ئۈچۈن سوۋگۇ تور كۆرگۈ ئىشلىتىلدى) مەشغۇلاتى كۆرسىتىلىدۇ.
مەسىلەن، بىز مىسرانىم مۇنبىرىدىن «ئەركىن ھاشىم بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت» ناملىق سىن ھۆججىتىنى چۈشۈرمەكچى بولساق تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز.




يۇقىرىدا ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق سىن ھۆججىتىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى تاپتۇق. ئەمدى ئىككىنچى قەدەم مەشغۇلاتنى باشلايمىز.
2. FLV ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش دىتالىنى قوزغىتىمىز. (ئەگەر دىتالنى تېخى قاچىلىمىغان بولسىڭىز
بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ):

تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىمىز.









مېنىڭچە قەدەم باسقۇچلارنى يېزىق بويىچە تەسۋىرلەپ ئولتۇرمىساقمۇ رەسىملىك چۈشەندۈرۈش يېتەرلىك بولدىغۇ دەيمەن؟
ئەگەر بىلەلمىگەن جايلار بولسا ياكى باشقا سۇئالار بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ. كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە چۈشەنچە بېرىمەن.
ئەمىسە بۇ قېتىمقى دەرسلىك مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، ئاخىرىدا ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۈشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
627
توردا
3268 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 13:23:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەزىدە مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىناتتىم، تور بەتنىڭ ئەسلى كودىنى كۆرۈپ ئادىرسنى تېپىۋېلىپ، ئاندىن باشقا چۈشۈرۈش قوراللىرىدا چۈشۈرەتتىم، ماۋۇ سىز تونۇشتۇرغان دېتالنى ئىشلتىپ باقاي قېنى.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
50
جۇغلانما
384
توردا
87 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 03:33:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دوستلارغا Internet download manager  (قىسقارتىپ IDM) دىگەن دېتالنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ «چاقماق»قا ئوخشاش چۈشۈرۈش دېتالى بولۇپ، ئىشلىتىش بەك ئاسان.
تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ دېتال قوزغالغاندىن كىيىن تور بەت يۈزىدىكى ھەر قانداق بىر سىن ھۆججىتىنى قويسىڭىزلا « بۇ سسن ھۆججىتىنى چۈشۈرەمسىز؟» دىگەن رامكا ئاپتۇماتىك پەيدا بولىدۇ. بىز شۇنى باسساقلا ئىش تامام.
بۇ دېتالنى google ياكى baidu تورىدىن ئىزدىسىڭىزلا تاپالايسىز.

Rank: 4

ئاقچا
3
جۇغلانما
220
توردا
27 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 15:50:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور بەتنىڭ ئەسلى كودىدىمۇ سىن ئادىرسىنى يوشۇرۇۋالغىلى بولامدۇ ؟ http://v.youku.com/v_show/id_XMTE5MzUwMjgw.html
بۇ ھېلىقى ‹‹يىتىم قىزنىڭ موھەببىتى ›› نىڭ ئادىرسى ، مەن ئۈستىدىدىكى ئۇسۇل ئارقىلىق شۇنچە ئىزدەپ فىلەش ئادىرسىنى  تاپالمىدىم ، سىن ئادىرسى بار قۇرنى يوشۇرغاندەك قىلىدۇ ، ئىككى قۇر بوشلۇق بار ، كۆرۈنمەيدۇ ، بىراق تاللىغىلى بولىدۇ  ، ئۇستازلار ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن ، ئۇ كىنونى چۈشۈرۈۋالااي دىگەن ئىدىم

Rank: 4

ئاقچا
9
جۇغلانما
204
توردا
48 سائەت
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 14:03:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بۇ تىمىنى يوللاپ جاپا تارتىپسىز قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !
لىكىن بۇنڭىدىن ئاددىي ئۇسۇل بار
فىلىم قويۇلدىغان تورنىڭ ئادىرسىنى تېپىپ بولغاندىن كىيىن  شۇ فىلىمنىڭ بېشىغا  xia  دىگەن خەينى باسسىڭىز  مانا فىلىمنىڭ ھەقىقىي چۈشۈرۈش ئادىرسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ
چۈشىنەلمىسەڭلار   بۇنى قېتىڭلار      qq:  350229259

Rank: 4

ئاقچا
3
جۇغلانما
220
توردا
27 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 17:19:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش kurbanvrus نىڭ يازمىسى

بىر مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرۈۋەتسڭىز ياخشى بولار ئىكەن ....مەسلەن http://v.youku.com/v_show/id_XMTE5MzUwMjgw.html
نىڭ نەرىگە xia دەپ قىستۇرىمىز ؟

Rank: 4

ئاقچا
9
جۇغلانما
204
توردا
48 سائەت
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 17:35:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://v.xiayouku.com/v_show/id_XMTE5MzUwMjgw.html

Rank: 4

ئاقچا
3
جۇغلانما
220
توردا
27 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 20:08:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەخمەت سىزگە .....

Rank: 4

ئاقچا
2
جۇغلانما
196
توردا
56 سائەت
نادىر
0
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-14 22:07:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇسۇل سەل مۇرەككەپكەن...   چاقماق چۇشۈرگۈچنىڭ يىڭى نۇسخىسىدىمۇ كىنو قويسا چۈشۈرەمسىز  دەپ چىقىدۇغۇ،بەك ئاسان،مانا مۇنداق:
چاقماقنىڭ ئەڭ يىڭى نۇسخىسنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ.
未命名.jpg

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
4
جۇغلانما
82
توردا
11 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-15 18:53:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇرۇن 硕鼠(چوڭ چاشقان دەمدۇق ) نى ئىشلىتىپ باققان .  لىكىن مەشغۇلاتى سەل جىقكەن .
كىيىن 维棠FLV视频下载软件 نى ئىشلەتتىم . مەشغۇلات شۈنلېيگە ئوخشاش ،بەك ئاددىي .
لازىم بولسا توربىكىتى مانا http://www.vidown.cn/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.081330 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-23 04:40

چوققىغا قايتىش