«ئالىپ» نىڭ مەنىسى ھەققىدە ياردەم سورايمەن!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق بۇرادەرلەر.مەن بۈگۈن مۇنداق بىر سۇئالنى بېكىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىپ ئەنۋەر ئاكامدىن سورىماقچى.
مەن مۇشۇ ئالىپ دىگەن سۆزنى يېقىندىن بۇيان تولا ئۇچرىتىدىغان بوپقالدىم.
لېكىن مەن مۇشۇ سۆزنىڭ قايسى مەنانى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم. بىلىشىمچە بۇرۇن بىلىك كۇلۇبىدىكى ئوغلانلار ئۇيغۇرچەxp ئىشلىگەندە گۇرۇپپا نامىنى ئالىپلار نامى بىلەن ئاتىغان . كېيىن بۇ گۇرۇپپا تارقالغاندىكىن كېيىن گۇرۇپپا ئەزالىرى داۋاملىق ئالىپ نامىنى تورلاردا قوللىنىپ كەلگەن.
بۇندىن باشقىمۇ يەنە بىرقىسىم تارىخى كىتاپلاردا....ئالىپ .....ئالىپ دىگەندەك ئىسىملار كۆزگە چېلىقىدىكەن.
مەن بۇ نامنى تولا ئاڭلىدىم لىكىن زادى قايسى تىلغا تەۋە ئۇقۇم قايسى مەنانى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ ؟
شۇنى بىلىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللىدىم.
شۇ باھانادا مەندىن باشقابۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارغا قىزىدىغان بۇرادەرلەرمۇ بىلىۋالسۇن دەپئاتايىن تېما يازدىم . (ئەسلى چ چ دا ئالىپكامدىن بىۋاستە سوراشمۇ قولۇمدىن كېلەتتى)
قېنى ئالىپكا بۇ سۇئالغا قانائەتلىنەرلىك بىر جاۋاپ بەرسىڭىز!
ئالىپ سۆزىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ئىزاھاتى
باتۇر، قەھرىمان. ئالپ ياغدا ئالچاق چوغدا _ باتۇر يېغىدا بىلىنەر، ئالچاق جاڭجالدا. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: ئالچ ئەرتوڭا ئۆلدىمۇ ئېسىز ئازۇن قالدىمۇ ئۆزلەك ئۆچىن ئالىدىمۇ ئەمدى يۈەك يىرتىلۇر {ئالپ ئەرتوڭا ئولدىمۇ؟ يامان دۇنيا قالدىمۇ؟ پەلەك ئوچىنى ئالدىمۇ؟ ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر.} خاقان ئافراسىياپ ئولدىمۇ؟ بىۋاپا دۇنيا ئۇنىڭدىن قۇتۇلدىمۇ؟ پەلەك ئۇنىڭدىن ئوچىنى ئالدىمۇ؟ ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن زامانغا نەپرەتلىنىپ، يۈرەكلەر پارە - پارە بولماقتا.
ئەڭ مەشھۇر قەھرىمان ئەجدادىمىز- ئالىپ ئەرتۇڭا
ئىران ۋە تۈرك رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلغان ئەفراسياپ مىلادىدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن ئۆتكەن ئەڭ مەشھۇر قەھرىمان ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇنى ئەجداتلىرىمىز ئالىپ ئەرتۇڭا دەپ ئاتىغان .ئالىپ ئەرتۇڭا مىلادىدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن ، ئەجداتلىرىمىز ئوتتۇرا ئاسىيادىن قارا دېڭىز بويىغىچە سوزۇلغان كەڭ تىرىتورىيىدە قۇرغان ساك ئىمپىرىيىسىنىڭ مەشھۇر قاغانى بولغان . بۇ ئىمپىرىيىنى ئىرانلىقلار تۇران دەپ ئاتىغانىدى . بۇ دۆلەت مىلادىدىن بۇرۇنقى يەتتە ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىنىڭ 2-ئەسرىگىچە ھۆكۈم سۈرگەن . تۇران قاغانى ئالىپ ئەرتۈڭا ھەققىدىكى مەلۇمات ئەڭ ئاۋال ئاتەشپەرەسلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابى <<ئاۋىستا>>دا بېرىلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئۇ توران پادىشاھى ئەفراسياپ دەپ ئاتالغان ، ئۇلۇغ پارىس شائىرى ئۇبۇلقاسىم فىردەۋىس غەزنەۋىلەر سۇلتانى مەھمۇت غەزنەۋى (مىلادىنىڭ 997-يىلدىن 1030-يىلغىچە سۇلتان بولغان) نىڭ تاپشۇرىقى بويىچە يازغان ئۆزىنىڭ <<شاھنامە>> ناملىق داستانىدا ، ئەفراسياپنىڭ ئىران پادىشاھى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى ھەققىدە ناھايىتى كۆپ جايدا توختالغان . مەھمۇت قەشقىرىنىڭ <<تۇركىي تىللار دىۋانى >>دا بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا ، ئالىپ ئەرتۇڭا ھاۋاسى ياخشى بولغان ئوردۇكەنىت (قەشقەر) تە تۇرغانىكەن . بۇچاغدا ، كۈچلۈك پارىس ئىمپىرىيىسى ۋۇجۇتقا كەلگەنىكەن . مىلادىدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن ، ئىران ئەھمانىلار سۇلالىسى (مىلادىدىن 700 يىل بۇرۇنقى ۋاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 300 يىل بۇرۇنقى چاغقىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) نىڭ پادىشاھى كەيخىسراۋ (مىلادىدىن 633 يىل بۇررۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 584 يىل بۇرۇنقى چاغقىچە پادىشاھ بولغان ) ئەفراسياپنى مەغلۇپ قىلغاندا ، ئەفراسياپ شەرىققە چىكىنىپ ئالتاي ئەتراپلىرىغىچە كەلگەن . كېيىن ئەفراسياپ ئۆز دۆلىتىنىڭ غەربىي قىسىملىرىغا قايتىپ كېلىپ ، مىلادىدىن 625 يىل بۇرۇن ئەزەربەيجاندا ئىرانلىقلار بىلەن يەنە تۇتۇشقان . ئۇ بىر جەڭدە ، مۈكۈنۈپ ياتقان ئىران ئەسكىرىنىڭ ئاتقان ئوقى بىلەن ئۆلگەن .
ئالىپ ئەرتۇڭا تارىختا راستىنلا ئۆتكەن رىئال شەخسمۇ ؟
بىز ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ تارىختا راستىنلا ئۆتكەن قەدىمكى ئەجدادىمىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارغا ئىگە . م . قەشقىرىنىڭ <<تۇركىي تىللار دىۋانى >> دا ئالىپ ئەرتۇڭا توغرىسىدىكى ماتەم قوشاقلىرىنىڭ پارچىلىرى كەلتۈرۈلگەن :
ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ ،
يامان دۇنيا قالدىمۇ .
پەلەك ئۆچىنى ئالدىمۇ ،
ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر .
ئەل بۆرىدەك ھۇۋلاشتى ،
يىرتىپ ياقا يىغلاشتى .
پەريات چېكىپ دادلاشتى ،
كۆزلەر ياشقا قاپلىنۇر .
ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ ماتىمىگە يېتىپ كەلگەن بەگلەرنىڭ شۇ چاغدىكى روھىي ھالىتىگە بېغىشلانقان قوشاقتا مۇنداق دېيىلگەن :
بەگلەر ئېتىنى ھارغۇزدى ،
قايغۇ ئۇلارنى تۇرغۇزدى .
مەڭزى ، يۈزى سارغايدى ،
سۈرتۈلگەندەك زەپىران .
ئۇيغۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ << قۇتادغۇبىلىك>> داستانىدا ئالىپ ئەرتۇڭا توغرىسىدا مۇنداق يازغان :
276 . بۇ تۈرك بەگلىرىگە سېلىنسا نەزەر ،
جاھان بەگلىرىنىڭ ياخشىسى شۇلار .
277 . بۇ تۈرك بەگلىرىدىن ئېتى بەلگىلىك ،
تۇڭا ئالىپ ئەر ئىدى بەختى بەلگىلىك .
278 . ئىلىمدە بۈيۈك ، كۆپ پەزىلەتلىك دىلى ،
بڭلىملىك ، ئەقىللىق ، خەلىقنىڭ خىلى .
279 . ئىدى ئۇ مەردانە ، زېرەك ئەر ئوغلان ،
دۇنياغا زېرەكلەر بولۇر ھۆكۈمران .
280 . تاجىكلار ئۇنى دەيدۇ ئەفراسياپ ،
ئافراسياپ تۇتتى ئەلنى يەڭ شىماشكاپ .
تاجىكلار كىتاپتا پۈتۈپتۇ ئۇنى ،
كىتاپقا پۈكمىسە كىم ئۇققاي ئۇنى .
ئالىپ ئەرتۇڭا ھەققىدىكى بۇ پارچىلار ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ تارىختا ئۆتكەن ھەقىقى قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئۇلۇغ قاغانلىرىمىزدىن بىرى بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .
ئالىپ ئەرتۇڭا مىلادىدىن 625 يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، تۇران دۆلىتى (ساكلار دۆلىتى) گە ئامورغ ، تۇمارىس ، <<شۇ>> ئاتلىق قاغانلار يىتەكچىلىك قىلغان.
ئالىپ دېگەن گەپ شۇنىڭدىن كەلگەن. بىلىك كۇلۇبىدىكى ئۇيغۇرچە قوشۇلغان گوست xpنى ياسىغۇچى، ئالىپ دېگەن ئىسمنى باشقىلارئىشلىتىۋالغان بولغاچقا ئالىپلار دەپ ئىشلىتىپتىكەن.مەنمۇ بۇ تارىخنى ئوقۇغاندىن باشلاپ ئاشۇ ئۇلۇغ ئەجدادىمىزنى ئەسلەش، سىزگە ئوخشاش بۇ نېمە گەپ دېگۈچىلەرگە بۇ تارىخنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن بۇ نامنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. رەھمەت مەن ئاخىرى بىلىۋالدىم ئۇزۇندىن بۇيان ئولاپ يۈرگەن سۇئالنىڭ جاۋابى چىقتى.
ئەمدى يەنە بىر ئىش چىقتى:
كەمىنە 1يىل بولدى مۇشۇ كۆرەش نامىنى ۋە ئاۇ ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ سۇرىتىنى ئىزچىل ھەممە مۇنبەر(مەن تىزىملاتقانلا بولسام)
ۋە چ چ قاتارلىىقلاردا ئىشلىتىپ كەلدىم .چۈنكى مەن ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئەنە شۇ ئالىپ قەۋمىنىڭ سەلتەنى يوقالغان كۈندە. بىز ئەركەكلەر چوقۇم مەلۇم بىر ساھەدە مۇشۇ قەۋم ئۈچۈن كۆرەغش قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايتىم.
لىكىن بۇ نامنى مەندىن بۇرۇن بىرەيلەن ئىشلىتىپتىكەن .يەنە كىلىپ ئۇمۇ مەندەك symbian ھەۋەسكارى بولۇپ
كۆپ ھاللاردا باشقىلار مىنى شۇبۇرادەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ قالدى .ياكى سىز شۇمۇ دىگەندەك سۇئاللار چۈشكەچ تۇردى،
كىيىن ئۇ بۇرادەر بىلەن مەۋھۇم دۇنيادا ئەسرا بولدۇق. خېلى يېقىن دوسلاردىنمۇ بولدۇق.ھازىر ئۇ كۆرەش دىگەن نامنى ئىشلەتمىدى لىكىن مەن نىمىشقىدۇر مەن باشىقلارنىڭ تونىدا يۈرگەندەك بوپقالدىم.
شۇڭا مۇمكىن بوسا سىز ماڭا ئاشۇ يولۋاسنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرغان .شەرەپلىك تارىخنىڭ قالدۇرغۇچلىرى بولغان ئەجدادلار تىزىملىكىدىن ، بىر نام تاللاپ بەرسىڭز.
مەنمۇ ئەجدادىمنىڭ ئەۋلادى بوغاندىكىن .باشقىلار سورىسا ھە ماۋۇ پالانىننڭ نامى ئۇ مۇنداق كىشى ئىدى دەپ ئەجدادىمدىن پەخىرلىنىپ يۈرەي.
تاللىغان ئىسىمنى بۇيەردە ئاشكارىلۋەتمەيچ چ دا دەپ بىرەسىز.
ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .يەنە بىر قېتىم ياردەم قىلىڭ ئەمدى.
بىكا مەن كىچىك ئالپ بولىۋالماي ھى ھى ھى ھى:loveliness: «كۆرەش»نى «كۈرەش»كە ئۆزگەرتسىڭىزلا بولىدۇ. مەنىسى ياخشى گەپ بۇمۇ.
ئىزاھات: ئالىپ قەۋمىنىڭ سەلتەنىتى تېخى يوقالمىدى. ھەم يوقالمايدۇ. ياشاڭ ئالىپكا! ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن!!! بەرىكەتلىك قىلسۇن!!! ئالىپ ئەپەندى، مۇشۇ ئالىپ سۆزىگە بەرگەن بايانىڭىزنى ئاساس قىلغان ھالدا بۇ تىمىنى نادىر تىما قاتارىغا قۇشۇپ قويساق بۇلاتتى. ۋوي بۇ يەردە بەس مۇنازىرلەر قىزىپ كىتىپتىغۇ ... ئەسلى مۇنداق كەندە ... مەنمۇ شۇنداق پەزەز قىلغان بۇرۇنلا ... بولمىسا مەن سورار ئىدىم نىم گەپ دەپ :P ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئۇيغۇرچىسىنى يازغاندا «ئالپ» دەپ ئالساق قانداق، تور نامىنى مۇشۇنداق قوللىنىۋەرمەيمۇ ئامال يوقكەن، بۇ ئېسىل نام alp نى باشقىلار ئېلىۋاپتۇ، بۇ تەكلىۋىمنى ئالپ ئەپەندى ئويلىشىپ كۆرسە، بۇ ئىملا مەسىلىسىنى تۈزىتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. ئەنقا ئەپەندىنىڭ پىكىرى ئورۇنلۇق. ئەمما مەن دەسلەپتە ئوقۇغان كىتاپلاردا ئالىپ ئىدى. كېيىن تۈركىي تىللار دىۋانىغا قارىسام سىز دېگەندەك ى ھەرىپى يوقكەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتكا قائىدىسى بويىچە بولغاندا ئالىپ دېگەن سۆز ئىككى بوغۇم بولۇشى كېرەك. شۇنداق ئىشلىتىۋېرەي بولدى. مەنمۇ بىلىۋالدىم مانا:D:D:D:D;P مۇنداقكەندە ئەسلى... بىلىۋالدىم مەنمۇ ئىشلەتكەنتىم ئۇيغۇر ئالىپ دەپكىينئالىپكام بىلەن تونۇشقاندىن كىيىن مەن ۋاز كەچتىمئەسلى مۇنبەر ۋە چ چ ۋە م س ندىگەندەك نەرسىلەردەمەن ئىشلەتكەن بۇ ئىسىمنى كىيىن ئالىپكام بىلەن تەڭ بوپ قاپتىكەن مەن ۋاز كېچىپئەسلىئىسمىمنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدۇم ، رەھمەت ئالىپكا ھارمىغايسىز
بەت:
[1]