جىڭدۇڭدىن مال سېتىۋېلىش دەرسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !ئەگەر چۈشەنمىسىڭىز قايتا قايتا 5قېتىم كۆرۈپ ئاندىن مەشغۇلات قىلىڭ!
جىڭدۇڭ تورى 京东بولسا 1998-يىلى بېيجىڭ جۇڭگۇەنسۈندە لىيۇۋچىياڭدۇڭ ئەپەندىم تەرىپىدىن قۇرۇلغان B2C(پارچە سېتىش تورى)بولۇپ.تولۇق نامى :بېيجىڭ جىڭدۇڭ ئەسىر سودا چەكلىك شىركىتى. ئورگان تور ئادرىسى:www.jd.com. جىڭدۇڭ بولسا تاۋباۋغا ئوخشىمايدۇ،تاۋباۋدا شەخسىيلەر دۇكان ئېچىپ سودا قىلىدۇ،ئەمما جىڭدۇڭ بولسا بىر پارچە سېتىش كارخانىسىدىن ئىبارەت.100%مال ھەقىقىي مال، بىر تال 360wifiئالسىڭىزمۇ ماشىنكىدا ئۇرۇلغان تالون بويىچە ئەۋەتىدۇ،پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كاپالەتكە ئىگە .مەيلى قايسى يىللىق بولسۇن،ناچار ،ساختا تاۋارلار سېتىلغان سودا بەتلىرى ئىچە جىڭدۇڭ يوق.
خوش،يۇقىردا جىڭدۇڭنى ئازراق تونۇشتۇرۇپ قويدۇم،بۇنى كۆرۈپ ما ئاداش ئۆتكەندە ئالىپاي ،تاۋباۋ دەپ كاپشىيتتى،ئەمدى جىڭدۇڭنى ماختىغىلى تۇردى دىسىڭىزمۇ مەيلى،ھەر قانداق ئىش قىلغاندا ئازراق چۈشەنچە بەرمىسەم،سەل تۇرۇپ ماۋۇ تىمىنىڭ ئاستىغا ،بۇ بېكەت ئىشەنچىلىكمۇ ؟ئۇنداقمۇ بۇنداقمۇ دىگەندەك پاخال ئىنكاسلارنىڭ چۈشىدىغانلىقىغا مۇقەررەر ئىشىنىمەن.
ئۆتكەندە بىر ئاغىنىمز مۇنبەردە ماڭا ئۇچۇر يىزىپ ،جىڭدۇڭدىن مال سېتىۋېلىش توغرىسىدا بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز دىگەنىدى ،لىكىن ۋاقتىم يەتمەي تاشلاپ قويغان ئىدىم،بۈگۈنۋاقتى كەلگەن چېغىۋا ،شۇڭا سۆزلەپ ئۆتەي،
ھەرقانداق ۋاقىتتا ،بولۇپمۇ مۇشۇ توردىن مال سېتىۋېلىش دىگەندە ،مىنىڭچە خەنزۇچىنى بىلمەي تۇرۇپ توردىن مال سېتىۋالالالمايسىز،شۇڭا ئالدىراپ جىددىي ياردەم دىگەندەك تىمىلارنى يوللاپ يۈرمەي ،تىمىڭىز تەستىقلانمىسا باشقۇرغۇچىدىن كۆرمەي،شالاققىدە بەيدۇنى ئېچىپ سوئاللىرىڭىزنى يازسىڭىز جاۋابى چىقىدۇ .شۇڭا دوسلار ئاۋال ئۆزىمىز قىلىپ باقايلى ،قىلالمىساق ،بەيدۇدىن ئىزدەپ باقايلى ،ئەگەر قىلالىساق مۇنبەرگە تىما يىزىپ قالغان قېرىنداشلارنىمۇ خەۋەرلەندۈرسەك ،بۇ تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ ئەلۋەتتە!
خوش ئەمسە باشلايلى :
ھە راس : بۇ توربەتتىن مال ئالساق يالغان چىقامدۇ دەپ سورىماسلىقىڭزىنى ئۈمىد قىلىمەن ،100%مال ھەقىقىي مال، بىر تال 360wifiئالسىڭىزمۇ ماشىنكىدا ئۇرۇلغان تالون بويىچە ئەۋەتىدۇ،پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كاپالەتكە ئىگە .مەيلى قايسى يىللىق بولسۇن،ناچار ،ساختا تاۋارلار سېتىلغان سودا بەتلىرى ئىچە جىڭدۇڭ يوق.مەنمۇ ئادەتتە كىيىم كىچەك دىگەنلەرنى تاۋباۋدىن ئالسام، باشقا يانفۇن دىگەنلەرنى جىڭدۇڭدىن ئالىمەن،تا ھازىرغىچە يالغغان مال تاپشۇرۋالمىدىم.
ئاۋۋال www.jd.comماۋۇ توربەتكە كىرىڭ ھەمدە تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ:
تىزىملىتىنى بېسىپ كىرگەندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىڭ :
ئەمدى ئاۋۇ 立即购物دىگەنىنى بېسىپ مال سېتىۋېلىشنى باشلايلى.
ئۆزىڭىز خالىغان بىر مالنى تاللاڭ ،
رەسىم توغرىسا ئازراق سۆزلەيلى :مەزكۇر ئايپون 6نى ئالسا، بۈگۈن پۇل تۆلىسەك ،3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىنبرۇن چاقىلىققا كىلىدىكەن،قالغان يەرلەرنى چۈشەندۈرمەيمەن ،رەسىمدە ئوچۇق بار !
ئەمدى تاللاپ بولغاندىن كىيىن 加入购物车(مالنى لاداغا سېلىش)دىگەننى باسىمىز :lol .نىمىشقا دەپ سورىماڭ !
ئېچىلغان بەتتىن ،تۆۋەندىكىدەك قىلىمىز:
ئاۋۇ 去购物车结算(لاداغا بېرىپ ھېسابات قىلىڭ )دىگەننى بېسىڭ .
ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك يەر چىقىدۇ،ئۇنىڭدىن 去结算(ھېسابات قىلىڭ )نى باسىمىز :
بۇنى باسساق تۆۋەندىكىدەك بىر يەر چىقىدۇ ،بۇنى ئۆزىڭىز تولدۇرۇڭ:
ئادرىس ،ئىسىم ،تىلفۇن نومۇرلىرىڭىزنى تولدۇرۇڭ ، ئىسمىڭىزنى تولۇق يىزىڭ ،چۈنكى تالون يازغاندا ھەقىقىي ئىسىم كېتىدۇ ،يېزىپ بولۇپ باۋسۈن دىگەننى بېسىپ ساقلاڭ .
ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمگە ئوبدان قاراڭ ،پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ،بۇ ھەرگىزمۇ ئالىپايغا ئوخشىمايدۇ ،ئاندىن جىڭدۇڭدا ئالىپايدىن پۇل تۆلىگىلى بولمايدۇ ،شۇڭا دىققەت قىلىڭ ،مەن ھازىرتەپسىلىي سۆزلەيمەن :
在线支付بولسا ،بىز تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل تۆلەشنى كۆرسىتىدۇ ،جىڭدۇڭ رايونىمىزدىكى ئۆكپ بانكىلارنى(ئامانەت قەرزدىن باشقا 9قوللايدۇ ،ئەگەر 在线支付قىلماقچى بولساق تور بانكىسى ئارقىلىقلا پۇل تۆلىسەك بولىدۇ .تەپسىلىي ئادرىسى :http://help.jd.com/help/question-68.html
分期付款دىگەن ،ئىناۋەتلىك كارتىدىن پۇل تۆلەش .تەپسىلىي ئادرىسى :http://help.jd.com/help/question-71.html
公司转账بولسا شىركەت ھېساباتىدىن پۇل تۆلەش.تەپسىلىي ئادرىسى :http://help.jd.com/help/question-70.html
邮局汇款بولسا پۇل پېرىۋوت قىلىش .تەپسىلىي ئادرىسى :http://help.jd.com/help/question-69.html
مەن بۇ يەردە پەقەت 在线支付نىلا سۆزلەيمەن ،ئەگەر باشقا ئۇسۇل بويىچە پۇل تۆلەيتتۇق دىسىڭىز ،ئاۋۇ مەن قالدۇرۇپ قويغان ئادرىسلارغا كىرىپ كۆرۈپ چۈشىنىپ ھەزىم قىلىپ ئاندىن قىلىڭ .يەنە بىر گەپ يەنە دىسەم دەيمەنكى :ئالىپاي بىلەن تۆلىسەك بولامدۇ ؟ ياق !
ئەمدى پۇل تۆلەيمىز :
ئاۋۇ يۇقىرىدىكى رەسىمدىكىدىكى پۇل تۆلەش دىگەننى بېسىڭ .
ئەمدى تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ .
يۇقىردىكى رەسىمدە مەن كاتەككە ئېلىپ قويغانلار ،شىنجاڭدا دائىملىق ئىشلىتىدىغان بانكىلار، ئۆز تاللىشىڭىز بويىچە تور بانكىسىدىن تۆلىسىڭىزمۇ ،ياكى بىۋاستا كارتا نومۇرىڭىزنى يېزىپ تىز سۈرئەتتە تۆلىسىڭىزمۇ بولىدۇ .ۋە ياكى تۆۋەندە مەن يوللىغان رەسىمدىكى ئۈندىدار ئارقىلىق ،بانكا بىرلەشمىسى ئارقىلىق تۆلىسىزڭىزمۇ بولىدۇ .،تاللاپ بولغاندىن كىيىن ،مەسىلەن :
شۇنىڭ بىلەن ،پۇلنى ئوقۇشلۇق تۆلىدۇق.
ئامدى ،باشبەتكە قايتىپ 我的订单كىرىپ مېلىمىزنى سۈرۈشتۈرسەك بولىدۇ.ئادەتتە كۆپ دىگەندە 24سائەت ئىچىدە ئىسكىلاتتىن چىقىپ يولغا چىقىدۇ.
خوش، بىر قىسىم سوئال جاۋابلار :
جىڭدۇڭدىن مال ئالساق پوچتا ھەققى ئالامدۇ ؟
جاۋاب:مال سوممىڭىز كىچىك بولسا ئالىدۇ ،تەخمىنەن 5يۈئەن .يۇقىرى بولسا ئالمايدۇ .
جىڭدۇڭدىن مال ئالساق ،قايسى يوللانمىدىن ئەۋەتىدۇ ؟
جاۋاب:جىڭدۇڭ ئورتاق بىر تۇتاش ھالدا جۇڭگو پوچتىسىدىن ئەۋەتىدۇ .
جىڭدۇڭدىن مال ئېلىپ ساتقۇچى بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمىز ؟
جاۋاب :ئالاقىلىشىش كەتمەيدۇ ،بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۆريىتى يوق.
شۇنداق قىلىپ ،بۇ دەرس ئاخىرلاشتى،ئەگەردە .بىلمىگەن ،چۈشەنمىگەن يىرىڭلار بولسا ،قايتا قايتا ئوقۇساڭلار چۈشىنىسىلەر، سىلەرگە ئاق يول بولسۇن،كىيىنقى قېتىم بىز قانداق مال قايتۇرۇش دىگەنلەر توغرىسىدا توختىلىمىز،مەزكۇر تىمىنىڭ ئىشلتىش ھوقۇقى پۈتۈن ئالىپ ئورىغا تەۋە ،قالايمىقالان يۆتكەپ ئىشلەتمەڭ.
نىجات. 2015-يىلى 19-مارت .چاقىلىق.
ئەگەر تارتۇلار بولسا قەتئىي تارتىنمايمەن جىما :loveliness: ئەسلى ،پۈتۈن رەسىم،خەت يېزىلغان ئىدى ئەمما مائۇ رەسىمگە تۇتقۇچ بولمايدىكەن ،مەنمۇ ھېلى بايقىدىم ،كەچۈرىسىلەر. ئەگەر ياردەم كىرەك بولسا 757845440ماۋۇۈچ چ نى قېتىپ سالام سائەتنى قويۇپ ئۇدۇللا سوئالىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز جاۋاب بېرىمەن ،ئۈندىداردا قاتماڭلار ، قىززىق لىنىيە بولمىغانكىن ، ئۈندىدارىم تۇڭخاجۇڭ ،پەقەت دوس بۇرادەرلە ئالاقىسىگىلا ئىشلىتىمەن،چ چ دا قېتىڭلا ، ئاۋۋال ماۋۇ دەرسلىك ياخشى چىقىپتۇ.
لېكىن ماۋۇ جىڭدۇڭ دىنمۇ ساختا مال چىقىپ قالىدىكەن بەزىدە. 100% سۈپەتلىك، ئىشەنچلىك دەپ كېسىپ ئېيتساق بولماس. رەھمەت سىزگە ھەقىقەتەن چۇشىنىشلىك بۇپتۇ،
»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان رەھمەت سىزگە ،دەرسلكنى ناھايىتى ياخشى ئىشلەپسىز،لىكىن خەنزۇچىغا پىشىق بۇلمىسا بۇنىڭىدىن مال ئالماق تاۋباۋغا قارىغاندا خىللا تەسكەن،بۇلۇپمۇ پۇل تۇلەش جەريانى مۇرەككەپكەن، ھەقىقەتەن ناھايىتى چۈشىنىشلىك تىما بوپتۇ! MSM يوللىغان ۋاقتى2015-3-19 22:15
ئاۋۋال ماۋۇ دەرسلىك ياخشى چىقىپتۇ.
لېكىن ماۋۇ جىڭدۇڭ د ...
ھەئە،دۇنيادا 100%لىك ئىش يوق دىگەندەك ،بۇنىڭغا بىرنىمە دىگىلى بولمايدۇ،لىكىن ئەمما ،تاۋباۋدەك ساختا ھەم قويمىچىلار يوق،بولۇپمۇ ئېلىكتىرون بۇيۇملىرى ،زىبۇزىننەت ،داڭلىق ماركا ئالىدىغان دوسلارغا تاۋباۋ تىيەنماۋغا قارىغاندا جىڭدۇڭ بەكرەك ئىشەنچىلىك. رەھمەتتىمائىگىسى بەلەن دەرسلىك،،،،،،،،،،،،،مەنمۇ دەسلەپتە تاۋباۋدىن مال ئېلىشنى ئۆگىنەي دەپ ئاز تولا تۇتۇشۇپ باقتىم، مال ئالغۇدەك سەۋىيەگە كەلدىميۇ ئەمما بىر نەرسە ئېلىپ باقمىدىم، خەنچە تازا بىلمەيمەن، شۇنداقتىمۇ يەنە جىڭدوڭ تورىغا كىرىپ ھەپىلىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئوبدان چىقىشىپ قالدىم، ھى،،ھى،،،
جىڭدوڭدىن تۇنجى قەدەمدىلا 1500 سومغا سامسۇڭ تېلفۇندىن بىرنى ئېلىپ ھازىر ئىشلىتىۋاتىمەن، ئاقسۇغا ساق ئون كۈندە كەپتۇ، كېيىن يەنە ئاياغ تېلفۇن قېپى دىگەندەكلەرنىمۇ ئالدىم، پوچتىخاندىن كېلىدۇ، كىرا تۆلىمەيمىز، 50 سومغا ئالغان تېلفۇن قېپىغىمۇ كىرا دىمىدى ئىشقىلىپ،،سەككىز كۈن ياكى ئون كۈن ئىچىدە كېلىۋاتىدۇ، ماللىرىدىن مەن رازى، مۇلازىمىتىدىنمۇ رازى، ،،،تور بانكىسىدىن چىقىم قىلىمەن، ،،مېنىڭ كەسىپ ئەھلىلىرىدن سورايدىغىنىم ، بىز ئەگەر مالنى ئېلىپمۇ تاپشۇرىۋالغان ئۇچۇرنى ئەۋەتمىسەك ئۇلار قانچە كۈنگىچە پۇلنى جىم ساقلاپ ئاندىن كېيىن مەجبۇرى يۇتۇۋالىدۇ؟،،بۇنداق نىيەت يوق ئەمما بىلگۈم كېپ قالدى،،:lol كوپ رەھمەت
»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان samanyoli يوللىغان ۋاقتى2015-3-19 22:53
بەلەن دەرسلىك،،،،،،،،،،،،،مەنمۇ دەسلەپتە تاۋباۋدىن م ...
يانفۇننىڭ 15كۈنمۇ 20كۈنمۇ دەيمەن ،ھەر قايسى نەرسىلەرنىڭ ئوخشىمايدۇ.:lol بەزى نەرسىلەرنى شىنجاڭغا ئەۋەتكىلى ئۇنمايدىكەن. samanyoli يوللىغان ۋاقتى2015-3-19 22:53 static/image/common/back.gif
بەلەن دەرسلىك،،،،،،،،،،،،،مەنمۇ دەسلەپتە تاۋباۋدىن م ...
سىناپ باقاي دەپسىز دە//mobcent//app/data/phiz/default/03.png//mobcent//app/data/phiz/default/03.png
alip يوللىغان ۋاقتى2015-3-19 23:21
بەزى نەرسىلەرنى شىنجاڭغا ئەۋەتكىلى ئۇنمايدىكەن.
ھەئە شۇڭا ھېلىقى شىنجاڭغا مال بارمۇ يوقمۇ دىگەن يەرگە قاراپ ئېلىش كىرەك