ilterish يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 18:24:56

قىزىل تېرۋۇگا Red Alert 2 نى windows7/8 دە ئويناش ئۇسۇلى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلاركەمىنە ئىلتەرشدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام.ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن .
بۇ قېتىمقى تىمام بولسا خېلى كۆپ يىللار ئىلگىرى ھەممىمىز ئوينىغان ، كۆرگەن ھەم قىززىققان بىر ئىسىل ئۇيۇن بارىدىشۇ ئۇيۇننى مەنچە ئوينىمىغان ئادەم يوق دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە شۇ ئۇيۇننى ھازىرقى كومپىيوتىر ۋە مەشخۇلات سىستىمىسىغا ماسلاشتۇرۇشنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن چۈنكى مەزكۇر ئۇيۇننى قاچىلاپلا ئاچساق ئىكران قارا بۇلۇۋالىدىكەن ئەلۋەتتە كۆزنەك xpبوسا ئۇنداق بولمايدۇ ،شۇڭا بىلىدىغانلار مازاق قىلمىساڭلار بىلمەيدىغانلاركۆرۈۋالساڭلار .
ئەمسە قائىدەم بۇيىچە ئۇيۇننى بىر قۇر تۇنۇشتۇرۋىتەي گەرچە ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق بولسىمۇ .
-----------------------------------------------------------------------
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى:Command & Conquer: Red Alert 2
خەنزۇچە ئاتىلىشى:命令与征服:红色警戒2
ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى:بۇيرۇق ۋە تىز پۈكتۈرۈش، قىزىل سەزگۈرلۈك 2
ئۇيۇن تۈرى:جىددى ھەم كەسكىن
ئۇيۇن سىغىمى:132MB
ئۇيۇن ئاچقۇچى شىركەت:westwood
تارقاتقۇچى شىركەت: ئامېرىكا Electronic Arts    (EA)
ساتقۇچى دۆلەتلەر:ئامېرىكا ، جۇڭگۇ
ئۇيۇن تارقىتىلغان ۋاقىت:2000 يىلى 10 ئاينىڭ 15 كۈنى
ئۇيۇن ياسىغۇچىلار:Steven、Jim、Colin bush
ئۇيۇن تىلى:繁体中文/简体中文
ئىجرا بۇلۇش مۇھىتى: Windows xpئەنسىرمەڭ،7\8\8.1 لەردە ئىجرا قىلىدۇرۇش ئۇسسۇلىنى كۆرسىتىمەن.
-----------------------------------------------------------------------
ئەمسە سىستىمىغا ماسلاشتۇرۇشنى باشلايلى .
بىرىنجى قەدەم ئۇيۇننى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز .
مۇشۇنى بىرنى بېسىپ چۈشۈرىۋېلىڭ
كىيىنكى قەدەملەردە بولسا قەدەمدە بولسا رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بۇيىچە مەشخۇلات قىلسىڭىز بۇلىدۇ ناھايىتى ئاددى ھەم چۈشۈنۈشلۈك .
ئالدى بىلەن ئۇيۇننى ئورنىتىپ بۇلۇپ ئىكرانغا قارىسىڭىز تىز سۈرەتتە كىرىش ئۇلانمىسى قۇرىلىدۇ.
ئەسكەرتىش : ئۈستەل ئۈزىدىكى ئۇلانما رسىمنى يۇيۋىتىڭ .
ئاندىن ئۇيۇننى ئورناتقان جايغا كىرىسىز سەل ئاستىغا چۈشۈرسڭىز تۆۋەندىكى رەسىمدەك ئەسلى ئېچىلىش مۇندەرىجىسى كۆرىنىدۇ.

يۇقارقىسىنى ئۈستەل يۈزىگە يۈكلىۋىلىڭ ۋە خاسلىقىنى كۆرىدىغان جايغا كىرىپ تۆۋەندىكىدەك تەڭشەڭ.

ئاندىن مۇقۇملاشنى بېسىڭ .
ئۇيۇن غول مۇندەرىجىسىدىن چىكىنىۋەتمەي تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ھۆجەتنى ئېچىڭ.

بۇنى ئېچىپ سەل ئاستىغا چۈشۈرسىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك خەتنى كۆرىسىز.

Video دىگەن خەتنىڭ ئاستغا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كۆك رەڭلىك ئۈچ قۇر خەتنى كۆچۈرىمىز ۋە ساقلايمىز ئىش تامام.
خەتنى تۆۋەندىن كۆچۈرۋېلىڭلار.
VideoBackBuffer=on
AllowHiResModes=yes
AllowVRAMSidebar=on
ئەمدى ئويناپ كەتسەڭلەر بۇلىدۇ ..
ھە راس بىر سۇئالىم بارىدى مۇشۇ ئۇيۇننى قەشقەردە تۇرۇپ ئۈرۈمچىدىكىلەر بلەن ئوينىغىلى بۇلامدىغاندۇ ؟؟
--------
ھەرخىل تىل ئۆگۈنۈشىڭىزدە ماتىرىياللارنىڭ كۆپ بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلسىڭىز ئىزدەن تورىغامەرھەمەت قىلىڭ.
ئادرىس : www.izden.cc

ۋېلى زىرەككەك يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 18:44:32

بولىدۇ

ۋېلى زىرەككەك يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 18:46:29

جۇڭگۇدا تۇرۇپمۇ ئامرىكىدىكى كىشىلەربىلەنمۇ ئوينىيالايسىز :P:D

kazgu يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 18:49:46

مۇشۇبۇيىچەئ‍ويناپ باقايلى رەھمەت

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

ilterish يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 19:42:40

ۋېلى ىرەككەك يوللىغان ۋاقتى2015-3-17 18:46
جۇڭگۇدا تۇرۇپمۇ ئامرىكىدىكى كىشىلەربىلەنمۇ ئوينىيالا ...

قانداق ئوينايمىز؟؟؟
بۇ ئۇيۇننىڭ مۇلازىمىتىرى بولمىسا ؟؟
چىچ رىڭىزنى قوشتۇم،بولسا ماڭا دەپ بەرسىڭز ياكى ئىنكاس شەكلىدە قىلىپ يوللاپ قويسىڭىز

hiyalqan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 19:42:41

بۇ ئويۇننى win7 دە تورلاشتۇرۇپ ئويناش ئۇسۇلىنى ھەل قىلغانلار بارمۇ؟ تەجرىبەڭلار ھەم تەڭشەش جەريانىنى ئىيتىپ بەرسەڭلار بوپتىكەن، رەھمەت.

ilterish يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 19:46:50

باياتىن ئۇنتۇپ قاپتىمەن....

بەك بەك بەك مۇھىم ئىشدىن بىرنى ..   ئۇ بولسىمۇ مەزكۇر ئۇيۇننى ئوينىغاندا خەت كىرگۈزگۈچنىئامېرىكىچە توغۇرلايمىز ..
يەنى تۆۋەندىكىدەك ..

ۋىندوۋىس 8.1دەرەسىمدىكى ئەڭ ئۈستى خەنزچە كىرگۈزگۈچكە توغۇرلىسام نورمال ئەمەس...

ilterish يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 19:48:02

hiyalqan يوللىغان ۋاقتى2015-3-17 19:42
بۇ ئويۇننى win7 دە تورلاشتۇرۇپ ئويناش ئۇسۇلىنى ھەل قىلغا ...

مەنمۇ شۇنداق دىمەكچى ئىدىم

hiyalqan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 20:04:28

باشقا ناھيە، ئۆلكە، دۆلەت بىلەن ئەمەس بىر ئىشخانىدىكى ئىككى كومپيۇتېرنىمۇ win7 دە تورلاشتۇرالمايۋاتىمىز ھازىر. ھەل قىلغانلار تەجرىبەڭلارنى دېسەڭلار. توردىن ئىزدىسەك ئۇنى قىل، بۇنى قىل دەپ بىرمۇنچە ئۇسۇلغا سالىدىكەن، شۇ بويىچە قىلساقمۇ ئۈنۈمى بولمىدى ئەينا …

بارى يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 20:14:32

ئۇيغۇر يېزىقىمۇ تۇرامدۇ نېمە ؟

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

ilterish يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 20:18:50

بارى يوللىغان ۋاقتى2015-3-17 20:14
ئۇيغۇر يېزىقىمۇ تۇرامدۇ نېمە ؟

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرم ...

ئەلۋەتتە

穿越火线 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 21:12:21

hiyalqan يوللىغان ۋاقتى2015-3-17 20:04
باشقا ناھيە، ئۆلكە، دۆلەت بىلەن ئەمەس بىر ئىشخانىدىكى...

ئىشخانىدىكىلە بىلەن جەڭ قىلاي دەپسىز ھە:lol:lol

بارى يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 21:41:52

ilterish يوللىغان ۋاقتى2015-3-17 20:18
ئەلۋەتتە

ئەمسە ئۇيغۇرچىغا توغىرلاپ ئوينىساق بولمامدۇ ؟

X_O_H_X_O_H يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 22:12:47

رەھمەت مەنمۇ ۋىن 8دە ئوينىيالماي ۋىن7قاچىلىغانتىم مۇشۇ ئۇسۇلدا كۇچا قاتىلى دىگەندەك ئۇيۇنلارمۇ قوزغىلامدۇ؟

karkax0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 22:41:58

بۇ ئۇيۇننىڭ ئالما نۇسقىسى يوقمۇ دوسلار
بەت: [1] 2 3 4
: قىزىل تېرۋۇگا Red Alert 2 نى windows7/8 دە ئويناش ئۇسۇلى