alip يوللانغان ۋاقتى 2011-4-12 12:36:05

ئۇيغۇرچىلاشتۇردىغان دېتالنىڭ خەت نۇسخىسنى ئۆزگەرتىش

يۇمشاق دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن خەت نۇسخىسنى تەڭشەش باش ئاغرىتىدىغان مەسىللەرنىڭ بىرى. خەت نۇسخسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىسە ئۇيغۇرچە خەت سەت ھەم كىچىك كۆرۈندۇ. بەزىدە تېخى ھېچنىمە كۆرۈنمەي سىزىقسىمان، كاتەكسىمان بەلگىلەر كۆرۈندۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.


Windows XP دا بۇ مەسلىنى ماۋۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلغان ئىدۇق.
Windows7 دە ئۇ ئۇسۇل ئاقمايدىكەن. يەنى سىستېما خەت نۇسخسىنى خالىغانچە ئالماشتۇرغىلى بولمايدىكەن. شۇنداقلا سىستېما خەت نۇسخىسنى ئۆزگەرتىۋېتىش توغرا ئۇسۇل ئەمەس. مەن ئىزدىنىپ يۈرۈپ بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تاپتىم.
مەن ئالدىنقى قېتىم تونۇشتۇرغان Sisulizer دا يۇمشاق دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، خەت نۇسخىسنىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدىكەن.
Sisulizer نى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۇسۇلنى ماۋۇ تېمىدىن ۋە ماۋۇ تېمىدىن كۆرۈڭ.
Sisulizer ئىشلىتىشنى ئۆگىنىپ بولغان بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىڭىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان دېتالنىڭ خەت نۇسخىسنى خالىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا توغىرلىيالايسىز.
نورمال ئەھۋالدا Sisulizerدا خەت نۇسخىسنى ئۆزگەرتىدىغان يەر كۆرۈنمەيدۇ.Sisulizer نىڭ تىزىملىكدىن编辑源<-工程 -> مەنبە ھۆججەتنى بېسىڭ. بۇ چاغدا Windows 二进制源 رامكىسى ئېچىلدۇ، 排除类型 بەتكۈچىدىكى 字体 نىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسنى ئېلىۋېتىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك


جەزملەشنى بېسىپ Sisulizerنىڭ ئاساسى كۆزنىكىگە قايتىپ چىقساق خەت نۇسخىسنى ئۆزگەرتىدىغان يەر كۆرۈندۇ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك


ئەمدى ھەر قايسى كۆزنەكلەرنىڭ خەت نۇسخىسنى خالىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسىغا ئۆزگەرتىۋالساق بولىدۇ. بۇنداقتا ھەر بىر كۆزنەكنى ئايرىم-ئايرىم ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدىكەن. ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان دېتالنىڭ ھەممە يېرىنىڭ خەت نۇسخىسنى بىراقلا ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكىدەك قىلىڭ.
ئالدىنقى باسقۇچتىكى Windows 二进制源 رامكىسى ئېچىلغان ۋاقىتتا 字体 بەتكۈچىنى بېسىپ 改变字体 تۆۋەنگە تارتىلغان تىزىملىكىدىن 总是 نى تاللايمىز. ئاندىن 被使用的字体 رامكىسىدىكى «تەھرىرلەش» نى بېسىپ، بىز ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسى خەت چوڭلۇقىغا توغىرلاپ قويساق بولىدۇ. مەسلەن: Ukij Tuz Tom . يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك


جەزملەشتۈرۈپ، ئاساسى كۆزنەككە قايتىپ چىقىپ، F6 نى بېسىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان قۇرلۇش ھۆججىتنى ھاسىللاپ، ھاسىللىغاننى ئىجرا قىلدۇرۇپ كۆرۈپ باقايلى، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان دېتالنىڭ خەتلىرى بىز تەڭشەپ قويغان Ukij Tuz Tom نۇسخسىدا كۆرۈندۇ. يەنى تۆۋەندىكى رەسىملەردىكىدەك






musulman يوللانغان ۋاقتى 2011-4-13 00:01:41

ماڭابۇتىمىدىكىرەسىمدىكىماۋۇئۇيغۇرچە پىرىسلاش دىتالىنى ئەۋەتىپ   بەسەڭلامەن بۇنى قاچىلاپ ئىشلەتسەمبوپتىكەنمەنكومپىيوتىرنى ئامالبار ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلىتىشنى ياخشى كۈرىمەن

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-4-13 10:14:48

ئۇ تېخى پۈتمىدى. پۈتكەندە تارقىتىلدۇ.

omar يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 09:50:59

ساقلايمىز   ،   

karwan8899 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-2 14:18:19

قاچان پۇتە ئالىپكا

hakker773 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-6 14:57:49

anka يوللانغان ۋاقتى 2011-7-6 23:11:49

شۇڭا دەيمەن قاچان پۈتەئەمدى.

ئەرقۇت يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 00:27:32

جاپا چەكتىڭلا

parixan520 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-26 18:57:34

yMiSKiNy يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 19:18:36

مىنىڭ ئۇنداق قىلساممۇ بولمىدى

zilal99 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 18:21:18

dilqi يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 18:49:10

مۇمكىن بولسا، روم تەرجىمە قىلىدىغان دېتاللارنىمۇ ئورتاقلاشساق...

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 20:19:06

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئاللاھ ئىشىڭلارنى ئاسان قىلسۇن!!

Panjir يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 04:19:24

قايسىڭلار دا Microsoft·uyghurفونىتى بار ، بولسا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار
bugra@126.com

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2012-2-8 11:22:38

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؛
تىمىڭىز پۈتتىمۇ؟!
بەت: [1] 2 3
: ئۇيغۇرچىلاشتۇردىغان دېتالنىڭ خەت نۇسخىسنى ئۆزگەرتىش