دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
1. يۇنىكودنى قوللايدىغان دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كېرەك2. ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى يۇمشاق دېتالدا تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، چۈشىنىشلىك، ئىخچام قىلىشقا كۈچىشىمىز لازىم.
3. چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىشتە لۇغەتتىكىسنى، تىل-يېزىق كومېتىتى تەرىپىدىن قېلىپلاشتۇرغان ئاتالغۇلارنى ئاساس قىلىمىز. ئومۇملاشقان، ئېنگىلىزچىدىن كىرگەن سۆزلەرنىمۇ مۇۋاپىق ئىشلەتسەك بولىدۇ. مەسلەن: كومپىيۇتېر، دېسكا دېگەندەك؛ مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە ياسىلىپ، كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلغان ئاتالغۇلار بولسا ئۇنىمۇ ئىشلىتىمىز. مەسلەن: غەملەك، تىزگىنەك، ئارخىپ، ئې خەت، ساندان... دېگەندەك
دۇنيادا 100 پىرسەنت ساپ تىل يوق. ھەممىنى چوقۇم ئۇيغۇرچە قىلىمىز دەپ تۇرۋالساقمۇ بولمايدۇ. باشقا تىلدىن مۇۋاپىق سۆز قوبۇل قىلىش تىل تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان قەدەم. ئېنگىلىز تىلى، خەنزۇ تىلى قاتارلىق دۇنياۋى چوڭ تىللاردىمۇ نەچچىلىگەن سۆزلەرنى باشقا تىلدىن قۇبۇل قىلىپ تۇرىدۇ.
4. ئۇيغۇر تىلى لۇغىتىدە زادىلا يوق سۆزلەر بولسا گۇرۇپپىدىكىلەر بىلەن كېڭىشىپ يېڭى ئاتالغۇ ياسىساق ياكى قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن قوبۇل قىلساق زادى بولمىغاندا ئېنگىلىزچىسنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.
قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن ئاتالغۇ قوبۇل قىلىشتا ئاۋال ئۆزبېكچىدىن، ئاندىن تۈركچىدىن... قوبۇل قىلىشنى ئويلاشساق بولىدۇ.(مەن يىغىپ قويغان ئۆزبېكچە، تۈركچە يۇمشاق دېتال ئاتالغۇلىرى بار)
5. ئېنگىلىزچە خەت بىلەن ئۇيغۇرچە خەت بىر قۇردا كەلسە ئورنى ئالمىشىپ كېتىدىغان ئەھۋال ئۇچىرايدۇ. يۇمشاق دېتالنىڭ يۆنىلىشنى ئوڭدىن سولغا توغرىلىساق ئوڭشىلدۇ. شۇڭا تەرجىمە جەريانىدا ئېنگىلىزچە بىلەن ئۇيغۇرچىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالسا توغرىلايمەن دەپ ئاۋارە بولماي شۇ پېتى قويۇپ قويساڭلار بولىدۇ.
6. پېئىللارنى ئىشلىتىشتە مۇقىم ئۆلچەم بېكىتىۋالماي ئەھۋالغا قاراپ قىلساق بولىدۇ. مەسلەن: بىز كومپىيۇتېرغا بۇيرۇق بېردىغان تىزىملىك دېگەندەك يەرلەردە كۆچۈر، ئۆچۈر، يۆتكە... دەپ ئىككىنچى شەخىس تىلىدا ئېلىپ، كومپىيۇتېردىن بىزگە كۆرۈندىغان كۆرسەتمە ئۇچۇر، خاتالىق ئۇچۇرلىرىدا كۆچۈرۈڭ، ئۆچۈرۈڭ دەپ ئالساق يۇمشاق دېتال تېخىمۇ ئادىمىيلىشىدۇ، ئۇ سۆزنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىشلىتىلدىغانلىقىنى بىلمىسەك كۆچۈرۈش، ئۆچۈرۈش دەپ ئۈچۈنچى شەخىس تىلىدا ئالساق بولىدۇ.
(مېنىڭچە بولسىغۇ پېئىللارنىڭ ھەممىسنى بىر خىللا ئېلىپ بىرلىككە كەلتۈرۋەتسەك بولاتتى. ئەمما بىلىكتە مۇزاكىرلەشكەندە مۇشۇنداق بىرلىككە كېلىنگەن، شۇڭا بىزمۇ بىرلىككە بويسۇنايلى)
بۇلار مېنىڭ ھازىر ئېسىمگە كەلگەنلىرى، كام قالغان، تولۇقلايدىغان، خاتا يەرلىرى بولسا كۆپچىلىك ئەركىن-ئازادە پىكىر بەرسە بولىدۇ.
ساھران ئەپەندىنىڭ پىكىرى
يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا ئىنگلىزچە يۇمشاق دېتاللاردىكى تېز كۇنۇپكىلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان يۇمشاق دېتاللاردا خەنزۇچە ۋە ياپونچىغا ئوخشاش تەرجىمىدىن كېيىن تىرناق ئىچىگە ئىنگىلىزچىدىكى ماس تېز كۇنۇپكىنى ئورۇنلاشتۇرىمىز. تىرناق ئىچىدىكى ئېنگىلىزچە ھەرپ چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلدۇ. ئادەتتە Windows سۇپىسىدىكى يۇمشاق دېتاللاردا تېز كۇنۇپكا ھەرپىدىن ئىلگىرى & بەلگىسى كېلىدۇ، Linux سۇپىسىدىكى يۇمشاق دېتاللاردا تېز كۇنۇپكا ھەرپىدىن ئىلگىرى _ (ئاستى سىزىق) بەلگىسى كېلىدۇ، يەنە بىر قىسىم مەشغۇلات سۇپىسى تاللىمايدىغان يۇمشاق دېتاللاردا تېز كۇنۇپكا ھەرپىدىن ئىلگىرى ~ (تەخمىنەن) بەلگىسى كېلىدۇ. مەسىلەن:
مەشغۇلات سۇپىسى ئىنگلىزچە ئۇيغۇرچە
Windows سۇپىسى &File ھۆججەت (&F)
Linux سۇپىسى _File ھۆججەت (_F)
OpenOffice دېتالى File~ ھۆججەت (~F)
يۇمشاق دېتال تەرجىمىسىدە بەزى ئىنگلىزچە سۆزلەر(مەسىلەن، مەھسۇلات ئاتى، تاۋار ماركىسى ۋە باشقا تەرجىمە قىلىنمايدىغان ئىنگىلىزچىدىكى مەخسۇس ئاتالغۇلار شۇ پېتى ئېلىنىدۇ، Windows, Linux, Gnome, GTK قاتارلىق) شۇ پېتى ئېلىنىدۇ، شۇڭلاشقا ئىنگىلىزچە ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلار ئارىلاش كەلگەندە تەرجىمە يۆنىلىشى ئوڭدىن سولغا تەرجىمە قىلىنىدۇ، تەرجىمە دېتالىدا ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە سولدىن ئوڭغا كۆرۈنگەندە تەرجىمە ئۇچۇرلار ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما سىستېما كۆرسىتىش يۆنىلىشى ئوڭدىن سولغا توغرىلانغاندا تەرجىمە ئوڭدىن سولغا تەرجىمە قىلىنغاچقا توغرا كۆرۈنىدۇ.
مەسىلەن:
Load additional GTK+ modules
قوشۇمچە GTK+ بۆلىكىنى يۈكلە
Embed GhostScript fonts only
GhostScript خەت نۇسخىنىلا سىڭدۈر
Linux console
Linux تىزگىن سۇپىسى
يۇمشاق دېتال تەرجىمىسىدىكى ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنى ئەسلى پېتى تەرجىمە جۈملىسىگە ئورۇنلاشتۇرىمىز.
مەسىلەن:
%d hour ago
%d سائەت ئىلگىرى
"%s" is busy.
"%s" ئالدىراش.
Add '%s' to %s Dictionary
'%s' نى لۇغەت %s غا قوش
Saving document to %s
پۈتۈكنى %s غا ساقلاۋاتىدۇ
قوللايمەن.ئىمكانقەدەر ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى ئىشلەتسەك.قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلۈكلەرنى ئىشلىتىشكە بولسا مۇشۇنىمۇ ئويلىشىپ كۆرسەك.پەقەت ئامال بولمىغاندا ۋاقتىنچە باشقا تىللاردىكى سۆزلۈكلەرنى ئىشلەتسەك،مەن قېرىنداش تىللاردىكى ئۆزبىك.تۈرك تىللىرىدىكى ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئىنگىلىزتىلى ۋە باشقا تىللاردىكى ئاتالغۇلارنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.گۇرۇپتىكى بالىلار بىلەن بەزى ئاتالغۇلارغا سۆز ياسىساقمۇ بولىدۇ. turan يوللانغان ۋاقتى2011-3-31 14:36 static/image/common/back.gif
قوللايمەن.ئىمكانقەدەر ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى ئىشلەتسەك ...
مەقسىتىمىزمۇ ئۇيغۇر تىلىغا پايدىلىق بولۇش، يۇمشاق دېتالنى ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش.
دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق. يەنە بىر مەسىلە كىرگۈزگۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسى،بەزىلەر ئويغان كىرگۈزگۈچنى،يەنە بەزىلەر ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىمىز.شۇڭا گۇرۇپپىدىكى ھەممەيلەننىڭ ئويغان كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.شۇنداقلا يەنە كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2011-3-31 17:15
ئويغان، ئەلكاتىپ 4.1 دىن يۇقىرىسى، ۋىندوۋىس 7 نىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى ھەممىسى ئۆلچەملىك. بىر-بىرىگە ماس كېلىۋېرىدۇ. قايسسىنى ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ. مىنىڭچە بىزمۇ ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىپ ماس ھالدىكى سۆزلەرنى ئىجاد قىلساق بۇلىدۇ،بۇرۇن ئىلىم -پەن قەرەققى قىلمىغان ۋاقىتتا ئىنگىلىز تىلى،ياپۇن تىلى،خەنزۇ تىلىدىمۇ بۇ ئاتالغۇ لار يوق ئىدى ئۇلارمۇ ئىلىم -پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ شۇ يېڭى شەيئىنىڭ تاشقى كۈرۈنىشى،ئالايدىلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق سۆزلەرنى ئىجاد قىلغان ،شۇڭا بىزمۇ شۇ دىتال ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى باشقىلاردىن ئەينەن كۈچۈرۈپ قۇبۇل قىلماي ،پاساھەتلىك ئانا تىلىمىز بىلەن ئىپادىلىسەك تىلىمىزنىڭ ساپلىقى ۋە ئىپادىلەش كۈچى ئاشىدۇ ياشاڭلار بۇرادەرلەر، سىلەردىكى قىزغىنلىق مېنى خېلى ئەسلىمگە كەلتۈردى، ئەمما بۇلار بىر پاراڭ بوپ قالمىسۇن!!! ئەمما بۇلار بىر پاراڭ بوپ قالمىسۇن!!!
ھازىر گۇرۇپپىدا 32 ئادەم بار، مەن ئۆزۈممۇ بۇلارنىڭ ھەممىسنىڭ ئاخىرغىچە گۇرۇپپىدا تۇرۇپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشىغا ئىشەنمەيمەن. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ساماندىن دان ئايرىلىپ چىقىدۇ. ھېچ بولمىسا مەن ئۆزۈم يالغۇز بىر ئادەم قالساممۇ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرىمەن.
بۇئىشقا مەنمۇقىزىقىمەن مىنىڭمۇ يامان ئەمەسساۋادىم بابوسا بۇ گۇرۇپپىغا مىنىمۇ قۇشاپ قويساڭلا ،يانا بىرگەپ مىنىڭ تەكلىپىم تەرجىمە دىتالنىڭ تىزىمىلك قۇرىنى ئامالبارئوڭدىنسولغا تىزىلىدىغان قىلىپتەرجىمەقىلساق بۇلاتتىيەنەتىزىملىكقۇرىدىتالنىڭئوڭ تەرىپەدەتۇسا بۇلاتتىبۇبىزنىڭئۇيغۇرتىلىمىزغا ماسكەگەن بۇلاتتى مۇشۇنداق قىلغىنى بۇلادمدىغاندۇبوساماڭا تەرجىمەئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان دىتالنىڭ ئەڭنوچىللىرىدىنبىر نەچچىنى ئەۋەتىپبەسەڭلا بەزى دىتاللانى پاسسولودا تەرجىمە قىلغىنى بوممايدىكەنئامالباربۇگۇرۇپپىغا مىنىمۇقۇشاپ قويساڭلا alip يوللانغان ۋاقتى2011-4-12 12:47 static/image/common/back.gif
ھازىر گۇرۇپپىدا 32 ئادەم بار، مەن ئۆزۈممۇ بۇلارنىڭ ھەم ...
روھىڭىزدىن بەك تەسىرلەندىم !!! تەرجىمىدە ئىشلىتىدىغان ياخشىراق قۇراللار بولسا يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن،رەھمەت لەرزان يوللىغان ۋاقتى2011-8-25 19:36 static/image/common/back.gif
تەرجىمىدە ئىشلىتىدىغان ياخشىراق قۇراللار بولسا يوللا ...
/forum.php?mod=forumdisplay&fid=63 ياخشى پىكىر ھەممىمىزقوللايمىز :D http://www.pgpop.com/image/face1.gif8错8错,支持~~~
http://qb.lqualyn.com/images/sigline.gif
祛斑产品 顶起来,受教了,http://www.pgpop.com/image/face1.gif支持支持
http://qb.lqualyn.com/images/sigline.gif
祛斑产品排行榜10强