ئادەم تۇغۇلغاندىن تارتىپ بەدەن قۇۋۋىتى 23 كۈننى، كەيپىياتى 28 كۈننى، ئەقىلى ئىقتىدارى 33 كۈننى بىر دەۋر قىلىپ ئەڭ يوقىرى پەللىگە چىقىپ ئايلىنىپ تۇردىكەن. بۇ قىسقارتىلىپ بىئولوگىيىلىك سائەت دېيلدۇ. تۇغۇلغان ۋاقتىڭىزنى كىرگۈزسىڭىز سىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بىئولوگىيىلىك سائەت كۆرسەتكۈچىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ
:تۇغۇلغان كۈنىڭىز : تەكشۈردىغان ۋاقىت
ئەقىلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى | بەدەن قۇۋۋىتى كۆرسەتكۈچى | كەيپىيات كۆرسەتكۈچى |
بۇ قىممەتنىڭ يوقىرى تۈۋەنلىكى سىزنىڭ شۇ كۈندىكى ئىقتىدارىڭىزنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرالايدىغان-قىلدۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردۇ. مەسلەن: ئەقىلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچىڭىز يوقىرى بولسا سىزنىڭ شۇ كۈندىكى ئەقىلى ئىقتىدارىڭىز ئەڭ ياخشى بولغان بولىدۇ.
بۇ خىل بىئولوگىيلىك سائەتتىن پايدىلىنىش غەرپ ئەللىرىدە خېلى بورۇن ئومۇملاشقان. مەسلەن: ئۇچقۇچىنىڭ شۇ كۈندىكى ھەممە كۆرسەتكۈچى تۆۋەن بولسا ئۇچۇشقا رۇخسەت قىلمايدىكەن.
يىگىرمىنجى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، گېرمانىيە دوختۇرى فېرىس ۋە ئاۋىستىرىيىلىك پىسخولوگ سىۋاپودا ئۇزاق مەزگىللىك كۆزىتىش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدە 23 كۈننى بىر دەۋىر قىلغان جىسمانىي دولقۇنلىنىش ئايلىنىشى ۋە 28 كۈننى بىر دەۋىر قىلغان كەيپىيات ئايلىنىش مەۋجۇتلىقىنى بايقىغان. 20 نەچچە يىلدىن كېيىن ئاۋىستىرىيىلىك چېرچىل پروففىسور نەچچە يۈز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىدىن ئادەمنىڭ ئەقلى دەۋىرلىنىشىنىڭ 33 كۈن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئالىملار يەنە ئادەملەرنىڭ بىر كۈن ئىچىدە ئەزالارنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى، بەدەن تېمپىراتۇرىسى، قان بېسىمى قاتارلىقلاردا قانۇنىيەتلىك دەۋىرلىك ئايلىنىش ئۆزگىرىشى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى، ھەمدە بۇنى " بىئولوگىيىلىك رېتىم" دەپ ئاتىدى. 20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بەزى ئالىملار بۇ خىل بىئولوگىيىلىك رېتىمنى سائەت جەدۋىلىگە ئايرىشنى باشلىدى، " بىئولوگىيىلىك سائەت" ئوقۇمىمۇ شۇنىڭدىن كېيىن رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ ھەقتە پىكىرلەشمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرگە كىرىڭ