uznur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 23:41:06

ماۋۇ بىلىملەرنى ئوقۇپ قويسىڭىز ئالدىنىپ قالماسلىقىڭىز مۇمكىن (1)

جەمئىيەتنىڭ ئۇچقانداق تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا ،كۆپلىگەن كىشىلەر ئاساسەن تاۋباۋدىن مال سېتىۋېلىشقا بەكرەك قىزىقىۋاتىدۇ ،ھەم ئانچە مۇنچە مۇنبەرلەردە سودا قىلىشىۋاتىدۇ ،بەزىلىرى رازى بولسا يەنە بەزىلىرى ئالدىنىپ قېلىۋاتىدۇ ،قايسى كۈنى مەن ئۇزاق ئويلىنىپ قويمىچىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر تىما يازسام ،تاس قالدىم سوراققا تارتىلىپ كەتلىكى ،ھەتتا بىزىلەر مىنى ئۈندىدار چ چ رىدا قاچىلاپ ،سىز نىمىشقا بۇنداق قىلىشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟ نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىسىز ؟دىگەندەك سوئاللارنى سوراپ خۇددىي جىنايەتچىدىن سوئال سورىغاندەك مىنى بەكمۇ تويغۇزىۋەتتى،شۇڭا دەرھال ئالىپكامغا ئۇچۇر يىزىپ ،ئۇ تىمىنى ئۆچۈرۋېتىشنى تەلەپ قىلدىم. مىنىڭ قىلۋاتقىنىم ،ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن ،قېنى ئېيتايلۇق؟ئالىپكام مۇنۇ مۇنبەرنى نىمىشقا قۇردى ؟چۈنكى بۇ مۇنبەرنى قۇرۇپ ،ئۇچۇر تېخنىكا جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى .مەن نىمە ئۈچۈن بۇ تىمىنى يوللايمەن ؟بىرمۇ بولسا سىلەرگە پايدىلىق بولسۇن دەپ.ئۇنىڭدىن بۆلەك ،مۇنبەردە بىر تۈركۈم تىرىشچان ياشلار بار ،ھەر خىل تېخنىكىلارنى ،ئەپلەرنى تۈزۈپ چىقىپ بايقاپ دوسلارغا سۇنىدىغان،بۇنىڭدىنغۇ ياخشى پايدىلنىۋاتىمىز ،ئەمما يەنە شۇنداق بىر ئادەملەر باركى ،گەپ توغرا كەممەيدىغنان .بۇلار ئۈچۈن چېچىلىش مىنىڭچە ئارتۇقچە ئىش.

خوش ،ئۆز گىپىمىزگە كىلەيلى ،مەن ھازىر سىلەرگە توردىن يانفۇن سېتىۋالغاندا ،بولۇپمۇ تاۋباۋدىن ،نىمىلەرگە دىققەت قىلىمىز شۇنى بىر سۆزلەپ ئۆتەي.
تاۋباۋدا دۇكانلار بەك جىق ،لىكىن قويمىچىلارمۇ ئاز ئەمەس،بىز دىگەن ئايفون6چىقىشتىن بۇرۇن ياساپ بازارغا سېلىپ بولىمىز ئەمەسمۇ :lol ،بەزى نۇقتىلاردا دىققەت قىلمىغاندا ئاسانلا ئالدىنىپ كېتىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ .
ئەگەردە،سىز بىر يانفۇن سېتىۋالماقچى بولسىڭزى ،ئاۋۋال شۇنىڭ تىيەنماۋدا بايراقدار دۇكىنى بارمۇ يوق دىگەنلەرنى تەكشۈرۈپ بقىڭ.چۈنكى تىيەنماۋ تاۋباۋغا قارىغاندا سەل ئىشەنچىلىك.
ئالما تىيەنماۋ بايراقدار دۇكىنى :http://apple.tmall.com
شىياۋمى تىيەنماۋ بايراقدار دۇكىنى:http://xiaomi.tmall.com
لىيەنشاڭتىيەنماۋ بايراقدار دۇكىنى:http://lenovo.tmall.com
جۇڭشىڭ تىيەنماۋ بايراقدار دۇكىنى:http://zte.tmall.com
سەنشىڭ تىيەنماۋ بايراقدار دۇكىنى:http://samsung.tmall.com
سونىي تىيەنماۋ بايراقدار دۇكىنى:http://sony.tmall.com
ۋاھازاكارلار.

ئەگەردە ،تىيانماۋ بايراقدار دۇكىنىدىن ئالمىسىسڭز ،چوقۇم تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ :

بىرىنچى دۇكان ئىناۋىتىگە ھەم ،تاپشۇرغان كاپالەت سوممىسىغا قاراڭ :


ئىككىنچى : باھا بېرىش بېتىنى ئېچىپ قاراڭ ،رەسىملىك باھالار بولسا شۇنى كۆرۈڭ .

ئۈچىنچى :جازالانمىغانمۇ جازالانغانمۇ شۇنىڭغىمۇ ئوبدان قاراڭ .


تۆتىنچى : سىز بىر يانفۇن ئېلىپ پۇل تۆلەش ئالدىدا 全国联保بارمۇ يوقمۇ ئوبدان قاراڭ.

بەشىنچى :مال كەلگەندە پۇل تۆلەش تۈرىنى ئىمكانقەدەر قوللانماڭ !ئەگەر پۇلىڭىز يەتمىسە ،پۇل تاپقاندا ئېلىڭ،چۈنكى مال كەلگەندە پۇل تاپشۇرۇش بەك خەتەرلىك ،پوچتىدىكىلەر ھەرگىزمۇ ئاۋۋال تەكشۈرۈپ ئاندىن پۇل تۆلىشىڭىزگە يول قويمايدۇ ،ئاۋۋال پۇلنى بېرىپ ئىمزا قويۇپ ئاندىن ساندۇقنى ئاچىسىز ،ئەگەر ئىچىدىكىسى ئوخشىتىپ ياسالغان ياكى بىر تال كىسەك بولسا ،بۇ چادا تامغا ئۈسىۋالسىڭزىمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ.

ئالتىنچى : مال كەلگەن ھامان ئالدىراپ مال تاپشۇرۋالغانلىقنى جەزىملەپ ،باھا بېرىۋەتمەڭ،ھازىر بىر قىسىم تاۋباۋ ئالدامچىلىرى ،تاپشۇرۋېلىپ 24سائەت ئىچىدە جەزىملەپ ،باھا بەرسىڭىز مانچە كوي قايتۇرىمىز دەيدۇ ،بۇمۇ سەل خەتەرلىك ،پۇلنىڭ قۇلى بولماڭ

يەتتىنچى : مالنى تاپشۇرۋېلىپ ،قاپنى ئاچقاندىن كىيىن تەپسىلىي تەكشۈرۈڭ ،راسمۇ يالغان ؟قۇشۇمچە زاپچاسلىرى تولۇقمۇ ؟تالونى بارمۇ دىگەنلەرنى ،ئەڭ ياخشىسى ھەممە نەرسىلىرىنى قاپنىڭ ئچىدە تۇرغۇزۇپلا رەسىمگە تارتىۋېلىڭ ،كام بوپ قالسا دەرھال ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

سەككىزىنچى :تالون ،بۇمۇ مۇھىم بولۇپ ،ھازىر قولدا يازغان تالونلارنى ئېتراپ قىلمايدۇ ،چوقۇم ماشىنكدا ئۇرۇلغان بولۇشى كېرەك. تالون ئارقىلىقمۇ ساختىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .ئەگەر گاڭگىراپ قالسىڭىز ،http://fapiao.youshang.comماۋۇ توربەتكە چىقىپ ،发票代码بىلەن 发票号码نى كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.ئالما ،شىياۋمى دىگەنلەرنىڭ ساختىسىدىن ساقلىنىش نومۇرى بار ،يوق تىلفۇنلارغا مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

توققۇزىنچى :مۇنبەرلەردە سودا قىلغاندا ،قارشىي تەرەپنىڭ ئەزا بولغان ۋاقتى ،يوللىغان تىمىسى دەرىجىسى دىگەنلەرگە دىققەت قىلىڭ ،ئەگەر چ چ دا سودا قىلىشقان بولساڭلار ،چ چ دەرىجە ،چ چ بوشلۇق دىگەنلەرنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ ،ئالدامچىلار ئادەتتە مەخسۇس چ چ ئىشلەتمەيدۇ ،سىزنى بۇ چ چبىلەن ئالدىغان بولسا ،قارشىي تەرەپنى ئۇ چچ بىلەن ئالدايدۇ.چ چ بوشلۇقنى باشقىلار كۆرەلمەس قىلىپ قويىدۇ .

ئونىنچى : ھازىر سىز چ چ رىڭىزنىڭ ئادەم ئىزدەيدىغان يىرىنى ئېچىپ سۆز ئارقىلىق ئىزدەش تۈرىگە苹果手机专卖دەپ يازىدىغان بولسىڭىز ،ئەيھانناس كۈرمىڭ ئادەم چىقىدۇ ،ئۇلار دىگەن ئايفوننى شاپاق نەرقى ساتىدىكى ،چ چ بوشلۇقلىرىدا ئۇ شەھەردىن پالانى تاپشۇرۋالدى دىگەندەك ئۇچۇرلىرىنى چىقىرىپ كۆزىڭىزنى ئالاچەكمەن قىلىدۇ .مىنىڭمۇ چ چ رىمدا شۇنداقلاردىن 2سى بار ،مەن ئۇزاق مۇددەت دىققەت قىلدىم ،ئۇ سولتەكلەر ئايفون 6چىقماستىن بىر ئاي بۇرۇن بازارغا سەپ بولغان ،گەپلىرىنى ئاڭلىسىزڭىز ،شۇ زامان ئۇلاردىنمال سېتىۋېلىپ ،ئۆز ناھىيە شەھەرلىرىڭىزدە تىلفۇن دۇكىنى ئاچقۇڭىز كىلىدۇ ،دەششەت ئىشقىلىپ .ئەسلى سۈرەتكە تۇتماقچىتىم ،تۇتقىلى بولمىدى ،شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئىشەك بىلەن بولغان ئازراق دىئالوگنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ دەپ بېرەي :
مەن: نەچچە كۈندە شىنجاڭغا كىلىدۇ ؟نەدىن ئەۋەتىسەن ؟
ئۇ:ئىككى ئۈچ كۈن ئەتراپىدا .شىياڭگاڭدىن.
مەن:بۇ ئايفون6تەقايسى نۇسخىلىق ؟
ئۇ شىياڭگاڭ نۇسخىلىق .
مەن :قايسى تورلارنى تونۇيدۇ ؟
ئۇ:ئۈچ تورنىڭ 3گ 4گ ھەممىسىنى تونۇيدۇ .(ئانىسىنىڭ شەھىرىدە شىياڭگاڭ نۇسخىلىق ئايفون ئۈچ تور تونۇمدۇ ؟)
مەن :16گ لىقى نەچچە پۇل ؟قانداق سودىلىشىمىز ؟
ئۇ : 3500كوي، پۇلنى ئۇرۇپ بەرسەڭ ،ھازىر مالنى ئەۋەتىمىز ،ياكى ئالدىن 200كوي ياجىڭ قويساڭ ئەۋەتىمز ،تاپشۇرۋېلىپ پۇل بېرىسەن.

مانا مۇشۇنداق ،قالغىنىنى يازماي ،ئۇنداق كىشىلەر سىزنىڭ ئەرزان پۇللۇق نەرسىلەرگە ئامراق بولغان پىسخىكىڭىزىدىن پايدىلانغان بولۇپ 100%قويمىچى ،قەتئىي ئىشىنىشكە بولمايدۇ ،تاۋباۋدا جا مال چىقسا ،مايۈن بۇ ئۆزۈڭلارنىڭ ئاچكۆزلىكىدىن بولغان دىگەن ،نۇرغۇن ئادەم بۇ گەپنى خاتا ئېيتتى دەپ ئويلىشى مۇمكىن ،لىكىن سىز ياخشى تەھلىل قىلسىڭىز ،بۇ گەپنىڭ توغىرلىقىغا ئىشىنىسىز.

ئون بىرىنچى : گەنجى تورى ،58شەھەرداشلار دىگەن توربېكەتلەردىكى ماۋۇ ئېلانلارغا ئىشەنمەڭ .مەسىلەن :

دەششەت ھە ،ئالما قول سائىتى 700كوي ،ئاشۇ بەتنى ئاچسىڭىز ،مەن بايا دەپ ئۆتكەن ھېلىقىدەك ئەرزان ماللىق قۇيمىچىلارغا ئۇچرايسىز .مىنىڭچە ئەڭ ياخشىسى باشقا نەرسىلەرنى مەسىلەن ئۆي ،ماشىنا دىگەنلەرنى ئۇچۇر بەتلىرىدىن كۆرسىڭىزمۇ ئالسىڭىزمۇ،مۇشۇتىلفۇن ،كومپىيوتىر دىگەنلەرنى ئۇچۇر تورىدىن ئالماڭ ،پۇلنى بەرسە ئېلان بېرىۋېرىدىغان خەق ئۇلار.

بىلىملىرىمىزئۈزۈلۈپ قالمايدۇ !بۇ تېمىنىڭ ئاخىرى بار ،بۇنىڭ ئۈچۈن مەن نۇرغۇن ماتېرىيال كۆرۈپ توپلاپ يازىمەن .سىلەرگە پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

نىجات .
2015.3.19. چاقىلىق .

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 00:43:21

رەھمەت

islamsuyar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 00:49:35

بەكلا پايدىلىق تىما يۇللاپسز قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن

Ahmetjan88 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 00:54:14

نان تېگىدىغان يازما:P

azrataly يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 00:56:30

رەھمەت ،مۇشۇ تاۋباۋغا ئ‍ىككىنجى قول مال چىقرىشتا نىملەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟

axnajan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 01:02:37

مەن ئالدىنقى ھەپتە تېز يوللانمىغا مال ئالغىلى بارسامخەن ئاداشدىن بىرى ئالما 6نى 2000گەئاپتو قاپنى ئچىپلا ئەييو:lolدەيدۇ ..

uznur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 01:03:12

azrataly يوللىغان ۋاقتى2015-3-20 00:56
رەھمەت ،مۇشۇ تاۋباۋغا ئ‍ىككىنجى قول مال چىقرىشتا نىمل ...

بۇنى مۇشۇ تىمىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا سۆزلەيمەن

amarjan115 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 01:06:26

رەھمەت قىرندىشىم

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

سەنسىز. يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 02:49:46

ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن ،

13767573787 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 03:39:17

rahmat

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

588588 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 04:25:29

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مۇنبەر ئەھلى مەن يىقىندا تاۋباۋ تورىدا ئالما5sتىلفۇنۇمنىڭ IDنۇمرىنى يىشىش ئۈچۈن بىرى بىلەن 500يۈەن گە سودىلاشقان ئىدىم ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۈتكەندىن كىيىن تىلفۇننىڭ IDنۇمرىنى يىشىىپ بولغانلىقىنى确认收货قىلسام كەچ سائەت بېيجڭ ۋاقتى 11دە ئاپتۇماتىك IDقۇلپى ئىچىلىپ كىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى شۇنىڭ بىلەن خۇشالچىلىقىمدا 确认收货قىلۋېتىپتىمەن سائەت 11بولغانداتىلفۇننى ئاچسام يەنە IDقۇلۇپ تۇرىدۇ شۇنداق قىلىپ ساتقۇچىغا خەت يازدىم لىكىن جاۋاپ يوق ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلىپ پۇلنى قايتۇرۇش ئۈچۈن تاۋباۋغا ئەرىز قىلدىم سىستىمىدا بىرتەرەپ قىلۋاتىدۇ دەپ بىرنەچچە كۈن ئۈتتى يەنە بىرنەچچە كۈندىن كىيىن تاۋباۋنىڭ بىز سىزنى قوللايمىز ساتقۇچى پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بەرسۇندەپخەت قالدۇرۇپ قۇيۇپتۇ لىكىن ساتقۇچىنىڭ كاپالەت پۇلى يوقمىش شۇڭا پۇل تۇلۇقلىشىنى كۈتۈپ تۇردىكەنمە لىكىن ھازىر ساتقۇچىنىڭ دۇكىىننى تاۋباۋننىڭ تاققىۋەتتىمۇ يا ئۆزى تاقىۋەتتىمۇ بىلمىدىم دۇكان تاقاق تۇردۇ مەن ھازىر قانداق قىلشىم كېرەك پەقەتلا بىلەلمىدىم ساتقۇچىنىڭ كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇشىننى ساقلىشىم كېرەكمۇ   ساقلىساممۇ بىرىبىر قايتۇردىغاندەك ئەمەس ئۇ يا تىلفۇننى ئاللمايدۇ تىخى قارا تىزىملىككە تىقىپ قۇيۇپتۇ تاۋباۋنىڭمۇ بى تەرەپ تۇرۋالغىنى قىزىق پۇلنى قايتۇرۇپ بىرسۇن دەپ قويسىلا بۇلامدىكىنەكۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بۇلدۇ ماڭا بىر يول كۆرسەتساڭلا بۇپتىكەن پۇلنى قاتيتۇرۋالالماي بەكمۇ بىشىم قاتتى 500يۈەن بىكادىنلا ئۇچۇپ كەتمەس ھەرقانچە بولسىمۇ

samsung يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 09:06:46

ئالامەت پايدىلىق تېمىكەن جۇمۇ

alkizar520 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 09:15:21

رەھمەت سىزگە

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

alkizar520 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 09:18:46

قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

alkizar520 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 09:22:51

قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
بەت: [1] 2 3 4
: ماۋۇ بىلىملەرنى ئوقۇپ قويسىڭىز ئالدىنىپ قالماسلىقىڭىز مۇمكىن (1)