alip يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 18:43:06

SKY a850L نىڭ ئۇيغۇرچە رومى

泛泰 Vega 850l نىڭ CM10 رومى ۋە MIUI رومى چىققان بولسىمۇ ئىگە تەرەپ رومىدەك ياخشى ئەمەسكەن. بولۇپمۇ تېلېفون كەلگەندە ئېلىشنى خالىمايدىغان تېلېفون بولسا ئۈزۋېتىشنى باسسا يانفون قېتىۋالىدىكەن، يەنە قىسقا ئۇچۇر 80 ھەرپتىن ئېشىپ كەتسە يوللانمايدىكەن... دېگەندەك كاشىللىرى بولغاچقا مەن ئىگە تەرەپ رومىنى ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم، ئانا تىلنىڭ پەيزىنى سۈرەي دەپ ھەپلىشىپ يۈرۈپ ئۇيغۇرچە قىلىپ چىقتىم.
2-ئاينىڭ 25-كۈنى تارقىتىلغان ئەڭ يېڭى ئىگە تەرەپ رومىنىڭ ئۇيغۇرچىسى. خەنزۇچە رومنىڭ تولۇق ئاتىلىشى Sky IM-A850L S1233147 CN Ultimate V5.0
ئاۋال بىر نەچچە پارچە رەسىمنى كۆرۈڭلار.




   








   



يانفونىڭىزغا تېخى recovery قاچىلانمىغان بولسا ئاۋال root ئېلىپ، recovery قاچىلاڭ. recovery قاچىلاپ بولغان بولسا بۇ باسقۇچتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ، ئاستىدىكى رومنى چۈشۈرۈپ قاچىلسىڭىز بولىدۇ.
recoveryقاچىلاش ئۇسۇلى:
ماۋۇ ئادېرستىكى ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ يېشىڭ
recovery5840.img دېگەن ھۆججەتنى يانفۇنىڭىزنىڭ sdcard غا كۆچۈرۈڭ.
يانفوننى سىم بىلەن كومپىيۇتېرغا چېتىپ، كومپىيۇتېردا Recovery.exe دېگەن ھۆججەتنى ئىجرا قىلدۇرۇڭ.
يانفوننى تاقاپ، ئاۋاز يوقۇرلىتىش، تۆۋەنلىتىش كۇنۇپكىسنى تەڭ بېسىپ تۇرۇپ، مەنبە كۇنۇپكىسنى بېسىڭ، چىققان تىزىملىكتىن RECOVERY نى تاللاپ يانفوننىڭ ئوڭ بېقىندىكى مەنبە كۇنۇپكىسنى باسسىڭىز RECOVERY غا كىرىدۇ.

روم چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش

RECOVERY غا كىرىڭ
Install zip from sdcard نى تاللاڭ
choose zip from sdcard نى تاللاڭ
ئۇ يەردىن باياتىن چۈشۈرۈپ كۆچۈرۈپ قويغان ultimatev5 نى تاللاڭ
روم قاچىلاشنى باشلايدۇ، قاچىلاش تاماملانغاندىن كېيىن wipe date ۋە wipe cache قىلىۋېتىمىز. ئاندىن يانفوننى قايتا قوزغىتىمىز. نورمال قوزغىلىپ بولغاندىن كېيىن يانفوننى قايتا قوزغتىپ يەنە RECOVERY غا كىرىڭ.
Install zip from sdcard نى تاللاڭ
choose zip from sdcard نى تاللاڭ
ئۇ يەردىن باياتىن چۈشۈرۈپ كۆچۈرۈپ قويغان SKYa850L147uyghur_alip.zip دېگەن ھۆججەتنى تاللاپ قاچىلايمىز. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن wipe قىلمايلا يانفوننى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ. بۇ چاغدا يانفونغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسى ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ھۆججەتلەر قوشۇلۇپ بولدى. ئاندىن «تىل تاللاش» دېگەن ئەپنى ئېچىپ، 维吾尔 ياكى uighur نى تاللاپ قويسىڭىز يانفونىڭىز يوقارقى رەسىمدىكىدەك ئۇيغۇرچە بولىدۇ.


دىققەت: روم يېڭىلاش خەتەرلىك مەشغۇلات. يانفون مەشغۇلاتىغا پۇختا بولمىسىڭىز بۇ مەشغۇلاتلارنى قىلماڭ. يانفۇنىڭىز روم يېڭىلاش سەۋەبىدىن قوزغالمىسا ياكى ئىچىدىكى ئۇچۇرلار يوقاپ كەتسە بىز مەسئۇل بولمايمىز. بۇ روم پەقەت 泛泰 Vega a850l تىپلىق يانفونغىلا بولىدۇ. باشقا يانفونغا قاچىلىماڭ

2-ئاينىڭ 27-كۈنى يېڭى يامىقى تارقىتىلدى.
يەنى ئېكران قۇلۇپلاش ھالىتىدە قول ئىشارىسى بىلەن ئاچىدىغان بۇيرۇقلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدىم. يەنى تۈز سىزىق سىزسا ئېكران قۇلپىسى ئېچىلدىغان، G ھەرىپى شەكىلىنى سىزسا بىۋاستە تېلېفون ئۇرۇش ھالىتىگە ئېچىلدىغان.... يېرىنىڭ خېتىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ياماق ياسالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يانفوننىڭ ئۈسىدە كۆرۈندىغان ئەسىلدىكى باتارىيە بەلگىسى پىرسەنت بويچە كۆرۈندىغان بەلگىگە ئالماشتۇرۇلدى. مەسلەن %95 دېگەندەك.
يەنى ماۋۇ رەسىمدە كۆرۈنگەندەك.




چۈشۈرۈش ئادېرسى

kevin_323 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 19:58:03

بەكلا سۈزۈك كۆرىنىىدىكەن بۇ ROM

bahit يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 20:19:53

س8813 ننىڭ بولغان بولسا 30 ئاقچا ئەمەس 50 ئاقچا بولسىمۇ ئالتىم

sargardan0 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 20:59:31

ئاقچا نې قانداق تولوق لايمز؟:L

xaydayi يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 21:09:54

bahit يوللىغان ۋاقتى2013-2-26 20:19 static/image/common/back.gif
س8813 ننىڭ بولغان بولسا 30 ئاقچا ئەمەس 50 ئاقچا بولسىمۇ ئال ...

ئۇنىڭغىمۇ ئاز قالدى ، ياخشىراق رومى چىقسىلا ئۈزۈم تەرجىمە قىلىمەن

xaydayi يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 21:10:24

ماۋۇ يانفۇننى ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ... لېكىن رومى خېلى ئۆزگىچە تۇرىدۇ .

merdan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 21:46:25

بۇ روم بەك چىرايلىقكەن ،،، تېلېفۇنۇمغىمۇ موشۇنداقراق روم تۈزسەم بولغۇدەك.....

sargardan0 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 21:59:45

روت ھوقۈقېنې قانداق ئالمز؟ ياردەم قېلساڭلار :Lدوسلۈرۈم

salam211520 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 23:19:52

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەپەندى ياخشىمۇ سىز ! ماڭا 泛泰 IM–A760S نىڭ ئۇيغۇرچە رۇمى ياكى ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ھەققىدە مەسلەت بەرسىڭىز

sapardax يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 09:49:44

بۇ تىلىفۇننى ئىشلىتىۋاتقانلار ئىككىلەنمەي سېتىۋالسا ئەرزىگۇدەك. تىلىفۇنمۇ تىلىفۇندەكلا تىلىفۇنكەن.
مىنىڭ تاۋباۋ تورىدا كۇرۇب بېقىپ كەلگەن تەسىراتىم،

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 10:23:37

sargardan0 يوللىغان ۋاقتى2013-2-26 21:59 static/image/common/back.gif
روت ھوقۈقېنې قانداق ئالمز؟ ياردەم قېلساڭلار   دوسلۈرۈ ...

روت ھوقۇقى ئېلىش ئۈچۈن ماۋۇ تېمىنى كۆرۈڭ
ئاقچا تولۇقلىماقچى بولسىڭىز، مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، كىيۇكىيۇ:632997108

sargardan0 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 11:57:56

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەپەندىياخشىمۇ سىز ؟ تېلفۈنېدن مەسلە چېقساقايتۈرۈپ بەرگېلې بولدغان قيلپ ئۇيغرچەرۇمني قاچيلغلې بولماسمۇ؟ «مەن    SKY a850L دينبيرنې يڭي ئالغنتم مەن ئانا تلمدا ئشليتپ سېناي دگەنتم :(       مەن يڭي ئەزا بولغاچقا كوپيۇتردا خەتلەني توغرا يازالميدېم سلەنيڭ توغراچۇشنشڭلارني توۋەنچليك بلەن سورايمەن:L

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 12:03:56

sargardan0 يوللىغان ۋاقتى2013-2-27 11:57 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەپەندىياخشىمۇ سىز ؟ تېلفۈن ...

ئۇ تېلفوننى توردىن ئالغانسىز. توردا ئالغان نەرسىنى ئۇيغۇرچە قىلمىسىڭىزمۇ، مەسلە چىقسا قايتۇرۇپ بېرەلمەيسىز.
يېڭى ئەزا بولسىڭىزمۇ، يېڭىدىن ئۇيغۇر بولمىغانسىز؟ ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلغىلى 15 يىلدىن ئاشقاندۇ؟ شۇڭا ئۇيغۇرچە خەتنى توغرا يېزىڭ. ئەمدى خاتا خەت يازسىڭىز تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنى ئۆچۈرۋېتىمەن.

sargardan0 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 12:06:49

man mardan jan din algan edimmasila qik sa almax tu rup bir miz digan ti 15 kun eqi da

بودەكباي يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 13:43:06

ئەسسالام ئالىپكا 泛泰 Vega a850l نىڭ ماۋۇتېمىڭىزدىكى /thread-6898-1-1.htmlرومنى ياخشى ئەمەسكەن دىمەكچىمۇ ؟
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: SKY a850L نىڭ ئۇيغۇرچە رومى