كومپىيۇتېرنى قانداق تاللايمىز؟
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلىرىم!ئاۋال سىلەرگە سالام يوللىۋىتەي!شۇنچە ئۇزۇن ئالىپ تورىغا تىما يازالمىدىم،شۇنچە يازغىم بار بولسىمۇ كۈندە 18 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەش ماڭىمۇ بەك بىسىم بوپ قالدى،شۇڭا ھازىر ئاتايىتەن ۋاقتىمنى چىقىرىپ كومپىيۇتۇر توغۇرلۇق ئازراق بىر نەرسە يىزىپ قويۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم،قارىسام ئالىپ تورىدىن مەندىن مەسلەھەت سورايدىغانلار ساپلا تىلفۇن ئىلىشتىن مەسلەھەت سوراپ كومپيۇتۇر قۇراشتۇرۇش دىگەندەكلەردىن سورىمايدىكەن ئانچە،ئەمىلىيەتتە مىنىڭ ھەۋەس قىلدىغىنىم كومپيۇتۇر،ھەم كومپىيۇتۇر بىلىمىم تىخىمۇ ياخشىراق:lol ،شۇڭا دوسلارغا كومپيۇتۇر تاللىغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش توغۇرلۇق ئازراق يىزىپ قوياي،مەن نەچچە سائەت ۋاقتىمنى چىقىرىپ يازغانكىن دوسلارنىڭ نەچچە مىنۇت ۋاقتىنى چىقىرىپ ئوقۇپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن:lol.چامدان كومپىيۇتۇر(笔记本) بىلەن ئۈستەل كومپىۇتۇر(台机式)دىن قايسىنى تاللاش دىگەنلەر بىر چوڭ مەسىلە،نۇرغۇن دوسلار 台式机 نى قاراپلا يوغان،يۆتكەشكە ئەپسىز،بىرسى كىچىك بىرسى يوغان تۇرسا ئەلۋەتتە ئەپلىكنى تاللىمايمەنمۇ دەپلا ئۆيدە مۇقىم ئىشلىتىدىغان كومپيۇتۇر بولسىمۇ چامدان كومپىيۇتۇرغا ئىسىلىپ قالدىغانلار نۇرغۇن،ھەتتا ھىچقانداق يۆتكەپ ئىشلەتمەيدىغانلارمۇ شۇ،ئەمما بۇ يەردە شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش كىرەككى،چامدان كومپىيۇتۇر مەڭگۈ ئۈستەل كومپىيۇتۇرغا يەتمەيدۇ،ئۈستەل كومپىيۇتۇرنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق ئالاھىدىلىكى بار،گەرچە يۆتكەشكە ئەپسىز،يوغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ سەپلىمىسى ھامان مەڭگۈ ئەۋزەل...
چامدان كومپىيۇتۇر-ئالاھىدىلىكى:يۆتكەشكە ئەپلىك،قولايلىق،كەمچىلىكى بولسا باھاسى يۇقىرى سەپلىمىسى تۆۋەن،ئىسسىقلىق قويۇپ بىرىشى مەڭگۈلۈك بىر مەسىلە بولۇپ قىلىشى مۇمكىن،ئىسسىقلىق قويۇپ بىرىشى ياخشى بولمىسا كومپىيۇتۇر ياخشى ئىشلىمەيدۇ.
ئۈستەل كومپىيۇتۇر-ئالاھىدىلىكى:باھاسى تۆۋەن،سەپلىمە يۇقىرى،ئىسسىقلىق قويۇپ بىرىشى تولىمۇ ياخشى،ئىشلەش ئۆمرى ئۇزۇن،ئاسان بۇزۇلمايدۇ،كەمچىلىگى بولسا توك يەيدۇ،يۆتكەشكە تولىمۇ ئەپسىز.
شۇڭا قانداق كومپىيۇتۇر ئالىمەن دىگەندە دوسلارغا شۇنداق تەۋسىيە قىلىمەنكى ئەگەر سىز چوقۇم بەك يۆتكەپ ئىشلىتىمەن،زۆرۈر سودا ئىشلىرى ھەم ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىمەن دىسىڭىز چامدان كومپىيۇتۇر ئىلىڭ،بولمىسا ئۈستەل كومپىيۇتۇرنى،ئەگەر ئويۇن ئويناشقا ئىشلىتىتىم دەپ قالسىڭىز ئىككىلەنمەي ئۈستەل كومپىيۇتۇر تاللاڭ،چۈنكى چامدان كومپىيۇتۇر ئەزەلدىن ئويۇن ئويناشقا ماس كەلمەيدۇ،مەيلى سىزcpuسىغا i7 سەپلەنگەن،显卡 سىغا2gلىق 660 显卡سەپلىگەن 8000 مىڭ يۈەنلىك كومپىيۇتۇر ئالسىڭىزمۇ ئۇنىڭ ئويۇن ئويناش ئىقتىدارى ھامان 3000 يۈەنلىك ئۈستەل كومىپىيۇتۇرغا يەتمەيدۇ،ھەم بۇنداق يۇقىرى سەپلىمە سەپلەنگەن خاتىرە كومپىيۇتۇر ئىنتايىن ئىغىر،يۆتكەش ئۈچۈن ئۈستەل كومپىيۇتۇرى بىلەن ئوخشاش دىگۈدەك كۈچ چىقىرسىز.يەنە خاتىرە كومپىيۇتۇرنىڭ ئىسسىقلىق قويۇپ بىرىشى ھەرگىزمۇ 台机式 غا يەتمەيدۇ،ئىسسىقلىق قويۇپ بىرىشى ياخشى بولمىسا ھەرقايسى قاتتىق دىتاللارنىڭ ئىش ئىشلەش ئەھۋالى كاسات بولدۇ،ئاسىتىلايدۇ،ئويناۋاتقان ئويىنىڭىز يىرىم سائەتلىك بولىدۇ،يۇقىرى سەپلىمىلىك كومپىيۇتۇرلارنىڭ ئىسسىقلىق قويۇپ بىرىلىشدىن تىخىمۇ ئىغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.
ئۇنداق بولسا كومپىيۇتۇرنىڭ ھەرقايسى قاتتىق دىتالىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار
CPU-كومپىيۇتۇرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قاتتىق دىتالى بولۇپ كومپىيۇتۇرنىڭ ئاساسى ئىش ئىشلەش ئەھۋالىغا قوماندانلىق قىلىدۇ،يەنى كومپىيۇتۇرنىڭ سۈرىتىنى بەلگىلەيدۇ،بەلكىم دوسلار بۇنىڭ كومپىيۇتۇرنىڭ مىڭىسى دەپلا ئاڭلاپ كەلگەن،ئەمما نىمىگە ئەسقاتىدىغانلىقىنى تازا ئىنىق ئاڭقىرالمىغان بولىشى،ھەم كومپىيۇتۇر تاللىغاندا CPU غا ئانچە ئەھمىيەت بىرىپ كەتمىگەن بولىشى مۇمكىن(گەرچە دوسلىرىمىز تىلفۇن تاللاپ CPU غا قاراشقا ئۇستا بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ:lol )،شۇڭا بۇ زادى نىمىگە ئەسقاتىدۇ؟نىمىگە پايدىسى بار دىگەندە گەپنى مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا CPUسى قانچە ياخشى بولغانسىرى كومپىيۇتۇرىڭىزنىڭ سۈرىتى شۇنچە تىز بولىدۇ،كومپىيۇتۇرنىڭ سۈرىتى ھەرگىزمۇ ئىغىزدا ئىقىپ يۈرگەن 显卡 ,内存 لەر تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى مۇشۇ كىچىككىنە ئوقەت تەرىپىدىن بەلگىلىندۇ،يەنى ئويۇن ئويناش،سىستىما ئىشلىرى،ھەرقايسى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش،ئىچىلىش سۈرىتى،كۆپ تەرەپلىمى خىزمەت ئۆتەش دىگەنلەردە رولى ئەڭ ئاساسلىق جارى بولىدۇ،بۇ ياخشى بولمىسا ئويۇن ئوينىسىڭىز ئاستىلايدۇ،بىرە مەشغۇلاتنى ئاچسىڭىز ياكى بىر ئىش قىلىسىڭىز سۈرىتى ئاستا،بىر نەچچە ئىشنى بىراق بىر تەرەپ قىلىسىڭىز كومپىيۇتۇرىڭىز بىراقلا قاتىدۇ ياكى ئىش ئىشلەشتىن توختايدۇ،ئىشلىرىڭىزغا زور دەرىجىدە توسالغۇ بولىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن كومپىيۇتۇر تاللىغاندا ئەڭ ئاساسلىق قارايدىغىنىڭىز CPU.ئۇنداق بولسا CPU قانداق بولسا ياخشى بولىدۇ دىگەنگە تەپسىلى جاۋاپ بىرەي.
CPU تاللىغاندا كۆپىنچە دوسلار ئۇنىڭ 主频 سىغا ھەم 核心 سانىغا بەك قاراپ تۇرۋالدۇ،يەنى 3.2g 3.3g دىگەندەك،ياكى بولمىسا 4يادرۇلۇق،8 يادرۇلۇقCPU دەپ،ئەمىلىيەتتە بىر دانە3.3g لىق تاق يادرولۇق دىن ئېككى دانە2.8g لىق ياخشى دىگەندەك،شۇڭا 主频 سى ھەرقانچە يۇقىرىبولسىمۇ ئادەتتىكى 4 يادرولۇققا يەتمەيدۇ.ئاندىن يەنە نوقۇل ھالدا يادرو سانىغا قاراشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس،مەسىلەن AMD نىڭ ھەتتا 8يادرو 16 يۆلىنىشتە ئىشلەيدىغان CPU لىرى بولسىمۇ ئەمما intel نىڭ 3-ئەۋلات i5 غا(4يادرولۇق) قا يەتمەيدۇ.شۇڭا زادى قانداقنى تاللاش دىگەندە ئەگەر پۇلىڭىز بولسا ئىنتىلنىڭ i3,i5,i7 تۈرىدىكىنىڭ ئىلىڭ،تۆۋەندىكىسى ئاساسلىق CPU نىڭ ئايرىمىسى: ئوڭ چەتتىكىسىAMD نىڭ،سول intel ،شۇنداق ھىساپلىغاندا ھازىر CPU نىڭ ئەڭ قاتىلىi7 3970x،ئەمما 10مىڭ يۈەنگە يىقىنلايدۇ:lol .
显卡-بۇنى ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن دوسلار كومپىيۇتۇرنىڭ ئاساسلىق سۈرىتىنى بەلگىلەيدۇ دەپ ئويلايدۇ،ئەمىلىيەتتە بۇ پەقەت ۋە پەقەت ئويۇن ئويناش بىلەن مۇناسىۋەتلىك،يەنى 显卡 قانچە ياخشى بولسا ئويۇننىڭ راۋانلىقى،سۈرىتى،سۈزۈكلىكى شۇنچە ياخشى بولدۇ دىگەن گەپ،يۇقىرى 显卡 لار دا ئويۇن ئوينىسىڭىز قاتمايدۇ ھەم ناھايىتى سۈزۈك،راۋان چىقىدۇ،ئەلۋەتتە CPU ناچار بوپ قالسا 显卡 ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ ئەسقاتمايدۇ،显卡 ئويۇن ئويناشتىن باشقىسىغا ئانچە ئەسقاتمايدۇ،ئۇنداقتا قانداق 显卡 ياخشى显卡 ھىساپلىندۇ؟
显卡 تاللايدىغانلار ئۈچۈن خاتالاشمىسام 90%خىرىدارلار،ھەتتا كومپىيۇتۇر قۇرۇشتۇردىغان جايدىكى تىخنىكلاردىن تارتىپ 显卡 تاللىغاندا خۇددى 多媒体卡 تاللىغاندەكلا 2G,1G,512MB دىگەنگە ئەڭ ئەڭ ئەھمىيەت بىرىدۇ،ئەمىلىيەتتە بۇ 显卡 نىڭ ياخشى يامانلىقى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز ياكى جىق بولسا 5%مۇناسىۋەتلىك،شۇڭا دوسلار 2G لىق، 3G لىق显卡 لارنى كۆرگەندە ئاغزى ئىچىلىق قالىدۇ،بىز سىزگە 3G ئەمەس،4G لىق 显卡 نىمۇ 400 يۈەندىن تەمىنلەپ بىرەلەيمىز،ئەگەر تاللىغىنىڭىز HD4770 لىق 4G بولۇپ كەتسىمۇ ئۇ ھەرگىزمۇ 512MB لىق HD6970غا تەڭ بولالمايدۇ،شۇڭا دوسلار،نوقۇل ھالدا ئۇنىڭ سىغىم سانىغا قارىماڭ،ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ نۇمۇرى بىلەن ئۇنىڭ كەڭىرلىك سانى(宽位)غا قاراش مۇھىم،يەنى 64bit،128bit،256bit دىگەندەك،256bit ئەلۋەتتە ئىنتايىن يۇقىرى تىپلىققا كىرىدۇ،ئويۇنلارنى بىمالال ئوينىيالايسىز.يەنە 显卡ئۈچۈن مۇھىم ئۇقۇم DDR،يادرو سانى دىگەنلەر،ئوخشاش تىپتىكى 显卡 غا نىسبەتەن DDR3 تىپلىغىدىن DDR5تىپلىغى تىخىمۇياخشى دىگەندەك،باشتا ئىيقىنىمدەك سىغىم سانى مۇھىم ئەمەس،پەقەت نۇمۇرى ئوخشاش،ئەمما سىغىمى ئوخشىمىغان 2G,1G لىق بولۇپ قالسا 2Gلىغى شۇنچىكى ياخشى،ئەگەر كومپىيۇتۇر قۇراشتۇرۇش خادىمى سىزگە 2Gلىق بەك نوچى 显卡 دىسە ھەرگىز ئاخماق بولماڭ،مانا ماۋۇ جەدىۋەلدىن
显卡 نىڭ ھەقىقى يۇقىرى تۆۋىنىنى ئايرىۋىلىڭ: ،مانا سىلىشتۇرۇشقا بولىدىكى 3G لىق GTS450 显卡بولسىمۇ،512MB لىق GTX680 غا قارىغاندا باھاسى 10 ھەسسە تۆۋەن،GTX680 نىڭ نۆۋەتتىكى باھاسى4700 يۈەن بولىۋاتماقتا......
内存-بۇ دوسلىرىمىزنى ئەڭ قايمۇقتۇردىغان قاتتىق دىتالنىڭ بىرى,内存 قانچە يۇقىرى بولسا كومپىيۇتۇر شۇنچە كاتتا بوپ كىتىدۇ دىگەن قاراش ھەممىمىزدە بار.内存بولسا ئەمىلىيەتتە كومپىيۇتۇرنىڭ قوزغىلىش،ھەرقايسى يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئىچىلىش ۋە قوزغىلىش سۈرىتىنىلا (运行)بەلگىلەيدىغان بولۇپ يەنى ۋاقىتلىق پايدىلىنىپ تۇرغان بوشلۇققا ئوخشايدۇ،سىز ھەر بىر ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا شۇ مەشغۇلات مەلۇم بوشلۇق ئىگەللەيدۇ،ھەم ئۇ سىغىملار 内存 ئارقىلىق ساقلىنىپ ماڭىدۇ،شۇنداقچە ئىيتقاندا ئۇ سىز كومپىيۇتۇرىڭىزدا بىر نەچچە ئىشنى بىراقلا قىلسىڭىز 内存 ئۇ ئىشقا نىسبەتەن ئىچىلىش سۈرىتىنىڭ تىز ئاستىلىغىنى بەلگىلەپ بىرىدۇ،ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ كومپىيۇتۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىغا نىسبەتەن ھىچقانچە رولى يوق،پەقەت سىغىمى چوڭ بولغان 内存 كومپىيۇتۇرنىڭ ئىچىلىش،قوزغىلىش سۈرىتىنىڭ،ھەرقايسى مەشغۇلات،يۇمشاق دىتال ئويۇنلارنىڭ ئىچىلىش سۈرىتىنى ئاشۇرۇپ بىرىشكە پايدىسى بار خالاس،دوسلار ئارزۇلاپ كىتىدىغان ئۇنچە مۇھىم نەرسە ئەمەس،بىر كومپىيۇتۇر ئۈچۈن 4G بولسىلا يىتەرلىك،ئەلۋەتتە win7 ئۈچۈن 8G 内存تەلەپ قىلدۇ،ئەمما بۇ win7 نىڭ تىخىمۇ چوڭ سىغىم ئىگەللىكىدە خالاس،مەيلى 8G بولسۇن مەيلى 16G 内存 بولسۇن بۇ كومپىيۇتۇر قاتتىق دىتالىنىڭ ئەڭ پۇلغا ئەرزىمەس نەرسىسى،8G نىڭ باھاسى ئارانلا 200 نەچچە يۈەن،دوسلار ئارزۇلاپ يۈرگەن ئىرىشەلمەيدىغان نەرسە ئەمەس،8G 内存 بىلەن 16G لىق دىگەنلەرنىڭ كومپىيۇتۇرىڭىز ئۈچۈن ئانچە چوڭ زور رولى يوق.内存 نىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە DDR1,2,3دىگەنلەرگە قارىسىڭىز بولىدۇ،مەسىلەن DDR3 1333 لىككە قارىغاندا DDR31600 لىكى ياخشى دىگەندەك،ئەمما ھەرقانداق ئىش قىلىشىڭىزغا 1333 يىتىپ ئاشىدۇ.
ئاندىن主板 نىڭ رولى بولسا قاتتىق دىتاللارنىڭ ئىش ئىشلىشىنى تىخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردۇ،يەنە 主板 نىڭىز قانچە ياخشى بولسا cpu,显卡 لارنىڭ ئىش ئىشلىنىشىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ،ئەگەر 主板 تۆۋەن دەرىجىدە بولۇپ قالسا باشقا نەرسىلەرنى شۇنچە يۇقىرى قىلۋەتسىڭىزمۇ ياخشى ئىشلىمەيدىغان گەپ،بۇنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇش بىر ئۇزۇن جەريان ھەم ئانچە ئەھمىيىتى يوق،دوسلار 主板تاللىغاندا ماركىسى دىگەندەكلەرگە بەكرەك قارىغىنى ياخشى، 华硕,技嘉لار 主板 ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق ماركا،ھەم تاللىغاندا ئىمكانقەدەر سىز تاللىغان باشقا سەپلىمىلەرنى قانچىلىك دەرىجىدە بولدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىقىڭ.
硬盘-بۇنى تونۇشتۇرمىساممۇ دوسلار ئۈچۈن نان يىگەندەكلا تونۇش نەرسە،باھاسىمۇ كۈندىن كۈنگە تۆۋەنلەۋاتىدۇ،ئەمما بۇنىڭمۇ بىر مۇھىم ئەھمىيەت بىرىدىغان يىرىڭىز بار،يەنى ماركىسى بىلەن ئوقۇش سانى،ماركىسى ئۈچۈن 希捷,东芝 لەر ئەڭ مۇۋاپىق،ئەگەر 硬盘 سۈپىتى ياخشى،داڭلىق ماركىلىق بولماي قالسا ئۆمرى قىسقىرايدۇ ھەم كومپىيۇتۇرىڭىزدىكى مۇھىم نەرسىلەر تازا كاپالەتگە ئىگە بولمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمكانقەدەر داڭلىق ماركىنى تاللاڭ،يەنە بۇنىڭ ئوقۇش سۈرىتى كومپىيۇتۇرنىڭ ئىچىلىش قوزغىلىش سۈرىتى،يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئىچىلىش قوزغىلىش سۈرىتى دىگەندەكلەر ئۈچۈنمۇ بىر قەدەر كۈچ چىقىردۇ،5400转،7200转 دىگەنلەر بىر قەدەر ئاساسلىق،بولۇپمۇ 7200转 ئەڭ ئاساسلىقىنىڭ بىرى،ئەگەردە 10000转
لىك بولۇپ قالسا شەك شۈبىھسىز كومپىيۇتۇرىڭىز ناھايىتى تىز قوزغىلىدۇ دىگەن گەپ،ئەمما بۇنداقلىرى ئىنتايىن ئاز،تاللىغاندا ئامال بار 5400转 لىكنى تاللىماڭ.
固态硬盘 -يەنىSSD بۇ بولسا يىڭىدىن چىققان قاتتىق دىتال بولۇپ ئادەتتىكى硬盘 گە قارىغاندا ئۆمرى تىخىمۇ ئۇزۇن،ئىچىلىش سۈرىتى تىخىمۇ تىز،سۈپىتى تىخىمۇ ياخشى،ئەمما باھاسى تولىمۇ قىممەت،ئاساسلىق رولى بولسا مۇھىم سىستىمىلارنى ساقلاشقا ھەم قوزغىلىشىغا ئىشلىتىدۇ،مەسىلەن سىز سىغىمى 20G كىلىدىغان چوڭ تىپتىكى ئويۇننى ئادەتتىكى قاتتىق قاچىلاپ قويۇپ ئاندىن ئويۇننى ئىچىش ئۈچۈن بەلكىم ئاز دىگەندە 3مىنۇت ساقلىشىڭىز مۇمكىن،ئەمما ئۇنى ئايرىم 固态硬盘 ساقلاپ قويسىڭىز يىرىم مىنۇتتا ئىچىلدۇ دىگەن گەپ،ئەگەر ئوقۇش سۈرىتى يۇقىرى،سىغىمى چوڭ 固态硬盘 بولۇپ قالسا win7 ياكىxp نى ئۇنىڭغا قاچىلاپ قويسىڭىز 1مىنۇتتا قوزغىلىدىغان كومپىيۇتۇرىڭىز 15سىكۇنتتا قوزغىلدۇ دىگەن گەپ،ئەلۋەتتە 固态硬盘 نىڭمۇ ئادەتتىكى ھەم ياخشىسى ئۈچۈن ئۆلچەم ئىنتايىن چوڭ،سىغىمى قانچە چوڭ بولغانسىرى ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ ھەم ئوقۇش سۈرىتىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ،ئادەتتە ئوقۇش سۈرىتى 340M لىرى تولىمۇ ياخشىسى ھىساپلىندۇ،ھەم سەنشىڭنىڭ بىر قەدەر ياخشىسى ھىساپلىندۇ،سىغىمى64GB كەلگەن ئوقۇش سۈرىتى 300M دىن كام بولمىغانلىرىنى ئىلىپ win7 ياكىxp قاچىلاپ قويسىڭىز قوزغىلىش سۈرىتى كۆپ يۇقىرى بولىدۇ.
ئاخىرىدا يەنە ئازراق دىققەت قىلىۋالدىغان جايلارنى يىزىپ قويۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
مەن يۇقىردا يازغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۈستەل كومپىيۇتۇرنىڭ تونۇشتۇرىلىشى،باشتا ئيتقىنىمدەك خاتىرە كومپىيۇتۇر مەڭگۈ ئۈستەل كومپىيۇتۇرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ،گەرچە ئوپمۇ ئوخشاش سەپلىمە،مەسىلەن ئۈستەل كومپىيۇتۇرىدا بار بولغان GT650m تىپلىق 显卡 خاتىرە كومپىيۇتۇردىمۇ بار،ئەمما 笔记本دىكى GT650لىق 显卡 ھەرگىزمۇ 台机 نىڭ GT420 نىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ،cpu مۇ ھەم شۇ،笔记本 نىڭ I7 3730 لىق 4يادرۇ 8 يۆلىنىشلىك cpu سى 台机 نىڭ I5 2310 لىق 4يادرولۇق cpu غا تەڭ بولالمايدۇ،چۈنكى 台机 نىڭ ھەممە قاتتىق دىتاللىرى 笔记本 نەچچە ھەسسە يوغان،توك بىسىمىمۇ نەچچە ھەسسە يۇقىرى(توك بىسىمى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى ئىشلەيدۇ،ئەلۋەتتە نامې تىخنىكىسىنى ھىساپقا ئالمىغاندا)،شۇڭا خاتىرە كومپىيۇتۇر ئۇ كىچىككىنە ئاجىز سەپلىمىلىرى بىلەن 台机نىڭ ئۇ يۇقىرى ئىش ئىشلەيدىغان قاتتىق دىتاللىرىغا مەڭگۈ يىتىپ بولالمايدۇ،ھەم تەننەرىخمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ،مانا بۇ چوڭ ئۈستەل كومپىيۇتۇرىنىڭ ھازىرمۇ يوقىلىپ كەتمەسلىكىنىڭ سەۋەبى،يەنە 台机 نىڭ ئىسسىقلىق تارقىلىشى خاتىرىگە قارىغاندا ئاز كەم 10 ھەسسە ياخشى،شۇنىڭ ئۈچۈن دوسلار،ئەگەر چوقۇم زۆرۆر مىڭىپ يۆتكەپ يۈرۈيدىغان ئىش بولمىسا ياخشى تاللىشىڭىز يەنىلا ئۈستەل كومپىيۇتۇرى،1000 يۈەنلىك خاتىرە كومپىيۇتۇر ھەرگىزمۇ ھەرگىز 3500 يۈەنلىك 台机 نىڭ رولىنى ئالالمايدۇ،ئۇنىڭدەك ياخشى ئىشلىمەيدۇ،شۇڭا دوسلار،ئەگەر ئويۇن دىگەننى دەھشەت ئوينايمەن،قەتتى قاتمايدىغان كومپىيۇتۇر قۇراشتۇرۇپ بىرىڭ دىسىڭىز 3500 ئەتراپىغا I5 نىڭ 3-ئەۋلات(يەنى 3دىن باشلانغان 4خانىلىقلىرى ھىساپلىندۇ،مەسىلەن I5 3450 i5 3470 دىگەندەك،ئۈستىدىكى رەسىمدىمۇ رەت تەرتىۋى بار)نى تاللاپ،显卡 ئۈچۈن GTX560 TI دىگەندەكلەرنى سەپلىسىڭىز كومپىيۇتۇرىڭىز ھەرقانداق ئويۇننى ھىچقانچە ھىچقانچە قىينالمايلا ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئوينىيالايسىز،بۇنداق سەپلىمىلىك كومپىيۇتۇرلار تىخى تورخانىلارغىمۇ ئاز كەم 1يىلدىن كىيىن سەپلىنىشى مۇمكىن(مەن ھازىرغىچە كۆرگەن ئەڭ يۇقىرى CPU سەپلەنگەن تورخاندا I3 3120 )شۇڭا ئاباي مەن دىگەنلەر ھەرقانداق ئويۇن ئوينىشىڭىزغا يىتىپ ئاشىدۇ،يەنە AMD نىڭ 8يادرولۇق،16يۆلىنىشلىك cpu دىگەنلىرىگە ئاخماق بولۇپ يۈرمەڭ،ئۇ 20 تال cpu سەپلىسىمۇ intel نىڭI5 CPU چېلىك ياخشى ئىشلىمەيدۇ،بىر قىتىۋالسا كومپىيۇتۇرنى قايتا قوزغاتمىغىچە ئىچلىمىغىنى ئىچلىمىغان.
يەنە ھىلىقى 一体机 كومپيۇتۇر دىگەندەك ئىكران بىلەن ئاساسى ماشىنا بىرلەشكەن كومپىيۇتۇرغىمۇ قاراپ قويماڭ،چۈنكى ئۇنىڭمۇ خاتىرە كومپىيۇتۇردىن ئانچە پەرقى يوق،سەپلىمىسى بەك تۆۋەن.
ئاندىن قالسا دوسلار ئەڭ سوراشنى ئۈمۈت قىلدىغىنى خاتالاشمىسام‹تور سۈرىتى قايسى قاتتىق دىتال بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟›دىگەن گەپ،شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىمەنكى كومپىيۇتۇرنىڭ تور سۈرىتىنى كومپىيۇتۇرنىڭ ھىچقانداق ھىچقانداق قاتتىق دىتالى زاپچاسلىرى بەلگىلىمەيدۇ،خىيال قىلسام بەزىلىرى 显卡سى يۇقىرى بولسا،يەنە بەزىلىرى 内存 دىگەندەك چۈشەنچە بىرىدىكەن،ئەمىلىيەتتە ئۇ نەرسىلەرنى 100 ھەسسەيۇقىرى كۆتەرسىڭىزمۇ كومپىيۇتۇرىڭىزنىڭ تور سۈرىتى ئەسلى ئاستا بولسا ئۇ ئاخىرقى ھىساپتا يەنىلا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەردە تور سۈرىتىڭىز 4M,8M بولۇپمۇ يەنە بەك ئاستا بولسا ئەڭ ياخشىسى تىلگىراف شىركىتىگە تىلفۇن قىلسىڭىزلا ئۇلار ئەڭ ياخشى،ئۈنۈملۈك تىزلەشتۈرۈپ بىردۇ.
ئاخىردا دوسلارنىڭ يەنە قاتتىق دىتالغا بولغان چۈشەنچىسى ئىنىق بولمىسا،سۇئالى بولسا مۇشۇ تىمامغا قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن،مەن چوقۇم قانائەت بولغانغا قەدەر چۈشەندۈرۈپ قويىمەن،يەنە ھەم قانچە پۇل ئەتراپىدا كومپىيۇتۇر قۇراشتۇرسام بولا دىگەن دوسلارنىڭ تارتىنماي تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن،ھەم شىنجىندىن ئەڭ ئەرزان باھادا قۇراشتۇرۇپ ئەۋەتىپ بىرىمەن.ئاخىردا يەنە دىققەت قىلماي قالغان جايلىرىم بولسا ھەرقايسى دوسلارنىڭ يىزىپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
باشقا مۇناسىۋەتلىك تىمىلىرىم:/space-uid-7574.html بەكمۇ ئىنىق چۈشەنچە بوپتۇ.
مەن بۇ تىمىڭىزنى پىرىنتىردا ئۇرۇپ چىقىرىپ خېرىدارلارغا ئۇقۇتۇپ قويسام بولغىدەك.
بەزى خىېردارلار ئادەمنىڭ ئىچىنى بەك سىقىۋېتىدۇ. G41-771主板بۇئاساسى تاختا قانداقراق بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز رەھمەت ، تولىمۇ تەپسىلى چۈشەنچە بىرىپسىز، بىلىېلىشقا تىگىشلىك ياخشى بىلىم بۇلۇپتۇ... بۇ تېمىنى يازغىنىڭىز غا كۆپرەخمەتجاپا تارتىپسىز مىنىڭ( amd7550 2.51سىپىيۇ ) 2جى نىسۈن2- ئەۋلات
قانداقراقكەن3- ئەۋلاتقائالماشتۇرۇشنىئويلاۋاتقان ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز؟ رەخمەت تىمىڭىزغا ، كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالدىم . katula يوللىغان ۋاقتى2013-2-8 12:51 static/image/common/back.gif
G41-771主板بۇئاساسى تاختا قانداقراق بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز...
ئەگەر كومپىيۇتۇرىڭىز سەپلەنگەن i3 دىن تۆۋەن cpu بولسىلا مۇقىم ئىشلىتىۋەرسىڭىز بولدۇ،باھاسى تۆۋەن سەپلىمىسى يۇقىرى،4يادرو قوللايدىغان،مۇقىملىغى يۇقىرى ئاساسى تاختا،بازىرىمۇ ھەم تولىمۇ ياخشى بولۋاتىدۇ،ئەمما يىڭى ئىلىشنى ئويلاشقان بولسىڭىز،مەنچە P8Z77 نى ئىلىڭ،كىيىنلەردە i5 i7لارغا ئۆستۈرۈپ قالدىغان ئىش بولسا،يۇقىرى تىپتىكى 显卡 لارغا ئۆستۈرۈپ قالدىغان ئىش بولسا G41-771 تونىمايدۇ،يەنە 3.0 usb ئىغىز دىگەنلەرنىمۇ قوللىمايدۇ. ablimitjan158 يوللىغان ۋاقتى2013-2-8 13:13 static/image/common/back.gif
بۇ تېمىنى يازغىنىڭىز غا كۆپرەخمەتجاپا تارتىپسىز مى ...
سەل كونىراپ قاپتۇ،مەنچە بولسا amd نىڭ 速龙ii x4 631 غا ئالماشتۇرۇڭ،ھەرقانداق ئويۇنىڭىزدىن چىقالايدۇ. muj@hit يوللىغان ۋاقتى2013-2-8 13:36 static/image/common/back.gif
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز؟
باش سۆرەتنىڭ ئۈستىدىكى 疯孓ㄖ记 دىگەننى باسسىڭىز باشقا تىلفۇن ئىلىشىپ بىرىمەن دىگەن تىمامدا بار ئالاقىلىشىش ئۇسۇلۇم. omak007 يوللىغان ۋاقتى2013-2-8 14:15 static/image/common/back.gif
رەخمەت تىمىڭىزغا ، كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالدىم .
ھىچقىسى يوق دوستۇم. كىشلەرگە ھەققىي نەپ بېرىدىغان ياخشى تېمىكەن.
مەردانجان دوستىمىزنىڭ مۇشۇنداق بىلىم خاراكتىرلىك تېمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ! سىزدەك ھەم بىلىملىك، ھەم بىلىمىنى ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدىغانئەزىمەتلەرگە موھتاج بىز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇراخۇن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-2-8 16:56
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم، بىلىمىڭىزنى پەقەتلا يوشۇرماپسىز. سىز مۇشۇ بىلىملەرنى نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ ئاران ئۆگەنگەن بولغىيتىڭىز ھەقاچان. يەنە كېلىپ مۇشۇ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان تېمىڭىزنى بىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن سائەتلەپ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغانسىز-ھە! ھەقىقەتەن سېخى، مەرد ئىكەنسىز. ئاللاھ تېنىڭىز سالامەت، ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن!
بۇ قېتىم مېنىڭ تەلىيىم ئوڭدىن كېلىدىغان ئوخشايدۇ. چۈنكى سىزنىڭ بۇ تېمىڭىز مەن دەل كومپيۇتېر ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقان پەيتكە توغرا كەپقالدى. مۇشۇ پۇرسەتتە مەن سىزنىڭ مەن ئۈچۈن يەنە ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، ماڭا ئوبدان بىر كومپيۇتېر تاللىشىپ بېرىشىڭىزنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.
مەن ھازىر پۇلىسى 2500 دىن 3000 غىچە بولغان خاتىرە كومپيۇتېر ئالماقچىدىم. ئەمما مەن كومپيۇتېرنىڭ ماركا ۋە سەپلىمىلىرىنى ئانچە چۈشەنمىگەچكە قانداق ماركىلىق، قانداق سەپلىمىلىك كومپيۇتېر ئېلىشنى پەقەتلا بىلەلمەيۋاتىمەن. مەن بىر يىلنىڭ ئالدىدا ئالدىراقسانلىق قىلىپ، سىلەردەك ئۇستازلاردىن مەسلىھەت سورىمايلا كومپيۇتېر بازىرىغا كىرىپ، 3900 كوي باھا چاپلاغلىق كومپيۇتېردىن بىرنى كۆرۈپ، بۇ كومپيۇتېرنىڭ باھاسىنىڭ يۇقۇرىلىقىغا قارىغاندا سەپلىمىلىرى يۇقىرى، ياخشى كومپيۇتېرئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ باھا تالىشىپ يۈرۈپ 3100 كويغا ئالغانتىم، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ياخشى چىقماي قالدى.تېخى ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا بىكاردىن باشقا پەقەتلا قوزغالمايدىغان بولۇپ قېلىپ شىنجىن دىكى باش زاۋۇتىدا 20 نەچچە كۈن يېتىپ، داۋالىنىپ كەلدى. تېخى ھازىرمۇ بىر قىسىم كاشىلىلىرى مەۋجۇت. شۇڭا مەن بۇ قېتىم باشقا بىر خاتىرە كومپيۇتېر ئالاي دەپ ئويلىشىۋاتقانىدىم. ساندۇق كومپيۇتېر ئالاي دېسەم مېنىڭ خىزمىتىمگە پەقەتلا قولايسىز بوپقالدى. شۇڭا ئېغىر كۆرمەي ئۆزىڭىز ياخشى دەپ قارىغان خاتىرە كومپيۇتېردىن بىر-ئىككىنى ۋە ماركىسى، سەپلىمىسى دېگەندەكلەرنى ۋە ھازىرقى بازار باھاسىنى تونۇشتۇرغان بولسىڭىز.
ھە راست، مەن ھازىر ئىچكىردە بولغاچقا كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىلىرىنىڭ ئاتالغۇلىرىنى ئۇيغۇرچە يېزىپ بەرسىڭىز خىتايلارغا چۈشەندۈرەلمەي قالىمەن، شۇڭا «开始 \ 运行» ئارقىلىق كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىلىرىنى تەكشۈرگەندە ئېچىلىدىغان كۆزنەكتىكى سەپلىمە ناملىرىنىڭ ئىنگىلىزچە خېتى بار يەرلىرىنى ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە خېتى بار يەرلىنى خەنزۇچە، رەقەملىك يەرلىرنى رەقەم بويىچە تونۇشتۇرغان بولسىڭىز. مەن سىز يېزىپ بەرگەن بۇ تونۇشتۇرۇش خېتىنى بىر پارچە بېسىپ چىقىرىپ، كومپيۇتېر بازىرىغا بارغاندا كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىلىرىنى شۇ قەغەزدىكى تونۇشتۇرۇشقا سېلىشتۇرۇپ تاللىماقچى ئىدىم. سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي. پاھ پاھ پاھ پاھ كارامەت ياخشى تىمىكەن ماڭا بەك چوڭ پايدىسى تىگىدىغان بولدى جۇما رەخمەت سىزگە مەن سىز نى ئىز دەي ماڭا كومپىيۇتېر ئېلىشىپ بىرىڭە خۇدا خالىسا شۇنداق قىلايلى راسچچ رىڭىزنى قالدۇرۇپقۇيىڭە