ئوغۇل دوست سېتىلىدۇ
دۇكىنىمدا ھازىر كونا ئوغۇل دوستتىن بىرى بار ، ئۇنىسېتىۋەتمەكچىمەن . ئۇنىڭ ھەممە يىرى تىخى يىپ يىڭى ، زاپچاسلىرى تولۇق ، ئىقتىدارى ئىلغار ، ساغلام ئوماق ، چىرايلىق ھەم ئەرزان .ئالاھىدە تۇنۇشتۇرىشى :
تۇنۇشتۇرۇش خىتى - ئۇقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى
تۇرى : قارامتۇل؛ مۇھىت ئاسراش تۈرىگە كىرىدۇ .
ئىگىزلىكى : 170
ماسسىسى : 63 كىلو
سىرتقى كۆرىنىشى : ساغلام ئوماق .
ئىشلەپ چىقارغۇچى : جوڭگو
مەشغۇلات سىسىتىمىسى كۆزنەك 8 نىڭ ئاستىدا ۋوردمەشغۇلاتىغا ئەركىنئىشلەيدۇ . خەنزۇچە ئىنگىلىسچە ئۇيغۇرچە كۆپ خىل تىلنى قوللايدۇ .قەشقەرشىۋىسى ، خوتەن شىۋىسى ، ئۇرۇمچى مەركىزى شىۋىدە ياخشى پاراڭلىشالايدۇ . ئاياللار بىرلەشمىسى ئالاھىدە تەۋسىيەقىلغان مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى يىگىتكەكىرىدۇ . خەلقئارالىق ئاي ئەس ئو 09002 سۈپەت تەكشۇرىشىدىن ئۆتكەن .
تەن سالامەتلىكى : ئوتتۇرا تىزلىك بىلەن 10000 مىتىرنى يۈگىرەلەيدۇ . بازارئايلانغاندا ، سەيلە قىلغاندا سىزنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتىشىڭىزگە كىپىل بولالايدۇ . ئىشەنچلىك بىخەتەر ، ھەرگىز جىنسى داۋراڭ سالمايدۇ .
تاماق يىيىشتە قىينالمايدۇ ، ئادەتتە ئامىنە ماركىلىق تەييار چۆپتىن بىرنى يىسىلا بىمالال 3 سائەت خىزمەت قىلىدۇ.
ئەگەر ئۇنى ئىشلەتسىڭىز ، كىىندىجى ئاچچىق توخو قانىتىدىن بىرنى بەرسىڭىز گەپ يوق 5 سائەت خىزمەت قىلىۋىتىدۇ .
سىتىۋالغاندىن كىيىن ئالماشتۇرۇپ بىرىشكە ۋە قايتۇرۋىتىشكە بولىدۇ .ئىشلىتىشكە ئەپلىك ، خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بۈولىدۇ . ئىلىپ يۇرىشكەئەپلىك ، چاقىرسىڭىزلا كىلىدۇ .ئۆگىنىش خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ . جىسمانى كۈچىڭىزنى تىجەيدۇ ، مەسىلەن ،ۋىلسىپىت بىلەن سىزنى سۆرەيدۇ . سىزگە تاماق توشۇيدۇ . تىخى تازىلىقمۇ قىلالايدۇ . سىزگە ھەمراھ بولۇپ ئىچپۇشىقىڭىزنى چىقىرىدۇ . ئۇنىڭغا ئاچچىقلىسىڭىزمۇ ئۇرسىڭىزمۇ تىللىسىڭىزمۇجاۋاب ياندۇرمايدۇ .
ماسلىشىش ئوبىكتى :
ئەڭ ياخشىسى ئوخشاش مىجەزلىك قىزلار بولسا ياخشى .ئەگەر ئىھتىياتسىزلىقتىنساختا مالغا يولۇقۇپ قالسىڭىز ، بولۇپمۇ بۈگۈنكى تاۋار ئىگىلىكى دەۋرىدەساختا مال بىلەن ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋالئىغىر ۋاقىتتا قىز ئىستىمالچىلار غا بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان ئىلىپ كىلىدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزگە قاتتىق ئازاب ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن . بۇ چاغدائاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز ئىگە .
بىز شۇنىڭغا كاپالەت بىرىمىزكى بىزدىن سىتىۋالغان ھەرقانداق تاۋارغاسۈپەتتە كاپالەت بىرىمىز ، ئۆمۈر بويى رىمۇنت قىلىمىز .ئۈچ يىل ئىچىدەھەقسىز ئالماشتۇرىمىز .پەقەت كۆرىنىشىدە زەخمە بولمىسىلا .
zulmat007 يوللىغان ۋاقتى2015-3-22 20:32
بۇ گەپنى تازا قاملاشتۇرۇپ دەپسىلە جۇمۇ بۇ بالا بەكمۇ...
لاكا لوزا ئۇكام ، چاخچاق چۈشەنمەيدىغان ئادەم پوق باما سىللىگە بۇ يەدە . بۇ يەردە باشقىلارنىڭ چاپىنىنى كۆتىرەپ يازغان ئىنكاسلىرىنى باشلىرىدا كۆتىرەپ چىچاڭشىپ يۇرمەي سامانلىقتا جىم يېتىپ ئۆزلىرىنى بېسىۋالسىلا . باكا مەندىن پەشۋا يەپ قالىلا :lol
ئوغۇل دوستىڭىزنىسىتىۋىتىپ تۇل قالارسىزمۇئەمدى؛ ئۇنداق بولسا سىزمۇ ئككنچى قول بۇلۇپ قالارسىزمۇ
مەنمو ئىككىنچى قول ئويلىشىپ بىقىڭ بۇلامدۇ ياش
چاقچاق axik1314520 يوللىغان ۋاقتى2013-4-25 15:04
قېرىنداش بۇ گېپىڭىز سەل ئېشىپ كېتىپتۇ بۇ مۇنبەرنى نۇر ...
بۇ قېرىندىشىمنىڭئىنكاسىنى مەن قۇۋۋەتلەيمەن. دېمىسىمۇسەل ئېشىپ.كىتىپتۇ.چاخچاق قىلدىم دەپ،شەرمى ھايانى قايرىپ قويمايلى!قېرىندىشىم.بىزدە« ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە»دىگەن گەپ بارئەمەسمۇ؟ alimjan1000 يوللىغان ۋاقتى2013-4-25 15:22
مەنمۇ قۇشۇلىمەن، ھېچكىمتېخنىكىلىق تىما يازماي مۇنب ...
گىپىڭىزنى قوللايمەن قىرىندىشم، تىما ئىگىسى :بۇ يەردكى ساختا ئالىجاناپبولۋانغانلارنىڭ گىپىنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ نەچچە كۈندىن بىرى ئالىپتىكىلەرگە مۇشۇنداق بىرەر تىما دورا بوپ قالغان داۋاملىق تىرىشىڭ ۋايمەن بۇ خەتلەنىپەقەتلائوقۇيالمىدىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا subat786 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-4-24 21:26
تازا كۈلىۋالدىم تىيما ئىگىسىگە رەھمەت!
ئىشلەپ چىقارغۇچى : جوڭگو
ماۋۇ يىرى قاملاشماپتۇ.
بۇنداق ئوغۇل دوستنى پەقەت ئاللاھ ئىشلەپچىقىرىدۇ. جۇڭگۇ ئەمەس.
بولسا شۇ يىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىڭ! زادى نىمە گەپ بۇ ئوەۇللا سېتىۋالساقمۇ بۇلامدۇ (چاخچاق ھە ) بۇزادى قانداق نەرسە؟ ئېنىغراق دىمەمسىز ....
دەششەت ئېلانكەن بۇ باللا …ئېلان بوسا مۇشۇنداق بوسا ئاداش ، بۇ ئالىپ تورىدىكى 99.99% ئەزا ئوغۇل تۇرسا ، سىز جەنوبىي قۇتۇپقا بېرىپ مۇز ساتقاندەك بىر ئىش قىلىپسىز. قىزلار چاققان بولۇڭلار ياخشى پۇرسەت:lol مەن چۈشىنەلمىدىم قېرىندىشىم ھازىر خوتۇن ئالالمايۋاتقانلار كۆپ،بۇ مەھسۇلاتىڭىز سېتىلماي قالامۇ ئەمدى ...... قاملاشمىغان گەپ :'( بۇ تېمىنى كۆرۈپ يۈگرەپلا كىرىپتىمەن تېخى،بىرە يېڭى ئەپ ئوخشايدۇ دەپ…… قانچە ئۇستەك بىرىسىز؟........... ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپتىكى تورداشلار بۇ مۇنبەردىن ئۇزۇننىڭ ياقى پايدىلىنىپ كەپتىمەن . مەنمۇ بىرە پايدىلىق بىژنەسە يوللاي دىسەم تەرەت بوش .........:L
ئامال يوق ، تىلىفۇن سېتىش ئىلانى پەدىسىدە چاخچاق ئويناپ قويدۇم .:lol xatmen يوللىغان ۋاقتى2013-4-24 22:01
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپتىكى تورداشلار بۇ مۇنبەردىن ئ ...
ياسىغۇچى جۇڭگۇ دىگەن يىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىڭ!