alip يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 17:32:51

Windows 7 نىڭ ئۇيغۇرچە خېتىنى چىرايلىق قىلىش

Windows 7 ئەسىلدىكى ئۇيغۇرچە خەتلىرى XP گە قارىغاندا ياخشىراق بولسىمۇ، تازا چىرايلىق ئەمەس. XPنىڭ ئۇيغۇرچە خېتىنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن ماۋۇ تېمىدىكى ئامالدىن پايدىلىنىپ، سىستېما فونتلىرىنى مەجبۇرى ئۇيغۇرچە فونتقا ئالماشتۇرۋەتكەن ئىدۇق. Windows 7 گە ئۇ چارە ئاقمايدىكەن. ھەم سىستېما فونتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قائىدىسزلىك بولۇپ، ئامالسىزلىقتىن بولغان ئىش.
Windows 7 گە سىستېما فونتىغا چېقىلماي تۇرۇپ ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق كۆرسىتىشنى نىسبىي ھەل قىلغىلى بولىدىكەن.






قانداق بولامدىكەن؟ سىلەرمۇ كومپىيۇتېرىڭلاردىكى Windows 7نىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىرىنى ئاۋۇ رەسىمدىكىدەك چىرايلىق قىلماقچى بولساڭلار تۆۋەندىكىدەك قىلىڭلار.
ئاۋۋال ماۋۇ يەردىن ukij tuz tom نى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭلار.
http://www.ukij.org/fonts/fonts/UKIJTuT.ttf

UKIJTuT.ttf نى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىدا چېكىپ 安装 نى باسسا ياكى c:\windows\fonts قا كۆچۈرۈپ قويسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ukij tuz tom ئىلگىرى قاچىلاغلىق بولسا بۇ مەشغۇلاتنى قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ.
ئەمدى تۆۋەندىكى ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلدۇرساڭلارلا ئىش تامام. ئېكران رەسىملىرىNASA تارتقان ئالەم بوشلۇقىنىڭ رەسىملىرىگە ئالماشسا مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ. (پەخىرلىك ئالىمىمىز ئەركىن سىق ئەپەندى ياسىغان تىلىسكوپتا تارتىلغان رەسىملەرمۇ تېخى ;P)



ئەسكەرتىش: بۇ ھۆججەتنى ئالىپ تورىغا ئەزالىق نامىدا كىرسىڭىز ئاندىن چۈشۈرەلەيسىز.

بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۇيغۇرچە فونت خەت نۇسخسى يۇمشاق دېتال تەرىپىدىن بېكىتىۋېتىلگەن بەزى كۆزنەكلەرنىڭ خەت نۇسخسىغا تەسىركۆرسىتەلمەيدىكەن. يەنى، ئەسلى پېتى تۇردىكەن. ئۇنى مەن ماۋۇ تېمىدا تونۇشتۇرغان ئۇسۇل بويىچە شۇ دېتالنىڭ خەت نۇسخىسنى مەجبۇرى ئۆزگەرتىۋەتسەك بولىدۇ.مىكروسوفىت Micorsoft Yahei غا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى قوشماقچى بوپتىكەن. شۇ پۈتسىغۇ بۇنداق ئاۋارىچىلىقلارمۇ بولمايتى.
بۇ ئۇسۇلنى ئىشلەتمەي، ئەلكاتىپ 5.6 نى قاچىلاپ، كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ، ئېكران خاسلىقىنى تەڭشەيدىغان يەردىن تىزىملىك قاتارلىق ھەر قايسى يەرلەرنىڭ فونتىنى بىر-بىرلەپ ئەلكاتىپقا ئۆزگەرتىپ چىقسىمۇ بولىدىكەن. بۇ مەن ياسىغان تېما ھۆججىتىنى قاچىلاشقا قارىغاندا سەل ئاۋارىچىلىقكەن.
يەنە باشقا ئۇسۇلنى بىلدىغانلار بولسا مەرھەمەت...

بەڭۋاش_ك يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 13:40:09

musajan1 يوللىغان ۋاقتى2014-3-28 19:05 static/image/common/back.gif
ئەسلىدە ىەنزۇچە سېستىمنى قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى...

ئۇنى ئۆزىڭىز قىلىسىز..

Shahdiyar يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 17:41:02

ئالامەت پەيزى ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز.
ياخشى. داۋاملىق تىرىشىڭ. قوللايمىز.

muallim يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 19:25:11

udun يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 19:55:42

مانا ماۋۇ بەلەن ئىش بوپتۇ ئەينا مەن ئالدىنقى قېتىم سىزدىن سورىغانيا مۇشىنى مانا بۈگۈن ھەل بوپتۇ ، رەخمەت ماخما سىزگە.

taxna021 يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 23:04:12

ئەقلىڭىزگە بارىكاللا ،،،تېخىمۇ تىرىشىڭ!:)

abla123 يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 23:51:20

رەھمەت سىزگەئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشتىڭىز !!!رەھمەت سىزگە

owchi يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 02:41:39

رەھمەت. ئېسىل ئىش بولدى.

owchi يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 02:43:38

رەسىملەرگە قارىسام، سېستىمىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋالغاندەك قىلىسز... ھەۋەس بىلەن قاراپ قالدىم. بۇنىڭ ئۇسۇلىنى دەپ بېرىشكە بولامدۇ؟

omar يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 08:45:28

ھەي   ئۇستاز سىزگە   قايىلبولمايتۇرالمايمەن   ،
مېنىڭبىرپىكرىم   ئالىپتوربىتنىسەلباشقىچىراق   ئۆزگەرتىپتىخىمۇتەرەققىقىلدۇرساق دەيمەن

umid يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 10:44:07

گوگىلدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى قانداق تەڭشىدىڭىز..

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 11:40:27

owchi يوللانغان ۋاقتى2011-4-26 02:43 static/image/common/back.gif
رەسىملەرگە قارىسام، سېستىمىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلا ...

ئۇسۇلنى دەپ بەردىمغۇ، مەن دېگەندەك قىلىپ، ئاندىن سىستېمىڭىزدىكى ھۆججەت نامى ۋە باشقا يەرلىرىنى خالىغانچە ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئاۋۇ رەسىمدىكى ئۇيغۇرچە winrar نى پات ئارىدا تارقىتىمەن.

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 11:41:37

omar يوللانغان ۋاقتى2011-4-26 08:45 static/image/common/back.gif
ھەي   ئۇستاز سىزگە   قايىلبولمايتۇرالمايمەن   ،
مېنى ...

قانداق ئۆزگەرتىمىز، قانداق تەرەققىي قىلدۇرىمىز؟
پىكىر بولسا ئايىماي بېرىڭ. مۇۋاپىق دەپ قارىساق قوبۇل قىلىمىز.

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 11:43:08

umid يوللانغان ۋاقتى2011-4-26 10:44 static/image/common/back.gif
گوگىلدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى قانداق تەڭشىدىڭىز..
بىرەرسى مۇشۇنداق سورىمايدۇ دەپ ئويلاۋاتاتتىم. بۇنى سىزلا ھەقىقى ئىشلىتىپ باققان ئوخشايسىز
گوگىلنىڭ ئۇنداق كۆرۈنۈشى ie9 نىڭ كارامىتى.



يۇقارقى رەسىمدىكىدەك تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. ھەرقانداق تور بەت سىز تەڭشەپ قويغان فونتتا كۆرۈندۇ. eotقا بېقىنمايدۇ. ie8 دىمۇ بولىدۇ.
ie.css نىڭ مەزمۇنى*{ font-family: ukij tuz tom;}

era13 يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 12:11:02

رەھمەت ، كۆڭۇل قويغان ئادەمگە ، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە دىگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك !:P

Beles يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 12:24:14

ماۋۇمۇ پەيزى ئۇسۇلكەن ، مەن ئلگىرى Microangelo On Display دىگەن بۇ دىتال بىلەن Windows Vista ۋە Windows 7نىڭ سېستىما خەت نۇسقىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئشلىتىۋاتقان ئدىم ، بۇ دىتال شۇنداق كىچىك ، ئەپچىل يېشىل دىتال ئكەن ، خەت نۇسقىسىدىن باشقا يەنە ھەر قانداق جايدىكى ئايكونلارنىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدىكەن . قىززىقانلار بولسا سىناپ كۆرسەڭلار بولغۇەك .
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9
: Windows 7 نىڭ ئۇيغۇرچە خېتىنى چىرايلىق قىلىش