renat يوللانغان ۋاقتى 2013-3-9 13:05:51

بىر قۇر كود ئارقىلىق توركۆرگۈچتە كود تەھرىرلىگۈچ ھاسىل قىلىش

يېقىندا چەتئەللىك پروگراممىر Jose Jesus Perez Aguinaga بىر ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ بولسىمۇ بىر قۇر كود ئارقىلىق توركۆرگۈچتە كود تەھرىرلىگۈچ ھاسىل قىلىش، بۇ بىر قۇر كود بولسا تۆۋەندىكىچە :data:text/html, بۇ كودنى كۆچۈرۈپ توركۆرگۈچنىڭ ئادرېس كىرگۈزۈش ئورنىغا چاپلىسىڭىز بىر تەھرىرلىگۈچكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. (بۇنىڭ ئۈچۈن توركۆرگۈچ HTML5 نىڭ contenteditable خاسلىقىنى قوللىشى لازىم)
ئەمدى باشقا پروگراممىرلار بۇ ئىدىيىدىن ئىلھام ئېلىپ، بۇ ئاددىغىنە بىر قۇر كودنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ تۆۋەندىكىدەك ھالەتكە ئېلىپ كەلگەن. قېنى سىزمۇ سىناپ كۆرۈڭ.
http://i.imgur.com/InVUUvu.pngdata:text/html,




يۇقارقى كودنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ Chrome ، Firefox ، Safari قاتارلىق توركۆرگۈچنىڭ ئادرېس كىرگۈزۈش ئورنىغا چاپلىسىڭىز تېخىمۇ ئىلغار ctrl+s ئارقىلىق ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە تەھرىرلىگۈچكە ئېرىشىز.
قېنى ئۆزىڭىزمۇ قول سېلىپ ئۆزگەرتىپ سىناپ بېقىڭ…

يازما مەنبەسى : ئۇيغۇر ھەقسىز مەنبەلەر تورى
ئادرىسى : http://www.uyfree.com

brove يوللانغان ۋاقتى 2013-3-9 13:51:24

بۇلىدىغان ئۇسۇلكەنغۇبۇ.

nurbiye يوللانغان ۋاقتى 2013-3-9 14:02:24

مەن سىناپ كۆردۈم، ياخشى ئۇسۇلكەنغۇ بۇ.

renat يوللانغان ۋاقتى 2013-3-9 14:37:15

brove يوللىغان ۋاقتى2013-3-9 13:51 static/image/common/back.gif
بۇلىدىغان ئۇسۇلكەنغۇبۇ.

:) شۇنداق قولايلىق دەڭە.

renat يوللانغان ۋاقتى 2013-3-9 14:37:40

nurbiye يوللىغان ۋاقتى2013-3-9 14:02 static/image/common/back.gif
مەن سىناپ كۆردۈم، ياخشى ئۇسۇلكەنغۇ بۇ.

توغرا دەيسىز. :P

alipalim يوللانغان ۋاقتى 2013-3-9 19:50:07

مەنمۇسىناپ كۆردۈم، ياخشى ئۇسۇلكەنغۇ بۇ رەھمەت:P:P:P:P

boptula يوللانغان ۋاقتى 2013-3-9 20:15:22

قېنى ئۇ كود ... كۆچۈرۋالاي دىسەم تاپالمىدىم يا

renat يوللانغان ۋاقتى 2013-3-10 02:55:25

boptula يوللىغان ۋاقتى2013-3-9 20:15 static/image/common/back.gif
قېنى ئۇ كود ... كۆچۈرۋالاي دىسەم تاپالمىدىم يا

ئۈستىدە بارغۇ؟ رەسىمنىڭ ئاستىدا

renat يوللانغان ۋاقتى 2013-3-10 02:57:31

alipalim يوللىغان ۋاقتى2013-3-9 19:50 static/image/common/back.gif
مەنمۇسىناپ كۆردۈم، ياخشى ئۇسۇلكەنغۇ بۇ رەھمەت

ئەرزىمەيدۇ... :)
بەت: [1]
: بىر قۇر كود ئارقىلىق توركۆرگۈچتە كود تەھرىرلىگۈچ ھاسىل قىلىش