- جۇغلانما
- 570
UID31
تىزىملاتقان2011-2-1
ئاخىرقى قېتىم2014-5-17
توردا39 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 570
- ئاقچا
- 1
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! تېلېفون تەرەققىي قىلىپ زامانىمىزدا خىلمۇ- خىل ئىقتىدارى يۇقۇرى تېلېفونلار بارلىققا كەلدى. شۇ ۋەجىدىن بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ ئىقتىدارى يۇقۇرى تېلېفونلارنى ئىشلىتىدىغانلار كۈنسىرى كۆپەيمەكتە. بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ ئىقتىدارلىق تېلېفۇننى سېتىۋالغان بىلەن ئۇنىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلانمىسا نەچچە مىڭ سوملۇق تېلېفوننىڭ 100 سوملۇق تېلېفۇن بىلەن نېمە پەرقى. لېكىن بىز ئۇيغۇر مىللىتى باشقا مىللەتتىن پەرىقلىق يىرىمىز شۇكى بىزنىڭ ئۆزگىچە تىل يېزىقىمىز بار. بىزنىڭ تىلىمىدىكى يازمىلار ۋە توربەتلەرنى خالىغان كومپيۇتېر ۋە تېلېفۇنلاردا نورمال زىيارەت قىلالمايمىز، لېكىن كۈن ئۆتكەنسىرى ئانا- تىلىمىزنى قەدىرلەيدىغان پىروگىرامما ھەۋەسكارلىرىمىز كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىپ ئۆز تىرىشچانلىقلىرنى نامايان قىلىپ بىزنىڭ كەمچىل يەرلىرىمىزنى ئازدۇر- كۆپتۇر تۇلۇقلاۋاتىدۇ. بۇلارغا رەخمەت ئېيتماي تۇرلامايمىز.
ئەسلى گىپىمگە كەلسەم. مۇشۇ Android سېستىملىق تېلېفۇنلارغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىشى بىراز ھەل بولغاندەك قىلسىمۇ يەنىلا تۇلۇق ئەمەس. مۇنبەرلەردە كۆرگىنىمىزدەك پىروگىرامما ھەۋەسكارلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن Android تېلېفونلارغا ئۇيغۇرچە خەتلەرنى كۆرسىتىدىغان فونت ياساپ تارقاتقان بولسىمۇ نۇرغۇنلىغان تورداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە فونتنى قاچىلىيالمىغانلىق مەسىلە بار. مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. مەنمۇ تېلېفونۇمغا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلايمەن دەپ بىر قانچە قېتىم ھەپىلەشكەن بولساممۇ يەنىما غەلبە قىلالمىدىم. مۇشۇ Android تېلېفونغا ماس كېلىدىغان ئۇيغۇرچە فونت بولسۇن ياكى باشقا ئۇيغۇرچە پىروگىراممىلار بولسۇن توردىن چۈشۈرۈپلا قاچىلسا نورمال قاچىلىنىدىغان قىلىپ ياسىغىلى بولماسمۇ؟ مەن Android تېلېفون ئارقىلىق Android نىڭ چۈشۈرۈش ئورنىغا يەنى Market كىرىپ ئۇيغۇر دەپ دەپ يازسام 2 دانە ھۆججەت تېپىپ بەردى. سۇرە ياسىننىڭ تەرجىمىسى بىلەن قۇرئان كەرىمدىن دۇئالار دەپ بۇ 2 ھۆججەتنى كۆرۈپ دەرھال چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قوزغاتسام ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنىۋىدى شۇنداق خوشال بولدۇمكى، مۇشۇ ئۇيغۇرچە فونتنىمۇ مۇشۇنداق ياسىغىلى بولامدىغاندۇ دېگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم.
مەن يۇقاردا دېگەن 2 ھۆججەت تۆۋەندىكى ئادېرىستا، ئىشلىتىپ باقمىغانلار بولسا ئىشلىتىپ بېقىڭلار.
https://market.android.com/search?q=uyghur&so=1&c=apps
|
|