ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالپ ئەھلى ، ئاللاھنىڭ شاپائىتى بىلەن جوڭشىڭ 795 U نىڭ ئۇيغۇرچە رومى پۈتتى. نەشرى 4.0.4 .بىر ھەپتە سىناش ئارقىلىق نوقسانلار تۈزۈتۈلۈپ ئاخىرى مۇقىم ئۇيغۇرچە روم بارلىققا كەلدى ، ئەخلەت ئەپلەر چىقىرىۋىتىلدى . تېلېفون قوزغالغاندا چىقىدىغان ھەركەتلىك رەسملەرمۇ يەرلىكلەشتۈرۈلدى . رومنى قاچىلىغاندىن كېيىن تىلى خەنزۇچە ، تىل تاللاش دىگەن ئەپنى ئېچىپ 维吾尔文 دىگەننى تاللىسىڭىز ئاندىن ئۇيغۇرچە بۇلىدۇ . بۇ رومنى SD كارتا (دو مېي تى كا) كارتىدىن recovery دا قاچىلايمىز.شۇڭا رومنى قاچىلاشتىن ئىلگىرى رومنى SD كارتىغا كۆچۈرۈپ تەييار قىلىمىز.
بۇ رومنى زاۋۇت recovery سىدا يازغىلى بولمىدى ، پەقەت ئۈچىنچى تەرەپ recovery نى قاچىلىغاندىن كېيىن ئاندىن يازغىلى بۇلىدۇ . تۆۋەندە سىلەرگە ئۈچىنچى تەرەپ recovery نى قاچىلاش توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىمەن . باشقا تېلېفونلارغا ئۈچىنچى تەرەپ recovery نى قاچىلاش ئۇسۇلىمۇ ئاساسەن ئوخشاش . شۇڭا بۇ رومنى ئىشلەتمەيدىغان تورداشلارمۇ مۇشۇ باھانىدە ئۈچىنچى تەرەپ recovery نى قاچىلاشنى ئۆگۈنىۋېلىڭلار.
بىرىنچى ئۇسۇل كومپىيوتېردا قاچىلاش
كومپىيوتېردا ئۈچىنچى تەرەپ recovery نى يېزىش ئۈچۈن ئاۋۋال كومپىيوتېرغا شۇ تېلېفوننىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى قاچىلىنىشى كىرەك.قوزغىتىش پروگراممىسىنى قولدا قاچىلاش بىرئاز ئاۋارىچىلىق ھەم مۇۋەپپىقىيەتلىك بۇلۇش نىسبىتى تۈۋەنرەك (قولدا قاچىلاشنى بىلىدىغان تورداشلارغا قوزغىتىش پروگراممىسىنى تەمىنلىدىم) . شۇڭا ئەڭ ئاسان ئۇسۇل بولسا 豌豆荚 ياكى91手机助手 ئارقىلىق قاچىلاش . يۇقارقى ئىككى دىتالنىڭ خالىغان بىرىنى كومپىيوتېرغا قاچىلاپ ، كومپىيوتېر تورغا ئۇلانغان ئەھۋال ئاستىدا تېلېفوننى usb سىم بىلەن كومپىيوتېرغا ئۇلىساقلا يۇقارقى دېتاللار ئۆزلىكىدىن تېلېفوننىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى توردىن چۈشۈرۈپ ، قاچىلاپ تەييار قىلىپ بىرىدۇ . دېتال يۈزىدە تېلېفوننىڭ رەسىمى ۋە ئۇچۇرلىرى چىققان ۋاقىتتا قاچىلىنىپ بولغان بۇلىدۇ ھەم دېتالنى تاقىۋىتىمىز. كومپىيوتېرغا تېلېفونىمىزنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى قاچىلىنىپ بولدى ، ئەمدى ئىككىنچى قەدەمدە مەن تەمىنلىگەن 中兴U795 recovery ۋە 中兴U795 工具 دىگەن ئىككى دىتالنى پىرىستىن يىشىپ مەلۇم ئورۇنغا قويىۋالىمىز. 中兴U795 工具 نى ئېچىپ ئىچىدىكى Flash_tool.exe نى ئىجرا قىلىمىز.

قوزغالغاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتىكى كونۇپكىلارنىڭ ئىككىنچىسى Scatter-loading نى باسىمىز .رەسىمدىكىدەك:

چىققان كۆزنەكتىن بايا پىرىستىن يىسىپ ساقلىۋالغان يەنە بىر ھۆججەت中兴U795 recovery نى تېپىپ قوش چەكسەك تۆۋەندىكى ھۆججەت كۆرۈنىدۇ.

بىرىنچى ئورۇندىكى txt ھۆججەتنى تاللاپ 2 دىكى 打开 نى باسىمىز.

Download نى باسساق recovery نى يېزىشقا تەييارلىنىدۇ. ئاندىن تېلېفوننىڭ باتارىيىسىنى چىقىرىۋېتىپ usb سىم بىلەن تېلېفوننى كومپىيوتېرغا ئۇلاپ سەل ساقلىساقلا يېزىشقا باشلايدۇ. ( ئەگەر 豌豆荚 ياكى91手机助手 ئارقىلىق قاچىلىغان قوزغىتىش پروگراممىسى تېلېفون باتارىيىسىنى چىقىرىۋەتكەندە تونىماي قالسا مەن تەمىنلىگەن 中兴U795驱动 نى قولدا قاچىلايمىز ، قاچىلىيالمىساڭلار ئېنكاس قالدۇرۇڭلار ) . تۆۋەندىكىدەك چىققاندا يېزىش تامام.

دىققەت دىققەت دىققەت
Recovery نى يېزىپ بولغاندىن كىيىن باتارىيىنى سېلىپ تېلېفوننىڭ ئاۋاز يۇقىرىلىتىش كونۇپكىسى بىلەن قوزغىتىش كونۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ تۇرۇپ recovery ھالىتىگە كىرىمىز. ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا تېلېفون recovery غا كىرمەي قوزغىلىپ كىتىپ قالسا recovery ئەسلى زاۋۇت recovery غا قايتىپ كىتىدۇ، قىلغان ئىش بىكار بولدى دىگەن گەپ.
ئىككىنچى ئۇسۇل تېلېفوننىڭ ئۆزىدە قاچىلاش
بۇنىڭ ئۈچۈن تېلېفوننىڭ روت ھوقۇقى بۇلىشى كىرەك.ئەگەر روت ھوقۇقى ئېلىنمىغان بۇلۇپ تېلېفوننىڭ ئۆزىدە ئۈچىنچى تەرەپ recovery نى يازماقچى بولساڭلار مەن تەمىنلىگەن 中兴U795 root دىگەن دېتالنى پىرىستىن يىشىپ ئىچىدىكى Onekey_root_for_U795.EXE نى باشقۇرغۇچى ھوقۇقىدا ( مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ 以管理员身份运行 نى باسىمىز) ئىجرا قىلىپ كۆزنەك چىققاندىن چىققاندىن كېيىن كونۇپكا تاختىسىدىن خالىغان كونۇپكىنى بېسىپ روتلىساق بۇلىدۇ.
ئاۋۋال SD كارتا (دو مېي تى كا) نىڭ باش مۇندەرىجىسىگە مەن تەمىنلىگەن中兴U795 recovery نىڭ ئىچىدىكى پەقەت recovery.img دىگەن ھۆججەتنىلا (باشقىسى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن) كۆچۈرۈپ تەييار قىلىمىز. ئاندىن 叔叔工具 دىگەن ئەپنى قاچىلاپ قوزغاتساق تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ؛

从SD卡刷recovery区 دىگەن تۈرنى چىكىمىز . چەكسەك بايا SD كارتىغا كۆچۈرۈپ قويغان recovery.img دىگەن ھۆججەت كۆرۈنىدۇ.شۇنى چىكىپ جەزىملىسەكلا يېزىشقا باشلايدۇ.يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئەسكەرتىش چىقسا 取消 نى بېسىۋىتىڭ .
دىققەت دىققەت دىققەت
Recovery نى يېزىپ بولغاندىن كىيىن تېلېفوننىڭ ئاۋاز يۇقىرىلىتىش كونۇپكىسى بىلەن قوزغىتىش كونۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ تۇرۇپ recovery ھالىتىگە كىرىمىز. ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا تېلېفون recovery غا كىرمەي قوزغىلىپ كىتىپ قالسا recovery ئەسلى زاۋۇت recovery غا قايتىپ كىتىدۇ، قىلغان ئىش بىكار بولدى دىگەن گەپ.
روم يېزىش
تېلېفونغا ئۈچىنچى تەرەپ recovery نى قاچىلاپ ھەم تېلېفوننى قايتا قوزغىتىپ recovery غا كىرىپمۇ بولدۇق ،ئەمدى سۈيۈملۈك ئۇيغۇرچە رومنى يازساق بۇلىدۇ.
تېلېفوننى قوزغىتىش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق جەزملەشتۈرىمىز.
ئاۋاز كونۇپكىلىرى ئارقىلىق تاللايمىز.
ئاۋۋال ئىككى تازلاش ئېلىپ بارىمىز ، يەنى 清空数据/恢复出厂设置 نى تاللاپ جەزملەشتۈرۈپ چىققان تىزىملىكتىن 是的- xxx نى تاللاپ جەزملەشتۈرىمىز.تازلاپ بولغاندىن كېيىن 清空缓存 نى تاللاپ جەزملەشتۈرۈپ چىققان تىزىملىكتىن 是的- xxx نى تاللاپ يەنە بىر جەزملەشتۈرىمىز.ئاندىن安装存储卡中的zip 刷机包 نى تاللاپ جەزملەشتۈرۈپ چىققان تىزىملىكتىن 从存储卡选择zip 刷机包 نى تاللاپ جەزملەشتۈرىمىز،چىققان تىزىملىكتىن بىز SD كارتىغا كۆچۈرۈپ تەييارلىۋالغان رومنى تاللاپ جەزملەشتۈرىمىز، چىققان تىزىملىكتىن 是的- xxx نى تاللاپ جەزملەشتۈرسەك رومنى يېزىشقا باشلايدۇ . يېزىپ بولغاندىن كېيىن 返回上一页 نى تاللاپ جەزملەشتۇرۇپ ئاندىن 重启手机 نى تاللاپ جەزملەشتۈرسەك تېلېفون قايتا قوزغىلىدۇ. مانا بىرمۇنچە تاللاپ جەزملەشتۈرۈشتىن كېيىن رومنىمۇ يېزىپ بولدۇق. دەسلەپتە سېستىما تىلى خەنچە، تىل تاللاش دىگەن ئەپتىن 维吾尔文 نى تاللاڭ . نىمىنى كۆردىڭىزكىن؟
ئەگەر رومدا مەسىلە كۆرۈلسە ئىنكاس قايتۇرارسىلە،ۋاقتىدا تۈزىتىشكە تىرىشىمەن ، ھەممىڭلارنىڭ مەشغۇلاتى ئوڭۇشلۇق بولغاي.
رومدىن كۆرۈنۈشلەر :





[attach]16781[/attach]



يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دىتاللار ۋە ئۇيغۇرچە رومنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
|