ئالىپ تورى

 

 

ئىزدەش
ئالىپ تورى مۇنبەر تەلەپ-پىكىر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسىغۇچى ...
كۆرۈش: 160|ئىنكاس: 5
go

ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسىغۇچىلارغا تەكلىپ

Rank: 2

تەڭگە
55  
توردا
10 سائەت 
ھوقۇقى
20 
نادىر
تېما
2 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-29 23:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! دۇنيا تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە كومپيۇتېردىن ئىبارەت بۇ جەلىپكار شېركەتلەردىن ئۆيگىچە كىرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلاردىمۇ كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر كۈنسىرى كۆپەيمەكتە. سېستىما ھۆججەتلىرىنىغۇ ھەممىمىز ئۆزىمىز بىلىدىغان تىلدىكىنى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمىز. ئەمما، فىلم، رەسىمگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش، ئۇيغۇرچە ماقالە يېزىش قاتارلىق ۋە نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولمىسا بولمايدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جاپاكەش، تىرىشچان، ئانا تىلىمىزنى سۆيىدىغان دوستلىرىمىزنىڭ ئىزچىل تۈردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق ھەر- خىل ئۇيغۇرچە كىرگۈچگۈچلەر بارلىققا كەلدى. بۇنىڭغا ئەلبەتتە رەخمەت ئېيتماي تۇرالمايمىز.
گىپىمنىڭ ئاساسىغا كەلسەم: ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسىغۇچىلارغا تەكلىپىم، سىلەر بىرلىككە كىلىپ خەلقئاراغا ئۆلچەملىك قىلىپ ئۇيغۇر نامىدا بىرلا كىرگۈزگۈچ ياساپ تارقاتساڭلار. ئەمەت، مەمەت، سەمەت دەپ ياسىغىلى تۇرساڭلار ئىشلەتكۈچىلەرگىمۇ ئاسان بولاتتى. بۇنداق دىسەم بىز جاپا مۇشەقەتتە ياساپ چىقساق ئىشلىتىش ئېغىر كىلىۋاتامدۇ دىيشىڭلار مۇمكىن. ئەمگىكىڭلارغا ھۆرمەت قىلىمەن. ئەمما ئويلىنىپ بېقىڭلار! مەمەت ئىسىملىك كىرگۈزگۈچتە يازغان ماقالىنى ئەمەت كىرگۈزگۈچ قاچىلانغان كومپيۇتېردا نورمال كۆرۈنمەيدۇ. ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن چۇقۇم ئەمەتنىڭكىنى قاچىلاش كېرەك. ھازىر قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنىڭ سانى 10 دىن ئاشىدىغاندەك قىلىدۇ. 10 ئادەم 10 خىل كىرگۈزگۈچتە يازغان ماقالىنى ئوقۇش ئۈچۈن شۇ 10 دېتالنىڭ ھەممىنى قاچىلاش كېرەك، شۇ كىرگۈزگۈچنى تاپالىساققۇ ئوقارمىز، لېكىن تاپالمىساق ئوقۇماي تاشلاپ قويامدۇق. يەنە كىلىپ ئۇيغۇر تىلى ئەمەت ياكى مەمەتنىڭ ئەمەس ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بولغاندىكىن كىرگۈزگۈچمۇ بىرلا ئۇيغۇر نامىدا بولسا ئۇ ۋاقىتتا بىرلا ھۆججەتنى قاچىلاش بىلەن ئىشلار ھەل بولاتتى. مىكروسوفىتنىڭ تارقاتقان ۋىندوۋىس 7 دىكى ئۇيغۇرچىسى بىلەن ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى نورمال زىيارەت قىلغىلى بولمايدۇ. خەتلەرنى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچ قاچىلىشىمىش كېرەك. ئەگەر ئۇيغۇر نامىدا بىرلا كىرەۈزگۈچ بولسا شۇ كىرگۈزگۈچنى ۋىندوۋىستەك سېستىملارغا كىرگۈزۋەتسە نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلار تۈگىشى مۇمكىن.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەڭگە
1192  
توردا
70 سائەت 
ھوقۇقى
100 
نادىر
تېما
14 

Medal No.1

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-30 10:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق . لېكىن ھازىر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنىڭ كۆپۈنچىسىنى ھەۋەسكارلار ، شەخسى پىروگراممىرلار ياسىغان ، ئاز قىسمىنى بولسا ، بەزى توربەت ياكى ئورۇنلار تارقاتقان ، تۈنۈگۈن تەبىئەت كىرگۈزگۈچىنى كۆرۈپ قالدىم ، ئۇنى شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ياساپ تارقاتقانكەن ، ئىلىكيۇرتنى بولسا غالىپجان شەمشى ياساپ تارقاتقان ، خىيالنى خىيال تورى تارقاتقان ... قالغانلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دېگەندەك .... مېنىڭچە ئۇيغۇرچە فونتنى بىرلىككە كەلتۈرسەكلا ، كىرگۈزگۈچنىڭ ئىشى ئاسان . مەيلى كىملا ياسىسىۇن ، ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە فونتقا ماسلاشتۇرۇپ ياسىسا ، سىز دىگەندەك بىر كىرگۈزگۈچ يازغاننى يەنە بىرى تۇنۇمايدىغان ئىش بولمايتتى . ئەلۋەتتە ، مەن كەسىپ سىرتىدىكى ئادەم ، يۇقارقىلار مېنىڭ شەخسى كۆز قاراشلىرىم خالاس ....
ھازىر ۋىندوس 7 دە سېستىما تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بارغۇ ؟! ئەگەر ۋىندوس7 نى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز ، شۇ كىرگۈزگۈنى سىناپ بېقىڭ ، ukij نىڭ خەت نۇسخىلىرىنى تامامەن قوللايدىكەن ...
ئەلۋەتتە ، بىرلىككە كەلگەن كىرگۈزگۈچ بولسا تېخىمۇ بەلەن بولاتتى ... ئۇمۇ چىقىپ قالار ئۇزۇنغا قالماي ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yarghol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-6-30 10:12  

پەخىرلەن دۇنياغا مەھموت ۋەتىنى....

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تەڭگە
1687  
توردا
1173 سائەت 
ھوقۇقى
200 
نادىر
33 
تېما
137 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-30 10:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىز دىگەن ئەھۋال 5-6 يىلنىڭ ئالدىدا بارتى. ھازىر بىرلىككە كەلدى. يۇنىكودلۇق كىرگۈزگۈچلەردە بىر-بىرسىگە ماس كەلمەيدىغان ئەھۋال يوق.
شۇڭا يۇنىكودنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلۋاتىمىز. يۇنىكود دېگەنلىك، بىردىنبىر كود دېگەنلىكتۇر. ھەممە ئادەم يۇنىكودنى ئىشلەتسە قالايمىقانچىلىق چىقمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 2

تەڭگە
60  
توردا
6 سائەت 
ھوقۇقى
20 
نادىر
تېما
3 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-30 15:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋىندوس 7 گە كەلگىچە ئۇيغۇرچىنى كومپىيوتېر تۇنىمىسا قانداق قىلىدۇ ئەمدى
ۋىندوس 7 گە كىرگۈزگەن بىلەن تۇلۇق ھاجىتىمىزدىن چىقمايدۇ تېخى ۋىندوس 8دە ئاندىن تۇلۇق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.

Rank: 3Rank: 3

تەڭگە
215  
توردا
24 سائەت 
ھوقۇقى
30 
نادىر
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يۇنىكودلىق كىرگۈزگۈچلەرنى ئىشلەتسەك بۇنداق قالايمىقانچىلىق بولمايدۇ.
بۈگۈن بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. بۇخەۋەرنى ...

Rank: 1

تەڭگە
13  
توردا
3 سائەت 
ھوقۇقى
10 
نادىر
تېما
1 
يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇمكىن بولسا خەت نۇسخىسى ياسىغاندا دىيارىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن خەتتاتلىرىمىزنىڭ مەسلىھەتىنىمۇ ئالغان بولساڭلار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

دىققەت:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com QQ:632997108 Skype: alipuyghur

رەسىمسىز|ئالىپ تورى

GMT+8, 2011-7-12 21:30 , Processed in 0.071521 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.