alip يوللانغان ۋاقتى 2011-5-11 12:34:37

ئۇيغۇرچە WinRAR4 [يېڭىلاندى]

WinRAR كومپىيۇتېردا چوقۇم بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم دېتاللارنىڭ بىرى. WinRAR نىڭ ھۆججەتلەرنى قىسىش، قىسىلغان ھۆججەتنى يېشىش ئىقتىدارىدىن باشقا يەنە، ھۆججەتلەرنى مەخپىيلەشتۈرۈش، قاچىلاش پىروگىراممىسى ياساش... قاتارلىق نۇرغۇن ئىقتىدارى بار.
مەن WinRAR 4 نەشىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم. قېنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.

ئىشلەيدىغان مۇھىت:
Windowis نىڭ بارلىق نەشىرلىرى

Winrarنىڭ يەنە Linux، Mac OS X، FreeBSD تا ئىشلەيدىغان نەشىرلىرىمۇ بار. ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى windows تىن باشقا مەشغۇلات سىستېمىسىدىمۇ ئىشلىشى مۇمكىن. مەن سىناپ باقمىدىم. شۇ مەشغۇلات سىستېمىسنى ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا بىرلىكتە سىناپ باقساق بولىدۇ.








Winrar 4 نىڭ ئۇيغۇرچىسنى چۈشۈرۈش



2011-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى يېڭىلاندى. چۈشۈرۈپ ئارخىپتىن يىشىپلا قاچىلسىڭىز بىۋاستە ئۇيغۇرچىسى قاچىلىندۇ. بۇرۇنقىدەك ئاۋال قاچىلاپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە يامىقىنى قاچىلاش ھاجەتسىز.


خەت نۇسىخسى ukij tuz tom غا توغرىلاندى. بۇ خەت نۇسخىسنى قاچىلمىغان بولسىڭىز قاچىلاڭ. ئاۋۇ چۈشۈرگەن ھۆججەتنىڭ ئارسىدا بار.
color=#000000]تىزىملىكنىڭ خەت نۇسخىسى ۋىندوۋىس تەرىپىدىن بەلگىلىندۇ. شۇڭا تىزىملىكتىكى ئۇيغۇرچە خەت سەت كۆرۈنسە ماۋۇ تېمىدىكى ئامالنى ئىشلىتىڭ.

سىز بۇرۇن ئىشلىتىۋاتقان WinRAR بولسۇن، ياكى يېڭىدىن قاچىلاڭ، WinRAR ھەقسىز يۇمشاق دېتال ئەمەس. توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغىنىڭىزنىڭ ھەممىسى 40 كۈنلۈك سىناق نەشىرى. 40 كۈن توشقاندا ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋېلىپ، تىزىملىتىپ ئىشلىتىڭ. ياكى كومپىيۇتېرىڭىزدىن ئۆچۈرۋېتىڭ.

بىر قىسىم سۆزلەرگە ئىزاھات:

ئۇيغۇرچە WinRAR دا ئىشلىتىلگىنى                              بۇرۇنقى ئاتىلىشى ياكى تەرجىمىسى
ئارخىپ                                                                  پىرىسلانغان ھۆججەت، 压缩文件
قىسىش، قىس                                                            پىرىسلاش،压缩 , compress
يەش، يېشىش                                                            解压 ,extract
ئات، ئاتى، ئاتىنى ئۆزگەرت                                          ئىسمى، نامى، نامىنى ئۆزگەرتىش
سۈكۈت، سۈكۈتتىكى، سۈكۈت قىممىتى                        كۆڭۈلدىكى، 默认 , Default

ئاتالغۇلاردىكى خاتالىق ۋە ئىملا خاتالىقلىرى بولسا بەھۇزۇر پىكىر-تەكلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Winrar4 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئالىپ تورىغا مەنسۇپ، پۇلغا سېتىشقا، رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە چىقىرىشقا، ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

1024 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-11 13:13:07

مەن بۇ دىتالغا بەك ئىھتىياجلىق ئىدىم رەھمەت سىزگە .... قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن... بۇندىن كىيىنىكى ئىشلىرڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمىز..!

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-5-11 15:23:53

kulke يوللانغان ۋاقتى2011-5-11 15:08 static/image/common/back.gif
ئوڭ تىزىملىكتىكى يەرلەر تەرجىمە قىلىمىدىمۇ ياكى مېىڭك ...

تىل ھۆججىتى %100 تەرجىمە قىلىنغان.
ۋىندوۋىس بايلىق باشقۇرغۇچتىكى winrar غا مۇناسىۋەتلىك ئوڭ كۇنۇپكا تىزىملىكى تىزىملاش جەدىۋىلىگە بېقىندىغان بولغاچقا ۋىندوىسقا قايتا كىرگەندە ئاندىن ئۇيغۇرچە كۆرۈندىكەن.

zeper يوللانغان ۋاقتى 2011-5-11 17:11:27

بۇنىڭ 7-zip دىن قانداق ئىلغار ئىقتىدارلىرى بار؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-5-11 20:38:36

40 كۈندىن كېيىن ماۋۇ ھۆججەتنى winrar قاچىلانغان يەرگە كۆچۈرۈپ قويۇڭ.

amrulla يوللانغان ۋاقتى 2011-5-12 06:26:28

قۇلىڭىزغادەرىتكەلمىسۇن   كۆپ رىيازەت چەكىتىڭىز

elpida يوللانغان ۋاقتى 2011-5-15 01:57:30

بۇ ھازىر Unicod نى قوللامدۇ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-5-15 09:05:07

elpida يوللانغان ۋاقتى2011-5-15 01:57 static/image/common/back.gif
بۇ ھازىر Unicod نى قوللامدۇ؟

كۆرمىدىڭىزمۇ؟ ئەلۋەتتە يۇنىكودنى قوللايدۇ.

Dreamcatcher يوللانغان ۋاقتى 2011-6-3 18:50:24

چۈشۈرۈۋالدىم، سىناپ باقاي، رەھمەت، سىزگە!

qin_ar يوللانغان ۋاقتى 2011-6-3 21:23:24

sirlik يوللانغان ۋاقتى 2011-6-11 21:46:26

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-8-13 13:23:28

2011-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى يېڭىلاندى. چۈشۈرۈپ ئارخىپتىن يىشىپلا قاچىلسىڭىز بىۋاستە ئۇيغۇرچىسى قاچىلىندۇ. بۇرۇنقىدەك ئاۋال قاچىلاپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە يامىقىنى قاچىلاش ھاجەتسىز.

izbas يوللانغان ۋاقتى 2011-8-17 20:37:27

alip يوللىغان ۋاقتى2011-5-11 20:38 static/image/common/back.gif
40 كۈندىن كېيىن ماۋۇ ھۆججەتنى winrar قاچىلانغان يەرگە كۆچۈ ...

يىڭىلانغاندىن كىيىنموبۇ ھۆججەتنى قاچىلاش كىرەكمو؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izbas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2011-8-17 20:39

bilimsiz يوللانغان ۋاقتى 2011-8-18 09:07:52

ئالىپ ئەپەندىم ،ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارەت ھەممىمىزنىڭ ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ،ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت ،ئىشلىرىڭىزغا بەركەت ئاتاقىلسۇن.قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

ئەنەس يوللانغان ۋاقتى 2011-8-24 04:53:13

رەخمەت ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى ئىشلىتىشتىنمۇچوڭ ئىش بارمۇ
بەت: [1] 2 3 4
: ئۇيغۇرچە WinRAR4 [يېڭىلاندى]